خىتاي «پان-ھالالىزىم» غا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى قوزغاپ، ئۇيغۇرلارنى چوشقا گۆشى يېيىشكە رىغبەتلەندۈرمەكتە

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018.10.18
halalgha-qarshi-pan-halalizm.jpg ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەپتىش مەھكىمىسى چاقىرغان «پان-ھالالىزم» توغرىسىدىكى يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2018-يىلى 8-ئۆكتەبىر، ئۈرۈمچى.
urumqi.jcy.gov.cn

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا «پان-ھالالىزىم» غا قارشى تۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى ئىسلامى يېمەك-ئىچمەك ئادەتلىرىدىن ۋاز كېچىشكە رىغبەتلەندۈرۈشى رەسمىي سىياسىي ھەرىكەتكە ئايلانماقتا. مەزكۇر ھەرىكەت بۇ يىل 8‏-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا خىتايغا ئۆيلەنگەن مارالبېشىلىق بىر ئۇيغۇر مەمۇرى خادىمنىڭ ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى ماقالىسى بىلەن رەسمىي تۈس ئېلىشقا باشلىغان.

خىتاينىڭ چېڭدۇ شەھىرىدىكى بىر ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرۈپ، مەمۇرىي خىزمەت ئىشلەۋاتقان يۈسۈپ رىشىت ئۆزىنىڭ «دوستۇم، سەن ماڭا مۇسۇلمانچە ئاشخانا كۆرسىتىپ ئاۋارە بولما» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ھالال يېمەكلىك ئادىتىنىڭ نۇرغۇن قۇلايسىزلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى، يېمەك ئىچمەك پەرھىزىنى ئۆزگەرتىشنىڭ «ئاشقۇنلۇقنى تۈگىتىش» كە ئالاقىدار زور مەسىلە ئىكەنلىكى، شۇڭا ئۆزىنىڭ «ھالال-ھارام» دەپ ئايرىپ ئولتۇرماسلىقنى قارار قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

كۆزەتكۈچىلەر ئۇنىڭ ماقالىسى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئىسلامى ئىستېمال ئادەتلىرىدىن ۋاز كېچىشكە ئومۇميۈزلۈك مەجبۇرلاشنىڭ بىر سىگنالى بولۇپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا.

بۇ ھەرىكەت خىتاي ھۆكۈمىتى بىر مىليوندەك ئۇيغۇرنى «قايتا تەربىيەلەش» نامىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قاماپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان، خەلقئارا جەمئىيەت لاگېرلارنى تاقاپ، تۇتقۇنلارنى دەرھال قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى تۇتقۇنلارغا «كەسپىي تەربىيە» ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىنى ئاقلاۋاتقان مەزگىلدە ئوتتۇرىغا چىقتى. ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتى ‏-«شىمالىي ئامېرىكا ئىسلامى مۇناسىۋەتلەر كېڭىشى» نىڭ قارىشىچە، رايوندا يۈز بېرىۋاتقان يۇقىرىقى ھادىسىلەر ھەقىقەتەن كىشىنى چۆچۈتەرلىك ھادىسە بولۇپ، «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە خەلقئارا جەمئىيەت بۇنىڭغا تەدبىر قوللىنىشى كېرەك ئىكەن.»

مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ باياناتچىسى ئىبراھىم خۇپېر چارشەنبە كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، بىزنىڭ ھۆكۈمىتىمىز قولىدىن كېلىشىچە ئۇ يەردە نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقى، خىتايدىكى ئۇيغۇرلارغا نېمە ئىشلارنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقىشى، ئۇلارنىڭ دىنىي ھوقۇقى، پۇقرالىق ھەقلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ قوغدىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى بەك مۇھىم. خىتايدىن كەلگەن خەۋەرلەر كىشىنى چۆچۈتىدۇ. ئۇنى ئېنىقلاش ۋە شۇنىڭغا قارىتا تەدبىر قوللىنىش كېرەك.»

ئۇ يەنە رايوندا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ چوشقا گۆشى يېيىشكە، ئىسلامىي ئىستېمال ئادەتلىرىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقى شۇنىڭدەك ئۇنىڭ بۇ ئىشلارغا قانداق ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا ئۇ «بۇ خەۋەرلەرنى دەلىللەشكە ۋە شۇنىڭغا قارىتا تەدبىر قوللىنىشقا توغرا كېلىدىغانلىقى» نى بىلدۈردى.

