ئۇيغۇر ئېلىدا بۇ يىللىق رامىزان ئېيىنىڭ قاتتىق چەكلىمە ئىچىدە باشلانغانلىقى ئاشكارا بولماقتا

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2016.06.07
ata-anilargha-esebiylik-kapalet-ochuq-xet.jpg ئۈرۈمچى شەھەرلىك 46-ئوتتۇرا مەكتەپ 6-ئاينىڭ 4-كۈنى ئاتا-ئانىلارغا ئەۋەتكەن «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» بويىچە كاپالەت تەلەپ قىلىنغان ئوچۇق خەت.
RFA/Qutlan

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىللىق رامىزان ھارپىسىدا «شىنجاڭنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ئەھۋالى» ناملىق ئاقتاشلىق كىتاب ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدا مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا نىسبەتەن ھېچقانداق چەكلىمىنىڭ يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

ھالبۇكى، رامىزان ھارپىسىدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك 46-ئوتتۇرا مەكتەپ «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش بويىچە ئاتا-ئانىلارغا ئوچۇق خەت» ئەۋەتىپ، ئۇلارنىڭ ئىمزا قويۇشىنى تەلەپ قىلغان. ئۇنىڭدا ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى ناماز ئوقۇش، روزا تۇتۇش، دىنىي تۈستىكى كىيىم-كېچەك كىيىش شۇنداقلا باشقا ھەرقانداق دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشتىن توسۇشى، خەتكە ھەر بىر ئاتا-ئانىنىڭ ئىمزا قويۇپ كاپالەت بېرىشى تەلەپ قىلىنغان.

بۇ ئوچۇق خەت ئۈندىدار ۋە فېيسبۇك قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئاشكارا بولغاندىن كېيىن، بىز ئۇنى دەلىللەش ئۈچۈن ئۈرۈمچى شەھەرلىك 46-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇدىرىيەت ئىشخانىسىغا تېلېفون قىلدۇق. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىشخانا مۇدىرى خاۋ جياڭلى بۇ ئىشتىن خەۋىرىنىڭ يوقلۇقىنى، ئۆزىنىڭ ھازىر باشقا ئورۇنغا يۆتكىلىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتىپ يالغان سۆزلىدى : «شۇنداق، مەن خاۋ جياڭلى، ئىلگىرى 46-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئىشلىگەن ئىدىم، لېكىن ھازىر يۆتكىلىپ كەتتىم. ئاتا-ئانىلارغا يېزىلغان بۇ خەت توغرىلىق مېنىڭ خەۋىرىم يوقكەن. ئەڭ ياخشىسى ئۆزىڭىز سۈرۈشتۈرۈپ كۆرۈڭ، مەن مەكتەپ رەھبەرلىرىنىڭ ئالاقىلىشىش ئۇچۇرىنى سىزگە بېرەلمەيمەن، چۈنكى سىزنىڭ كىملىكىڭىزنى بىلمەيمەن. مۇخبىر دەمسىز؟ سىزگە دېسەم، بۇ ئىشقا مەن ئارىلاشمىغان، شۇڭا بۇ ھەقتە ھېچنېمە دېيەلمەيمەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر مەن ئۇ يەردە ئىشلىمەيمەن!»

ئارقىدىن بىز ئۈرۈمچى شەھەرلىك 46-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئامانلىق ئىشخانىسىغا تېلېفون قىلدۇق. نۆۋەتچى خادىم بۇ ئىشتىن خەۋىرى يوقلۇقىنى ئېيتىپ مەكتەپ مۇدىرىنىڭ تېلېفون نومۇرىنى بېرىشنى رەت قىلدى. ئەمما ئۇ بۇ ئىشنى مەزكۇر مەكتەپتىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ سىياسىي ۋە ئەخلاقىي تەربىيە مۇدىرى روزى مۇئەللىمدىن سورىشىمىزنى ئېيتىپ تېلېفوننى قويۇۋەتتى: «شۇنداق، بۇ 46-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئامانلىق ئىشخانىسى، مەن ئامانلىق خادىمى. ئاتا-ئانىلارغا يېزىلغان ئۇ خەتنىڭ تەپسىلاتىنى مەن بىلمەيمەن. مەكتەپ رەھبەرلىكى بىلەن كۆرۈشۈپ بېقىڭ. مەكتەپ مۇدىرىنىڭ تېلېفون نومۇرى بىزدە بار، لېكىن ئۇنى خالىغانچە باشقىلارغا دەپ بەرسەم بولمايدۇ. ھازىر ئىشخانىدا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تىزىملىك دەپتىرى بار، لېكىن ئۇنىڭدا تېلېفون نومۇرى يوق. سىز مۇخبىر بولسىڭىز، ئۇنداقتا مەكتەپتىكى مىللىي ئوقۇغۇچىلارنىڭ سىياسىي ۋە ئەخلاقىي تەربىيە مۇدىرى روزى مۇئەللىمنىڭ تېلېفون نومۇرىنى دەپ بېرەي.»

