ئاقتاش ئامانلىق مۇدىرى: «ۋاڭ شۇجى ياشلارنى ئوڭشاڭلار دېدى ۋە ھاراق تاماكىنى بۇيرىدى»

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2015.05.06
noruz-haraq-305.jpg ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﯩﺪﻩ ﺋﯩﺸﻠﻪﭖ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ "ﻧﻮﺭﯗﺯ" ﻣﺎﺭﻛﯩﻠﯩﻖ ﻫﺎﺭﺍﻗﻨﯩﯔ ﺋﯧﻼﻥ ﺳﯜﺭﯨﺘﻰ.
RFA archive


مۇخبىرىمىز بۈگۈن خوتەن لاسكويدە تارقىتىلغان ئۇيغۇر دۇكاندارلارغا ھاراق - تاماكا سېتىشنى مەجبۇرلاش ئۇقتۇرۇشىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ھەققىدە ئېنىقلاش ئېلىپ باردى. مەزكۇر ئۇقتۇرۇشىنى تارقىتىش ۋە ئۇنى ئىجرا قىلىشقا مەسئۇل بولغان ئاقتاش ئامانلىق مۇدىرى، مەزكۇر تۈزۈمنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى يېزىلىق سىياسىي - قانۇن كومىتېتى تەكشۈرىدىغانلىقىنى، تەكشۈرۈشنىڭ تېخى رەسمىي باشلانمىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ يەنە لاسكوي بازارلىق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ۋاڭنىڭ ئۆتكەن ھەپتىدىكى بىر يىغىندا يېزىدىكى ياشلارنى ئوڭشاشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەنلىكى ۋە ئارقىدىن ئاشخانا ۋە دۇكانلارغا ھاراق - تاماكىنى مەجبۇرلاشنى ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى بايان قىلدى. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.