يۈسۈپ رىشىت «ھالال-ھارام» نى ئايرىماسلىقنى تەرغىب قىلغان تۇنجى كىشى بولمىسىمۇ، ئەمما شۇنىڭدىن باشلاپ خىتاي كومپارتىيەسى رايوندىكى يەرلىك مەمۇرى خادىملىرىنى، پارتىيە ئەزالىرىنى، مائارىپ، ئەدلىيە خادىملىرىنى خىتاي رېستورانلىرىدا چوشقا گۆشى يېيىشكە ئورۇنلاشتۇرۇپ، بۇنى يەرلىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تەشۋىق قىلىشقا باشلىغان. يېقىندا ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەپتىش مەھكىمىسى «پان-ھالالىزىم» غا قارشى تۇرۇش سەپەرۋەرلىك يىغىنى چاقىرىپ، ئەدلىيە خادىملىرىنىڭ يېمەك-ئىچمەك جەھەتتىكى چەكلىمىلەرنى بۇزۇپ تاشلىشى، ئىدارە جەمئىيەتلەرنىڭ ئاشخانىلىرىدا پان-ھالالىزىمغا قارشى كۈرەش قىلىشى» تەكىتلىنىپ، «پارتىيە كادىرلىرىدا ۋە دۆلەتنىڭ مەمۇرى خادىملىرىدا يېمەك-ئىچمەك جەھەتتىكى چەكلىمە مەۋجۇت بولماسلىقى كېرەك» لىكىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي تاراتقۇلىرىدا يەنە مارالبېشى ناھىيەسىدىكى ئۇيغۇر كادىرلارنىڭ «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ لەززەتلىك تائام مەدەنىيىتىدىن بەھرىمەن بولۇپ، دىنىي چەكلىمىنى بۇزۇپ تاشلىغانلىقى» ھەققىدە كەڭ خەۋەر بېرىلگەن. خەۋەردە 10‏-ئاينىڭ 7‏-كۈنى ئالاغىر يېزىسىنىڭ باشلىقى ئابلىكىم مۆمىننىڭ ئۇيغۇر كادىرلىرىنى باشلاپ، سېرىقبۇيا بازىرىدىكى بىر خىتاي ئاشخانىسىدا تاماق يېگەنلىكى، ئۇلارنىڭ ياغدا داغلانغان پېدىگەن، سوغۇق چوشقا كاللا-پاقالچىقى، ياغدا داغلانغان چوشقا گۆشى، چوشقا قوۋۇرغىسى كاۋىپى، چوشقا گۆشىلىك پۇرچاق ئۇيۇتمىسى قاتارلىق 16 خىل خىتاي تائاملىرىنى ئىشتىھا بىلەن يەپ، يېمەك-ئىچمەك ئىستېمالىدىكى پەرھىزلەرنى بۇزۇپ تاشلاشتا ئۈلگە ياراتقانلىقى تەكىتلەنگەن.

خىتاينىڭ ئىسلامى ئىستېمال ئادەتلىرىنى چەكلەپ، رېستوران ۋە ئىستېمال مەھسۇلاتلىرىغا ھالال بەلگىسى قويۇشنى مەنئى قىلىشى خېلى بۇرۇن باشلانغان بولسىمۇ، بىراق بۇ ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم مۇسۇلمانلارغا چوشقا گۆشى قاتارلىق «ھالال» بولمىغان يېمەكلىكلەرنى يېيىشنى ئاشكارا تەرغىب قىلىشىدۇر.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى تىنا مۇفارد خانىم رايوندا ئېغىر جىنايەت سادىر بولۇۋاتقانلىقى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ جاۋابكارلارنى سۈرۈشتۈرۈشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «خىتايدا ھازىر ئىنتايىن ئېغىر بىر جىنايەت سادىر بولۇۋاتىدۇ. خەلقئارا جەمئىيەت پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سېلىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشى ۋە بۇ جىنايەتتە مەسئۇلىيىتى بار شەخسلەرنى جاۋابكارلىققا تارتىشى كېرەك. بۇ ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قورقۇنچلۇق زۇلۇملىرىغا دۇچ كېلىپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان مىليونلىغان كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىنى ئوڭشاش كېرەك.»