ھالبۇكى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 46-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ سىياسىي ۋە ئەخلاقىي تەربىيە مۇدىرى روزى مۇئەللىم تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئاتا-ئانىلارغا ئەۋەتىلگەن بۇنداق «ئوچۇق خەت» نىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلدى ۋە ئالمان-تالمان تېلېفوننى ئۈزۈۋەتتى.

بىز دائىرىلەرنىڭ ئىچكى قىسىمدا يەنە قايسى ساھە ۋە قانداق ئورۇنلاردا رامىزانلىق چەكلىمە قويغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر ئىگىلەش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن سۆزلەشتۇق.

قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەلۇم فاكۇلتېتىدا ئوقۇيدىغان بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «ھازىر قەشقەردە كەچ سائەت 6:30 بولدى. يەنە بىر-ئىككى سائەتتىن كېيىن ئىپتار ۋاقتى بولىدۇ. ئەمما مەكتىپىمىزدە روزا تۇتۇشقا قارىتا قاتتىق چەكلىمە مەۋجۇت. ئوقۇغۇچىلار ياتىقى، كارىدور ۋە باشقا ھەممە جايدا كۆزىتىش ئاپپاراتى ئورنىتىلغان.روزا تۇتىدىغانلار كېچىدە چىراغ ياندۇرماستىن يوشۇرۇنچە تۇتىدۇ، ئەمما مەكتەپ ياتاقتىكىلەرنى بىر-بىرىنى نازارەت قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇۋەتكەن بولغاچقا، ھەممىمىز بىر-بىرىمىزدىن گۇمانسىرايمىز. يەنە بىر تەرەپتىن مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارغا ھەر كۈنلۈكى بىر بوتۇلكىدىن ئىچىملىك سۇ تارقىتىۋاتىدۇ. سۇنى نەق مەيداندا ئىچىش تەلەپ قىلىنىدۇ. يوشۇرۇن روزا تۇتقانلار مەكتەپ ئاشخانىسى ياكى سىرتتىن ئىپتارلىق ئۈچۈن تاماق ئېلىپ كىرىۋاتقاندا مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلار ياتاق بىناسىنىڭ ئالدىدا تەييار بولۇپ، ئۇلارنى نەق مەيداندا تاماقلىرىنى يېيىشكە ۋە روزىسىنى بۇزۇشقا مەجبۇرلايدۇ. تامىقىنى ئىپتاردىن بۇرۇن يېيىشنى رەت قىلغان ئوقۇغۇچىلارغا مەكتەپ پۈتتۈرگەندە دىپلومىنى بەرمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ تەھدىت سالىدۇ. ئىشقىلىپ، بىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۈنىمىز بەك تەس بولۇۋاتىدۇ.»

ئاقسۇنىڭ مەلۇم ناھىيەسىگە «ئۈچ ئەلرايى» خىزمىتى بويىچە تۆۋەنگە چۈشكەن بىر نەپەر «مۇقىملىق كادىرى» مۇ بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، يېزا-كەنتلەردە رامىزانلىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دائىرىلەرنىڭ رامىزانلىق چەكلىمىسى مائارىپ ساھەسىدىلا ئەمەس، بەلكى ئاساسىي قاتلامدىكى يېزا-كەنت كادىرلىرى، يەنى پارتىيە ئەزالىرى، كەنت كادىرلىرى، سىياسىي ئاكتىپلار ۋە شۇنداقلا ھۆكۈمەتتىن مائاش ئالىدىغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ھەممىسىگە ئوخشاش يۈرگۈزۈلىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.