سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار: «ۋەتەنگە قايتىپ خىزمەت قىلىش ئاساسلىق غايىمىز»

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2014.11.19
seudi-uyghur-dushenbe-olturushi-305.jpg جىددە شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئولتۇرۇشىدىن كۆرۈنۈش. 2011-يىلى سېنتەبىر.
RFA/Omerjan


خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورت رەسمىيەتلىرىنى قېيىنلاشتۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ تاشقى دۇنيا بىلەن ئۇچرىشىشى، بولۇپمۇ ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ئىلىم تەھسىل قىلىشىنى چەكلەپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما جەمئىيەتنىڭ ئومۇمى تەرەققىياتى، جۈملىدىن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تىنىمسىز تىرىشچانلىقلىرى ئارقىلىق، بىر قىسىم مەشھۇر خەلقئارالىق ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى كۆپەيمەكتە. مەلۇم بولۇشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى مەدىنە خەلقئارالىق ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۆزىدىلا، يېقىنقى 3 يىل ئىچىدە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى دەسلەپكى 30 نەچچىدىن 100 نەچچە نەپەرگە يەتكەن.

بۈگۈن مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ نۆۋەتتىكى رەئىسى ياقۇپ قارى ۋە سابىق رەئىسى سەيپىدىن قارىلارنى زىيارەت قىلىپ، مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتتىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومۇمى ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلىدى؛ بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە قەدەم قويۇش جەريانى، ئۇلارنىڭ غايىسى ۋە شارائىتلىرى ھەققىدىكى مەلۇماتلارنى مۇخبىرىمىز شۆھرەتنىڭ بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىدىن ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.