دوكتور مۇقەددەس: روزى ھېيتنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى خەير - ساخاۋەت قىلىش

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2015.07.18
yaponiye-heyt-namaz.jpeg تۈرك جامەسىدە روزا ھېيت نامىزى. 2014-يىلى 28-ئىيۇل، توكيو.
RFA/Qutluq


17 - ئىيۇل ياپونىيەدىكى مۇسۇلمانلار ئىسلام دىنىدىكى بۈيۈك بايراملاردىن بىرى بولغان روزى ھېيت بايرىمىنى شادلىق ئىچىدە كۈتۈۋالدى.

توكيو ئەتىراپىدىكى ئۇيغۇرلار تۈرك مەسچىتىگە جەم بولۇپ، بىرلىكتە ھېيت نامىزىنى ئوقۇغاندىن كېيىن، ئۆز - ئارا بىر - بىرى بىلەن قېرىنداشلارچە مۇھەببەت بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈپ ئادەتتىكىدەك ئۆز خىزمەت ئورۇنلىرىغا يۈرۈشۈپ كەتتى.

ياپونىيەدىكى خىزمەت كۈن تەرتىپىنىڭ ئالدىراشلىقى سەۋەبىدىن ئۇيغۇرلار ئادەتتە شەنبە ۋە يەكشەنبە كۈنلىرىدىن باشقا كۈنلەرگە توغرا كەلگەن ھېيت بايراملارنى ئۆتكۈزۈشكە مۇيەسسەر بولالمايدۇ. شۇڭا ئۇلار ھېيت نامىزىنى ئوقۇپ بولۇپلا ئۆز خىزمەتلىرى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىدۇ.

مانا بۈگۈن ئەتىگەن توكيو مەسچىتىدە روزا ھېيت نامىزىنى پەرزەنتلىرى بىلەن بىرلىكتە ئوقۇپ، دەرھال خىزمەت ئورنىغا قايتقان، توكيو خوسو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، فولكلور پەنلىرى دوكتورى مۇقەددەس خانىم دەرس مۇنبىرىگە چىقىش ئالدىدا بىزنىڭ تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ روزى ھېيت بايرىمى ھەققىدە ھېس قىلغان بەزى قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.