ئۇيغۇر مۇساپىر: خىتايلار تۈرمىگە قاماشتىن بۇرۇن قېچىپ چىقتىم

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2017.09.13
abduraxman-islam-turkiye.jpg ج خ ئىدارىسى «بالىلىرىڭنى قانۇنسىز ئوقۇتتۇڭ» دەپ قولغا ئېلىشتىن بۇرۇن تۈركىيەگە قېچىپ چىققان 68 ياشلىق ئابدۇراخمان ئىسلام ئەپەندى. 2017-يىلى سېنتەبىر، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim

ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ئىگەرچى يېزىسىدا ئولتۇرۇشلۇق 68 ياشلىق ئابدۇراخمان ئىسلام ئەپەندى، ئاقسۇ ساقچى دائىرىلىرى «بالىلىرىڭنى قانۇنسىز ئوقۇتتۇڭ» دەپ سولاش ئالدىدا تۈركىيەگە قېچىپ چىققان.

ئۇ، ئۆزىنىڭ 1960-يىلدىن بۇيانقى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتىنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەنلىكىنى، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بۇنداق يۇقىرى بېسىملىق سىياسەتنىڭ ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغانلىقىنى، خىتاينىڭ پۈتۈن ئۇيغۇرلارغا قاتتىق زۇلۇم سېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئابدۇراخمان ئىسلام ئەپەندى دىنىي زات ئائىلىسىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان بولۇپ، دىنىي مەلۇماتلارنى دادىسىدىن ئۆگەنگەن. ئابدۇراخمان ئىسلام ئەپەندىمۇ 8 بالىسىنى بىر تەرەپتىن پەننى مەكتەپتە ئوقۇتسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئاخشاملىرى ئۆيىدە دىنىي تەلىم-تەربىيە بېرىپ، قارى قىلىپ يېتىشتۈرگەن ئىكەن. بۇنى بايقاپ قالغان خىتاي ساقچى خادىملىرى ئۇنى تۇتۇپ سولاش ئالدىدا تۇرغاندا، يەنى 2015-يىلى 11-ئايدا 8 بالىسى بىلەن بىرلىكتە تۈركىيەگە قېچىپ چىققان ئىكەن.

ئۇ ھازىر تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھىرىدىكى 2014-2015-يىللىرىدا مالايشىيا ۋە تايلاند ئارقىلىق تۈركىيەگە قېچىپ كەلگەن ئۇيغۇرلار تۇرۇۋاتقان قورۇ جاينىڭ ئىچىدىكى مەكتەپتە ئۇيغۇر بالىلارغا ئانا تىل ۋە قۇرئان دەرسى ئۆتمەكتە. بىز قەيسەرىدىكى مەزكۇر مەكتەپنىڭ ئىچىدە ئابدۇراخمان ئىسلام ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق.

ئۇ، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك خادىملىرىنىڭ «بالىلىرىڭنى قانۇنسىز ئوقۇتتۇڭ» دەپ ئەيىبلەپ سولاش ئالدىدا يۇرتىنى تاشلاپ تۈركىيەگە قېچىپ چىققانلىقىنى بايان قىلدى.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي مەكتەپ ئېچىپ بالا تەربىيىلىشىنى چەكلەپلا قالماي، يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيىدە ئۆز پەرزەنتلىرىگە دىنى تەلىم بېرىشىنىمۇ چەكلىگەن.

ئابدۇراخمان ئىسلام ئەپەندى 8 بالىسىنى كۈندۈزى پەننى مەكتەپتە، كېچىلىرى ئۆيىدە دىندا ئوقۇتقانلىقىنى، ساقچىلارنىڭ ئۆزىنى كۆپ قېتىم ساقچى ئىدارىسىگە ئاپىرىپ ئاۋارە قىلغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئابدۇراخمان ئىسلام ئەپەندى سۆھبەت جەريانىدا ئاقسۇدىن ئۈرۈمچىگە ئۈرۈمچىدىن دۇبەيگە، دۇبەيدىن تۈركىيەگە قېچىش جەريانى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

ئۇ، ئۆزىنىڭ خىتاينىڭ 1960-يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتىنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەنلىكىنى، خىتاينىڭ «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» مەزگىلىدىمۇ بۇنداق ۋەھشىي سىياسەت ئېلىپ بارمىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئابدۇراخمان ئىسلام ئەپەندى «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» مەزگىلىدە يەر ئاستىدا دادىسىدىن دىنىي تەلىم-تەربىيە ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ، سۆزىنىڭ ئاخىرىدا خىتاينىڭ بۇنداق سىياسەت ئېلىپ بېرىشىدىكى سەۋەبنىڭ ئۇيغۇرلارنى دىنسىزلاشتۇرۇش، ئاخىرىدا يوق قىلىشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئابدۇراخمان ئىسلام ئەپەندى بۇ يىل 68 ياشقا كىرگەن بولۇپ، تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھىرىدە ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگە دەرس بەرمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.