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى 16‏-ئۆكتەبىر ئېلان قىلغان باياناتىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قاماپ، ئۇلارنى دىنىي ئېتىقادىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلاۋاتقانلىقى قاتتىق تەنقىد قىلىنغان. باياناتتا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى باستۇرۇش قانۇنلاشتۇرۇلسا، ئۆزىنىڭ قىلمىشىنى ئاقلىغىلى بولىدۇ، دەپ قاراۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلىپ، بۇنىڭ ئادەمنى «قاتتىق بىئارام قىلىدىغان بىر يۈزلىنىش» ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.

ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ بىر مىليوندەك ئۇيغۇرنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قاماپ، ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلغانلىقىنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلدى. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر دۈشەنبە كۈنى شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، رايوندىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ «تېخنىكا تەربىيەلەش مەركەزلىرى» ئىكەنلىكى ۋە ئۇنىڭدىكى كىشىلەرگە تىل ۋە ھۈنەر-تېخنىكا ئۆگىتىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. لېكىن ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈشى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىدى.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىدىكى تىنا مۇفارد خانىمنىڭ قارىشىچە، ئەگەر خىتاينىڭ «قورساق ئاغرىقى» بولمىسا، ئۇيغۇر رايونىنى ژۇرنالىستلار، كۆزەتكۈچىلەر ۋە رايونغا قىزىقىدىغان ھەرقانداق كىشىگە ئېچىۋېتىشى كېرەك. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھېچكىم بىزگە باھا بېرەلمەيدۇ دېيىشى ئىككى يۈزلىمىچىلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئەگەر ئۇلار كىشىلەرنىڭ بىر تەرەپلىمىلىك خەۋەرلەرنى ئاڭلىشىنى خالىمىسا، شىنجاڭ، تىبەت ۋە باشقا رايونلارغا بېرىشنى ئاسانلاشتۇرۇپ، ژۇرنالىستلار، خەلقئارا كۆزەتكۈچىلەر ۋە بۇ رايونلارغا قىزىقىدىغان ھەرقانداق كىشىنىڭ بۇ رايونلارغا بېرىشىغا يول قويۇشى كېرەك.»

«شىمالىي ئامېرىكا ئىسلامى مۇناسىۋەتلەر كېڭىشى» نىڭ باياناتچىسى ئىبراھىم خۇپېرنىڭ قارىشىچە، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى ئىنكاسى بەك ئاستا بولۇپ، تېز ھەرىكەت قىلىشى كېرەك ئىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇ مەسىلىدىكى ھەرىكىتى بەك ئاستا. ئۇلار بۇ مەسىلىگە جىددىي مۇئامىلە قىلىشى كېرەك. ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇسۇلمان دۆلەتلەر بۇ مەسىلىگە دىققەت قىلىشى كېرەك بولغان بىر ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ تىلغا ئالغۇدەك بىر ئىنكاس قايتۇرغانلىقىنى كۆرمىدىم»

خىتاينىڭ «پان-ھالالىزىم» غا قارشى تۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلامى ئىستېمال ئادەتلىرىنى ئۆزگەرتىش تەشۋىقاتى دەل ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى «ئاشقۇنلۇقنى تۈگىتىش نىزامى» غا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، «ھالال» ئۇقۇمىغا ئېنىقلىما بەرگەن مەزگىلگە توغرا كەلدى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 11‏-ئۆكتەبىر ماقۇللانغان يېڭى نىزامىدا «ھالال» ئۇقۇمى پەقەت گۆش ۋە ياغ بىلەن چەكلىنىپ، ئۇنىڭ سىرتىدىكى ئىستېمال بۇيۇملىرىغا ئىشلىتىشنىڭ «ئاشقۇنلۇق» قا كىرىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن. يېڭى نىزامدا بايان قىلىنىشىچە، «ھالال» ئۇقۇمى گۆش ۋە ياغلىق يېمەكلىكلەرنىڭ سىرتىدىكى باشقا ساھەلەرگە كېڭەيتىلسە، «ھالال ئەمەس» دېگەننى باھانە قىلىپ، باشقىلارنىڭ تۇرمۇشىغا ئارىلاشسا ۋە ياكى باشقىلارنى چەتكە قېقىلسا قانۇنى جاۋابكارلىققا تارتىلىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.