خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىلىدىكى «مۇشتۇمزورلۇقنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش» ھەرىكىتى دىنىي پائالىيەتلەرگە قارىتىلغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018.02.07
meschit-teshwiqat-boway.jpg خىتاينىڭ تەشۋىقات لوزۇنكىلىرى ئېسىلغان مەسچىت. 2014-يىلى 17ئىيۇل، ئاقسۇ.
AP/Ng Han Guan

خىتاينىڭ مەملىكەت مىقياسىدا باشلانغان «مۇشتۇمزورلارنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش» ھەرىكىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا دىنىي پائالىيەتلەرگە زەربە بېرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى مەلۇم بولدى. خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇيغۇر رايونىدا مەزكۇر ھەرىكەت باشلانغان بىر قانچە كۈن ئىچىدە 330 دىن ئارتۇق كىشى قولغا ئېلىنغان، 27 گۇرۇھ تارمار قىلىنغان، 4 مىليون 700 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق دېلوغا چېتىشلىق مۈلك پېچەتلەنگەن، توڭلىتىلغان ياكى تۇتۇپ قېلىنغان.

خىتاينىڭ «مۇشتۇمزورلۇقنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش» ھەرىكىتى مەملىكەتلىك خاراكتېرلىك باستۇرۇش ھەرىكىتى بولۇپ، بۇ ھەرىكەت خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ تەشەببۇسى بىلەن باشلانغان. خىتاي دۆلەت كابىنېتى ۋە كومپارتىيە مەركىزى كومىتېتى بۇ 24‏-يانۋار كۈنى 34 ئورگاننىڭ مەسئۇللىرىنى چاقىرىپ، بۇ ھەرىكەتنى باشلىغان. دائىرىلەر بۇ ھەرىكەتنىڭ نىشانى جىنايى گۇرۇھلار ۋە ئۇلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈۋالغان يەرلىك ئەمەلدارلارغا زەربە بېرىشكە قارىتىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 29‏-يانۋار كۈنى ئالاقىدار ئورگانلارنىڭ مەسئۇللىرىغا تېلېفون يىغىنى چاقىرىپ، مەزكۇر ھەرىكەتنى ئۇيغۇر رايونى مىقياسىدا باشلىغان ئىدى. لېكىن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ج خ سىستېمىسىدىكى يەرلىك خادىملارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ ھەرىكەت خىتاينىڭ باشقا ئۆلكىلىرىدە جىنايى گۇرۇھلىرىغا قارىتىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر رايونىدا ئۇنىڭ نىشانى دىنىي پائالىيەتلەرگە، ئاتالمىش رادىكاللىقنىڭ ئىپادىلىرىگە زەربە بېرىشتەك دىنىي ئەركىنلىككە ئالاقىدار ساھەلەرگىمۇ كېڭەيتىلگەن.

بىز ئۇيغۇر ئېلىگە تېلېفون قىلىپ، مەزكۇر ھەرىكەتنىڭ يەرلىكتىكى ئورۇنلاردا ئېلىپ بېرىلىش ئەھۋالىنى ئېنىقلاش داۋامىدا چەكلىك بولسىمۇ، بەزى ئۇچۇرلارغا ئېرىشتۇق. ئۇيغۇر رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى مەلۇم ناھىيەنىڭ ج خ سىستېمىسىدىكى بىر نۆۋەتچى خادىم، ھەرىكەتنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، لېكىن ئۇلارنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى رايوندا قولغا ئېلىنغان كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىغا دائىر سوئاللىرىمىزنى جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.

ئۇيغۇر رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى يەنە بىر ناھىيەنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىك (ج خ) سىستېمىسىدىكى باشقا بىر نۆۋەتچى خادىم، بۇ ھەرىكەتنىڭ ئۇلار تۇرۇشلۇق رايوندا دىنىي پائالىيەتلەرگە، ھەر خىل ناملاردا يىغىلىپ، دىنىي سۆھبەت ئېلىپ بارغان ياكى نازۇك تېمىلارنى مۇزاكىرە قىلغان شەخس ۋە توپلارغا زەربە بېرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى دەلىللىدى.

خىتاي كومپارتىيەسى «مۇشتۇمزورلارنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش» ھەرىكىتىنىڭ جىنايى قىلمىشلارغا زەربە بېرىپ، خەلقنىڭ ئەمىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلسىمۇ، بىراق بۇ ھەرىكەت باشلانغان دەسلەپكى مەزگىلدىلا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدا ئەندىشە قوزغىغان. ئۇلار بۇ ھەرىكەتنىڭ قانۇنى تەرتىپكە ۋە ئادىل سوتلىنىشقا تېخىمۇ ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، نۇرغۇن ناھەقچىلىقلارغا سەۋەب بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

