2 - نۆۋەتلىك خەلقئارالىق ئىسلامىي كىيىملەر پاسونلىرىنى لايىھىلەش سۆھبەت يىغىنى ۋە بايرىمى تورونتودا ئۆتكۈزۈلدى

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2015-08-23
Share
kanada-toronto-xelqara-islamiy-kiyimler-layihilesh-bayrimi-2015.jpg 2 - نۆۋەتلىك خەلقئارالىق ئىسلامىي كىيىملەر پاسونلىرىنى لايىھىلەش سۆھبەت يىغىنى ۋە بايرىمىدىن بىر كۆرۈنۈش
RFA/Gulchihre

كىيىم ئادەم زىننىتى، بىز مەيلى نە مەقسەتتە قانداق ئۇسلۇبتا كىيىنگەن بولمايلى، كىيىنىشىمىز ھامان بىزنىڭ روھىي دۇنيارىمىزنىڭ بىر كۆزنىكىدۇر.

كىيىم - كېچەك پاسونلىرى مۇلاھىزىچىلىرىنىڭ قارىشىچە قىزلارنىڭ كىيىم پاسونلىرىدىكى ئۆزگىرىشلەر¡ قانداق كىيىملەرنى مودا ئېقىم سۈپىتىدە كىيگىنى، ئۇلارنىڭ ئىدىيىسىدە نېمە ئاڭ، ۋە نېمە ئېقىمنى قوبۇل قىلىشقا يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى نامايان قىلىپلا قالماستىن يەنە شۇ دەۋردىكى ئۆزگىرىشلەرنى، كىشىلىرىنىڭ ئارزۇسى، مەدەنىيىتى، سىياسىي، ئىقتىسادىي، ھەتتا پسىخىك ھالىتىنىمۇ ئىپادىلەپ بېرىدۇ.

بۇ يەنە ئەقەللىي كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ بىر قىسمىدۇر. دەۋرىمىزدە ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئىسلامىي يوسۇندا، ئۆز ئارزۇلىرى بويىچە كىيىنىشىڭ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قاتتىق چەكلىمىسىگە ئۇچراۋاتقانلىقىغا شاھىد بولىۋاتقان بولساق، ئىسلام دۆلەتلىرىدىلا ئەمەس باشقا دېموكراتىك ئەللەردىمۇ مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ ئىسلامىي كىيىم كېچەكلىرىنى خالىغانچە كىيىپلا قالماي ھەتتا ئۇنى بايرام قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئىسلامىي كىيىم كېچەك لايىھە ۋە مودا كۆرگەزمىلىرى داۋاملىق ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرىدۇ.

22 - ئاۋغۇست كانادانىڭ تورونتو شەھرىدە ئەنە شۇنداق پەقەت مۇسلىمە خانىم - قىزلارغىلا خاس مودا كۆرسىتىش كۆرگەزمىسى ۋە بايرىمى ئۆتكۈزۈلدى.

2 - نۆۋەتلىك خەلقئارا تەسەتتۇر، يەنى سالماق كىيىم - كېچەكلەر مودا كۆرسىتىش كۆرگەزمىسى ۋە ئىسلامىي كىيىم پاسونلىرىنى لاھىيىلەش سۆھبەت يىغىنى ھەمدە بايرىمى، كانادانىڭ تورونتو شەھىرىگە جايلاشقان ياپون مەدەنىيەت مەركىزىدە 22 - ئاۋۈئۇست شەنبە باشلاندى، مودا كۆرسىتىش باشلىنىش ئالدىدا تەسەتتۇر، يەنى سالماق تۈس ئالغان كىيىملەرنى لايىھىلەش بايرىمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى بولۇپ ئۆتتى. مۇراسىمغا كىيىم - كېچەك بايرىمىغا قاتنىشىۋاتقان دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن لاھىيىلىگچىلەرى، كارخانىچىلار كىيىم كېچەك ساھەسىدە تونۇلغان مودېللار ئاخبارات ساھەسى، ئىسلام ۋە دىنى مەدەنىيەت تەتقىقاتچىلىرى، ھەر ساھەدىكى مېھمانلار بولۇپ 300 دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى.

«مەن مۇسلىمە خانىم قىزلىرىمىزنىڭ خەلقئارا سەۋىيەدىكى كىيىم پاسونلىرىنى، زامانىۋى ئۇسلۇبتا لايىھەلىيەلەيدىغانلىقىغا¡ خەلقارالىق مودا ماركىلارنى يارىتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن، لېكىن شۇنداقتىمۇ بەزى كىشىلەر بىزگە نىسبەتەن باشقىچە قارايدۇ، بىراق بىز چوقۇم كىشىلەرنىڭ بىزگە بولغان ناچار ئىدىيىلىرىنى ئۆزگەرتىشىمىز كېرەك»، دەپ سۆزىنى باشلىغان رىياسەتچى خانىم ئالدى بىلەن تورونتو خەلقارا تەسەتتۇر كىيىملەر لايىھىلەش بايرىمىنىڭ 2 يىلدىن بۇيانقى تەرەققىيات مۇساپىسى ئەسلەپ ئۆتتى.

