خىتاي دائىرىلىرى: «ھەج قىلغۇچىلار ئالدى بىلەن كومپارتىيەگە ساداقىتىنى بىلدۈرۈشى لازىم!»

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018.04.25
uyghurda-din-hej.jpg «سودا ئىچكى خەۋەرلەر» تورىدا ئېلان قىلىنغان روزىي پېرپېر ۋە تارا چان ئىمزاسىدىكى «خىتايدا مۇسۇلمانلار مەككە سەپىرىگە ئاتلىنىشتىن بۇرۇن كومپارتىيەگە ئۆز ساداقىتىنى كۆرسىتىشى لازىم» سەرلەۋھىلىك ماقالە. 2018-يىلى 24-ئاپرېل.
businessinsider.com

ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ھاياتىدىكى ئەڭ مۇھىم مەزمۇنلاردىن بولغان ئىسلام دىنىغا مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەرنىڭ ئىزچىل باستۇرۇش نىشانى بولۇپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇ مەسىلىلەرگە چېتىلىپ مىڭلىغان كىشىلەر «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نامىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا ياكى تۈرمىلەرگە يوللىنىۋاتقاندا خىتاي ھۆكۈمىتى «خەلق تۇرمۇشىغا ئاسانلىق تۇغدۇرۇش» دېگەن نام ئاستىدا بۇنىڭدىن كېيىنكى ھەج ئىشلىرىغا قاتناشماقچى بولغانلارنىڭ «خالىغان ۋاقىتتا خالىغانچە تورغا چىقىپ توردا ئىلتىماس قىلسا بولىدىغانلىقى» نى جاكارلىغان.

مەزكۇر يېڭى چارە بويىچە ئېچىلغان تور بېتى ئۈرۈمچى شەھەرلىك مىللەت ۋە دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولۇپ، ئۇنىڭدا ھەجگە بارماقچى بولغانلار ئۆزىنىڭ خۇسۇسىي ئۇچۇرلىرىنى مۇشۇ تور بېتى ئارقىلىق تاپشۇرسا بولىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن. ھالبۇكى بۇ ھەقتىكى باشقۇرۇش چارىسىنىڭ 2-بابىدا بۇنىڭدىكى بىر مۇھىم نۇقتا، يەنى ھەج ئىلتىماسى تاپشۇرغۇچىنىڭ جەزمەن 50 ياش بىلەن 70 ياش ئارىلىقىدىكى كىشى بولۇشى تەكىتلەنگەن.

بۇ غەيرىيلىك كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغىنى مەلۇم. ئەنە شۇ خىل ھەيرانلىقنىڭ بىر ئىپادىسى 24-ئاپرېل كۈنى «سودا ئىچكى خەۋەرلەر» تورىدا ئېلان قىلىنغان روزىي پېرپېر ۋە تارا چان ئىمزاسىدىكى «خىتايدا مۇسۇلمانلار مەككە سەپىرىگە ئاتلىنىشتىن بۇرۇن كومپارتىيەگە ئۆز ساداقىتىنى كۆرسىتىشى لازىم» سەرلەۋھىلىك ماقالىدا ئەكس ئەتتى.

ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2017-يىلى سېنتەبىردە ئېچىلغان بۇ تور بەتتە ھەج سەپىرىگە ئىلتىماس قىلغۇچىلار ئالدى بىلەن توردا ئۆز ماتېرىياللىرىنى تاپشۇرۇشى، شۇ قاتاردا ئۆزلىرىنىڭ دۆلەتكە ۋە جەمئىيەتكە سادىق ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا كومپارتىيە رەھبەرلىكىنى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشى لازىم ئىكەن. ھالبۇكى، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ھەج ئىشلىرىغا توردا ئىلتىماس قىلىشتا ھېچقاچان بۇنداق تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلمىغان ئىكەن.

بىز بۇ ھەقتىكى ئەھۋاللارنىڭ تەپسىلاتىنى ئېنىقلاپ كۆرۈش مەقسىتىدە ئۈرۈمچى شەھەرلىك مىللەت ۋە دىن ئىشلىرى كومىتېتى بىلەن ئالاقىلەشكەن بولساقمۇ، ئىدارە خادىمى ھازىر كىشىلەرنىڭ ئىشتىن چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى، ھەج ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان ئىشخانىنىڭ تېلېفون نومۇرىنى بىلمەيدىغانلىقىنى باھانە قىلىپ تېلېفوننى قويۇۋەتتى.

مەزكۇر ماقالىدا ۋە ئىنسان ھەقلىرىگە مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەر بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقان تەشكىلاتلارنىڭ دوكلاتلىرىغا، شۇنىڭدەك رادىيومىزدا بېرىلگەن خەۋەرلەرگە قارىغاندا خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەلگە چىقىشىنى «دىنىي ئەسەبىيلىك» كە باغلاپ باستۇرۇۋاتقانلىقى مەلۇم. يەنە كېلىپ 2016-يىلى ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى مىليونلىغان كىشىلەر قوللىرىدىكى پاسپورتنى ساقچىخانىلارغا تاپشۇرۇپ بېرىشكە بۇيرۇلغان ئىدى.

ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ ۋەزىيىتى بىلەن ياخشى تونۇشلۇق مۇتەخەسسىسلەردىن روز خالمەن تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى تىم گروس بۇ ھەقتە «سودا ئىچكى خەۋەرلىرى» گېزىتىگە سۆز قىلىپ «چەتئەلگە چىققان ئۇيغۇرلار ھەرقاچان ھۆكۈمەتنىڭ ھۇجۇم نىشانى بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. بۇنداق كىشىلەر بىردەك ‹يېپىق تەربىيەلەش مەركىزى› گە ئۆگىنىشكە ئەۋەتىلىدۇ» دېگەن. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ «ئۇيغۇر دوستلىرىم بىلەن بولغان ئالاقە جەريانىدا ئائىلە ئەزالىرىدىن بىرەرى ‹قارا تىزىملىكتىكى دۆلەتلەر›دە ئوقۇۋاتقان ياكى ئىشلەۋاتقان كىشىلەرنىڭ قولغا ئېلىش نىشانى بولۇۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدىم» دېگەن.

ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەلگە چىقىشى ھەمدە دىنىي ئېتىقادقا مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلىرىنى ئىزچىل باستۇرۇپ كېلىۋاتقان، جۈملىدىن ئەڭ ئەقەللىي دىنىي ھەقلەردىن بولغان رامىزان روزىسىنى تۇتۇش، ساقال-بۇرۇت قويۇش، ياغلىق-رومال ئارتىشتىن تارتىپ ئىسلامىي مەزمۇندىكى ئىسىملارنى قويۇشقىچە چاڭگال سېلىپ كەلگەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتىكى ھەج چەكلىمىلىرى ھەققىدە «سودا ئىچكى خەۋەرلىرى» دىكى ماقالىنىڭ ئاپتورلىرى بۇنىڭ يېڭى ۋەقە ئەمەسلىكىنى ئالغا سۈرىدۇ.

ئۇلارنىڭ پىكرىچە بۇلارنىڭ ھەممىسى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىللاردىن باشلاپ ئومۇملاشتۇرۇشقا باشلىغان «مەسچىتلەرنى سىياسىي تەشۋىقات ئورنىغا ئايلاندۇرۇش» ئۇرۇنۇشىنىڭ داۋامى خالاس. شۇ ۋاقىتلاردىلا مەسچىتلەرنىڭ ئالدى يۈزىگە «پارتىيەنى سۆيۈش، دۆلەتنى سۆيۈش» دېگەن خىتايچە ۋە ئۇيغۇرچە پلاكاتلار كۆپلەپ ئېسىلغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن ئاپتورلار «شۈبھىسىزكى، ھۆكۈمەتنىڭ بۇ جايدىكى نازارەت مېخانىزمى بارغانسېرى زورىيىپ ماڭماقتا» دەيدۇ.
بۇ ھەقتە پىكىر قىلغۇچىلاردىن تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر دىنىي ئالىم ھەبىبۇللا كۈسەنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھەج قىلغۇچىلارنى ياش چەكلىمىسى ئارقىلىق كونترول قىلىشىغا قارىتا «ئۇلارنىڭ ئەزەلىي گۇمانخورلۇقى بۇنىڭ سەۋەبچىسى» دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭ پىكرىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئەقلىي قۇۋۋىتى ئۇرغۇپ تۇرغان ياشلارنىڭ چەتئەلگە چىقىپ تاشقى دۇنيا بىلەن ئۇچرىشىشىدىن ھەمدە يېڭىلىقلارنى قوبۇل قىلىپ ئۇنى ۋەتەنگە ئاپىرىشىدىن بەكمۇ ئەنسىرەيدىكەن.

خىتاي كومپارتىيەسىگە ئوخشاش دىنىي ئېتىقادنى قەتئىي ئىنكار قىلىدىغان بىر سىياسىي پارتىيەنىڭ ئۇيغۇر ھەج قىلغۇچىلارنى ئالدى بىلەن ئۆزلىرىگە ساداقىتىنى بىلدۈرۈشكە مەجبۇرلىشى ھەققىدە توختالغان ھەبىبۇللا كۈسەنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بۇ قىلمىشى مەيلى دىنىي نۇقتىدىن بولسۇن ياكى خەلقئارالىق قانۇن جەھەتتىن بولسۇن بىردەك ئىنسانىيەتكە قارشى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ دىنىي زاتلارنى ئىلاھقا ئەمەس، بەلكى پارتىيەگە ھەمدە خىتاي دۆلىتىگە سادىق بولۇشقا مەجبۇرلاش قىلمىشى ئوخشاش بولمىغان جايلارغا كېڭىيىش ئالدىدا تۇرماقتىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.