قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار قۇربان ھېيتتا ساخاۋەت ئىشلىرىنى ئېلىپ باردى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز فېروزە
2016.09.15
qirghizistan-qurban-heyt-saxawet-1.jpg گېرمانىيەدىن شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزى بىلەن قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى بىرلىشىپ 19 بۇقا ۋە 70 تىن ئوشۇق قوينى قۇربانلىق قىلىپ قىرغىزىستان بويىچە بىر مىڭ ئائىلىگە تارقىتىپ بەردى. 2016-يىلى سېنتەبىر.
RFA/Féroze

ئۇلۇغ قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى خەيرى-ساخاۋەتلىك ئىشلارنى ئېلىپ باردى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدىكىلەر قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا قۇربانلىق ئۈچۈن پۇل ئەۋەتكەن ئىدى. شۇنداقلا گېرمانىيەدىن شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزى بىلەن قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى بىرلىشىپ 19 بۇقا ۋە 70 تىن ئوشۇق قوينى قۇربانلىق قىلىپ قىرغىزىستان بويىچە بىر مىڭ ئائىلىگە تارقىتىپ بەردى. ئۆتكەن يىلى قىرغىزىستانغا شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزىنىڭ رەئىسى ئابدۇجېلىل قاراقاش ئەپەندى باش بولۇپ، تۈرك قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ياردىمى بىلەن 600 ئائىلىگە قۇربانلىق تارقىتىلغان ئىدى.

قۇربانلىقلارنى تەييارلاپ، تارقىتىش ئىشلىرىغا گېرمانىيەدىن رەجەپ ئاتەش ۋە ئەرجۇمەنت ئېلچى، بىشكەكتىن بولسا «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئارتىق ھاجى ۋە باش يىگىت بېشى مىرزائەكرەم ئابدۇلوف مەسئۇل بولدى.

«ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئارتىق ھاجى قۇربان بايراملىق ساخاۋېت ئىشلىرى توغرىسىدا مۇنداق دېدى: «قۇشخانىلاردا ئىسلامى شەرىئەت شەكىلدە تەكبىر ئېتىپ 10 بۇقا قۇربانلىققا سويۇلدى، ھەر بىر بۇقا 200 كىلودىن ئوشۇق بولدى. بۇ قۇربانلىق ئۇيغۇرلار كۆپ ساندا ياشاۋاتقان بىشكەك شەھىرىدە ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلاردىن لېبېدىنوۋكا، نوۋوپوكروۋكا، ۋوستوك، ئالاتاۋ، كەڭ بۇلۇڭ، توقماقلاردىكى موھتاج بولغان 400 دىن ئوشۇق ئائىلىگە تارقىتىلدى.

قۇشخانىلاردا سويۇلۇپ، پارچىلىنىپ تەييارلانغان گۆشلەر توكۈلداش مەھەللىسىدىكى «ئاق مەسچىت» تە ھەر بىر ئائىلىگە 5 كىلوگرامدىن تارقىتىلدى. باشقا يېزىلاردىكى ئائىلىلەرگە يىگىت باشلىرى ئۆزلىرى كېلىپ ئېلىپ، تارقىتىپ بەردى.

قۇربان ھېيتنىڭ ئىككىنچى كۈنى بولسا، بىشكەكنىڭ غەربىي تەرىپىگە جايلاشقان چالداۋار، قاراپالتا، مالاۋود ۋە باشقا يېزىلارغا 80 قوي قۇربانلىققا سويۇلۇپ تارقىتىلدى. بۇ ئىشقا مىرزائەكرەم ھاجىم مەسئۇل بولدى.

چارشەنبە كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدىن ئەۋەتىلگەن قۇربانلىق گۆشلەر ئۇرۇش مەزگىللىرىدە تاجىكىستاندىن قېچىپ كەلگەن قىرغىز ۋەتەنداشلىرىمىزنىڭ ئائىلىلىرىگە تارقىتىلدى. شۇنداقلا گېرمانىيەدىن كەلگەن رەجەپ ئاتەش موشۇ يېزىلاردىكى موھتاج بولغان ئائىلىلەرنىڭ بالىلىرىغا كىيىم-كېچەكلەرنى ئېلىپ بەردى.

قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ئوش، جالالئاباد ۋىلايەتلىرىدىمۇ 9 بۇقا قۇربانلىق قىلىنىپ، 360 ئائىلىگە تارقىتىلدى، بۇ ئىشقا گېرمانىيەدىن كەلگەن ئەرجۇمەنت ئېلچى مەسئۇل بولدى. ئەرجۇمەنت ئەپەندى، ھېيتتىن بۇرۇن ئوش ۋە جالالئابادقا بېرىپ كەلگەنلىكلىرىنى ئاڭلاتتى، ئۇ، ئاللاھ بۇيرۇسا، قۇربان ھېيتنىڭ 2-3 كۈنلىرى ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن قىلىۋاتقان خەيرى ساخاۋەتلىك ئىشلارنى پۈتتۈرۈپ، چارشەنبە كۈنى بىشكەككە قايتىپ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

بۇنىڭ بىلەن، خەيرى ساخاۋەتلىك ئىشلار تۈگىمىدى، 19-سېنتەبىر كۈنى بىشكەكتە جامائەت بىلەن تۈرك قېرىنداشلىرىمىز خەتمە قۇرئان ئۆتكۈزمەكچى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.