ئۇ يەنە بۇ بايرامنىڭ تەسەتتۇر كىيىملەرنىڭ دىنىي ۋە مىللىي خاسلىقىنى ئاشۇرۇش،كىيىم - كېچەك مەدەنىيىتىنى گۈللەندۈرۈش توغرىسىدا مەخسۇس ماتېرىيال توپلاش مۇھاكىمە قىلىشنى ۋە بۇ ساھەدىكى لاھىيىلىگۇئىچىلەرنى قىممەتلىك تەكلىپ - پىكىرلەر بىلەن تەمىنلەش ۋە قوللاش، مۇسلىمە خانىم قىزلارغا گۈزەللىك بېغىشلاشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تورونتوغا جايلاشقان ياپون مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ كۆرگەزمە زالىدا ئېچىلغان مەزكۇر بايرامغا قاتناشتۇرۇلغان ئىسالامىي دىنىي خاسلىققا ئىگە كىيىم - كېچەك ماركىلىرى ۋە مودا ھەمدە لاھىيىلەر ساغلام، مەدەنىي تۇرمۇش شەكلىنى تەشەببۇس قىلىپ، مۇسۇلمان كىيىم كېچەك مەدەنىيىتى، ئىقتىسادى سىياسى ھالىتىنى نامايان قىلدى.

بايرامدا كانادا , ئەنگىلىيە، ئاۋسترالىيە ۋە پاكىستان، ئافرىقا ئەللىرىدىن كەلگەن ياش كىيىم لايىھەلەش ئۇستىلىرىنىڭ ئىسلامىي يۈرۈشلۈك كىيىملرى مودا كۆرگەزمىسى بايرامىدىكى ئەڭ يارقىن نۇقتا بولدى.

پەقەت ئاياللارلا ئىشتىراك قىلغان ئۆزگىچە مودا كۆرسىتىشتە، كەندىر،پاختا قاتارلىق ماتېرىياللاردىن تىكىلگەن، ئاددىي، راھەت , ئەمما كۆركەم كىيىملەر مېھمانلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئالقىشىغا ئېرىشتى، ئېسىل كىمخاپ، يىپەك تاۋارلاردىن تىكىلگەن ئىسلامىي ئالاھىدىلىك بىلەن زامانىۋىلىق ئۇستىلىق بىلەن بىرلەشتۈرۈلىپ دىنىي ۋە مىللىي خاسلىق ئۇستىلىق بىلەن مۇجەسسەملەشتۈرۈلىپ لاھىيىلەنگەن مۇراسىم كىيىملىرى، كېنەز كىيىملىرى كۆزنى قاماشتۇردى.

تەسەتتۇر، يەنى سالماقلىق ۋە ئاددى - ساددىلىق ئالاھىدىلىكلىرىگە ئىگە كىيىملىرىنى زىبۇ - زىننەتلىرى، گىرىملىرى بىلەن ماسلاشتۇرۇرۇپ مودا كۆرسەتكەن مودېللار مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ ئۆزىگە خاس لاتاپىتىنى نامايان قىلدى. بەزى كىيىملەرگە ئىسلامىي بەلگىە ۋە سۇرە ئىنچىكىلىك بىلەن سەنئەتلىك كەشتىلەنگەن بولۇپ، بەكرەك دىققەت قوزغىدى. ئۇ بايرامدا يەنە مۇسلىمەلەرنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ۋە ئۇلارنىڭ ھەر ساھەلەردىكى ئىقتىدارىنى دۇنياغا نامايان قىلىشتا كىيىم كېچەك ساھەسىنىڭ ئورنى ۋە رولى شۇنداقلا ئىسلامىي كىيىم كېچەك سەنئىتى توغرىسىدىكى ئىلمىي سۆھبەت يىغىنى بىللە داۋام قىلدى.

مەزكۇر بايرامدا مەخسۇس بازار تەسىس قىلىنغان بولۇپ، بازارغا ھەر خىل مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشىگە ئىگە مېھمانلارنىڭ ئېھتىياجىغا ماس تۈرلۈك رەڭ ھەم پاسونلاردىكى تەسەتتۇر كىيىم - كېچەكلىرى خانىم - قىزلارنىڭ پەردازلىنىش ئېھتىياجى ۋە سالاھىيەتلىرىگە مۇناسىپ مەدەنىيەت خاسلىق ئېھتىياجىغا ماس ھەر خىل ھالال بويۇملار، زىبۇ زىننەت، قول - ھۈنەر تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىمۇ قويۇلدى.

ئىسلامىي كىيىم - كېچەك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دۇنيا مىقياسىدا مۇسلىمە كىيىملىرى لايھلىئىگىچىلىرىنى قوللاش ۋە تېخىمۇ كۆپ ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى ۋە تەسەتتۇر كىيىم - كېچەك ماركىلىرىغا بازار يارىتىش ھەم ئىلگىرى سۈرۈش، ئىسلام مېدىنىيىتىنىڭ كېڭىيىشىگە قانداق خىزمەت قىلىش ھەققىدە پىلانلار ئوتتۇرغا قويۇلدى. شىمالىي ئامېرىكىدا ئىسلام كىيىم - كېچەك ساھەسىنىڭ يىللىق ئەڭ چوڭ لاھىلەش مودا كۆرسىتىش كەسپى يىغىنى بۇنىڭ بىلەن تورونتودا ئىسلامىي مودا كىيىملەر لايىھىئىلىرىنى ئىككىنچى قېتىم دۇنياغا يۈزلەندۈردى.شىمالىي ئامېركىدا ئىككىنچى قېتىم ئۇيۇشتۇرىلىۋاتقان ئىسلام كىيىم كېچەك ساھەسىدىكى تەسىرى كۈچلۈك بولغان بۇ كىيىم - كېچەك بايرىمى 23 - ئاۋغۇست يەنە بىر كۈن داۋام قىلىدۇ.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت