ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2015-01-28
بۇنىڭدىن 6 يىللار ئىلگىرى كەلپىن ناھىيىسىدە تۇتقۇن قىلىنغان ۋە 17 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئابلىمىت قارى ھاجىمنىڭ نۆۋەتتە ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم تۈرمىدە جازا مۇددىتى ئۆتەۋاتقانلىقى مەلۇم.
2015-01-28
شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا دۆلەتلىرى ئارقىلىق قەيسەرىگە كېلىپ جايلاشقان بىر ئۇيغۇر، خىتاينىڭ دىنىي چەكلىمىلىرى ۋە باشقا بېسىملىرى تۈپەيلىدىن قېچىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى، تۈركلەر ئۇيغۇرلارنىڭ قېرىندىشى بولغاچقا تۈركىيەنى تاللىغانلىقىنى بايان قىلدى.
2015-01-22
خىتاينىڭ يېڭى بەلگىلىمىلىرىدە پۈركەنجىنى ئاممىۋى سورۇنلاردا چەكلەش قەيت قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئىجرائات داۋامىدا، چەكلىمە ئاممىۋى سورۇندىلا توختاپ قالمىغان.
2015-01-20
خوتەندىكى زور بىر تۈركۈم تەقۋادار ئاياللار، ھەم خىتاي ساقچىلىرى بىلەن توقۇنۇشۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش، ھەم ھايات پرىنسىپلىرىدىنمۇ ۋاز كەچمەسلىك ئۈچۈن، ئۆيىدىن سىرتقا چىقماسلىق تەدبىرىنى قوللانغان.
2015-01-15
ئىگىلىشىمىزچە، بۇنىڭدىن 6 يىللار ئىلگىرى كەلپىن خەلقى ئارىسىدا يۇقىرى ئىناۋەت-ئابرويغا ۋە زور تەسىرگە ئىگە دىنىي ئۆلىما ئابلىمىت قارى ھاجىم «قانۇنسىز بالا ئوقۇتقان» دېگەن جىنايەت بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان.
2015-01-15
شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئوبزوردا، پارىژدا يۈز بەرگەن «چارلىي ھېبدو» ھەجۋىي كارتون گېزىتى ئۇچرىغان تېررورلۇق ھۇجۇم بىلەن، ئۇيغۇر قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى ئوخشاش ئورۇنغا قويۇپ، «جۇڭگو باشقىلارغا ئوخشاشلا تېرورلۇقنىڭ قۇربانى» دېگەن.
2015-01-07
ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەت ئۈستىدە غەرب مەتبۇئاتلىرىدا نۇرغۇن مۇلاھىزىلەر ئېلان قىلىنماقتا. بەزى مۇلاھىزىلەردە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى سىرتلارغا قېچىشقا، بولۇپمۇ دىنىي ئەركىنلىكنى ياقا يۇرتلاردىن ئىزدەشكە مەجبۇر قىلىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان.
2015-01-05
خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئاتالمىش دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى ھەرىكەت دولقۇنى ئىزچىل ۋە كەڭ كۆلەمدە داۋام قىلىش بىلەن بىرلىكتە يەنە، بەزىدە كۈلكىلىك ۋە ھەجۋىي شەكىلدە داۋام قىلماقتا.