گېرمانىيەدىكى «تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر جەمئىيىتى» نىڭ مەسئۇلى ئۇلرىخ دېلىئۇس، بۇ ھەرىكەتنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بۇرۇنقى ھەرىكەتلىرىگە سېلىشتۇرۇپ، ئۇنىڭ بۇ خىل ھەرىكەتلىرىنىڭ ئىزچىل مەلۇم بىر سىياسىي مەقسەتنى چىقىش قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇلرىخ دېلىئۇس مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر سىز خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 1949-يىلدىن بۇيانقى تارىخىنى تەتقىق قىلسىڭىز، سىز توختىماي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش ئۇنىڭ بىر خىل خىزمەت ئۇسۇلى ئىكەنلىكىنى بايقايسىز. ئۇ ھەر 5-6 ئايدا بىر قېتىم تېما ئۆزگەرتىپ تۇرىدۇ. بۇ ھەرىكەتلەرنى ھەممىسىنىڭ ئورتاقلىقى ھەممىسى مەلۇم سىياسىي مەقسەتنى چىقىش قىلغان. بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ ئەدلىيە ئارقا كۆرۈنۈشى يوق. بۇ ھەرىكەتلەر ئىزچىل پارتىيە ئىچى-سىرتىدىكى ئۆكتىچىلەرنى باستۇرۇش، خەلقنى جازالاش، بۇ ئارقىلىق كونتروللۇقنى تۇتۇپ تۇرۇشتىن ئىبارەت سىياسىي مەقسەتتىن چىقىش قىلىدۇ. مانا بۇ ماۋ زېدوڭ ئۆلگەنگە 30-40 يىل بولغان بولسىمۇ، بۇ خىل ھەرىكەتلەرنى ھازىرغىچە داۋام قىلىپ كېلىشىنىڭ سەۋەبى».

ئۇلرىخ دېلىئۇس يەنە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا بۇ ھەرىكەتنى دىنىي پائالىيەتلەرگە زەربە بېرىشكە كېڭەيتكەنلىكىنى تەنقىد قىلدى. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى «مۇشتۇمزورلارنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش» ھەرىكىتىنىڭ نىشانى پۈتۈن ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىكەن. ئۇ، پۈتۈن بىر مىللەتنى نىشانغا ئېلىشتەك بۇنداق قىلمىشنىڭ بارلىق خەلقئارا ئەھدىنامىلەرگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.

ئۇلرىخ دېلىئۇس مۇنداق دەيدۇ: «بىز بۇ ھەرىكەتتىن بەك ئەندىشە قىلىۋاتىمىز. بىز ئىزچىل شۇنى تەكىتلەپ كەلدۇق، ئەگەر سىزنىڭ قولىڭىزدا دەلىل بولسا، سىز جىنايى قىلمىش سادىر قىلغان مەلۇم بىرىنى نىشانغا ئالسىڭىز بۇنى چۈشىنىشكە بولىدۇ. لېكىن بىز شەرقىي تۈركىستاندا ئاشۇ نەرسىنى كۆرۈۋاتىمىز، مەزكۇر رايوندىكى بۇ خىل ھەرىكەتلەر پەقەت ئېتنىك كېلىپ چىقىشى سەۋەبلىك پۈتۈن بىر خەلقنى نىشانغا ئېلىپ، ئۇلارنى جازالاۋاتىدۇ. بۇ قوبۇل قىلىنمايدۇ. چۈنكى، ئۇ بارلىق خەلقئارا ئەھدىنامىلەرگە خىلاپ. ئۇلار بۇ خىل ھەرىكەتلەردە كىشىلەرنىڭ ياكى ئائىلىلەرنىڭ قانداق بولۇشى بىلەن ھېچقاچان كارى بولۇپ باقمىدى. شۇڭا، بۇ ھەرىكەت شەرقىي تۈركىستاندىكى پۈتۈن خەلققە چېتىلىدۇ. چۈنكى، ئۇ مەلۇم بىر شەخسلەرنى ئەمەس، پۈتۈن ئېتنىك گۇرۇپپىنى نىشان قىلىدۇ. شۇڭا، بۇ قوبۇل قىلىنمايدۇ».

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بۇ قېتىمقى باستۇرۇش ھەرىكىتىگە «چاقماق ‏-1» دەپ نام بېرىلگەن. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە، يۇقىرىدا بىر تەرەپ قىلىنغان 27 تەشكىلات ياكى شايكىلار گۇرۇھى، قولغا ئېلىنغان 330 كىشى ۋە توڭلىتىلغان 4 مىليون 700 مىڭ يۈەن پۇلنى «چاقماق -1‏» ھەرىكىتىنىڭ «تۇنجى جېڭىدە قولغا كەلگەن دەسلەپكى نەتىجە» دەپ تەرىپلەنگەن. لېكىن خەۋەردە، بۇ ھەرىكەتنىڭ 2‏‏-باسقۇچى ۋە پۈتۈن ھەرىكەتنىڭ قاچان ئاخىرلىشىدىغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.