70 نەپەر ئۇيغۇر دىنىي زات «جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ۋە دىننى خىتايچىلاشتۇرۇش» بويىچە تەربىيەلەنگەن

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2018-01-18
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
سۈرەتتە: كۇسانتلار شەندۇڭ چۈفۇدا ئېكىسكۇرسىيە ئۆگىنىشىدە بولدى
سۈرەتتە: كۇسانتلار شەندۇڭ چۈفۇدا ئېكىسكۇرسىيە ئۆگىنىشىدە بولدى
مۇناسىۋەتلىك ماقالىنىڭ ئۈندىدارغا چىقىرىلغان نۇسخىسىدىن سۈرەتكە ئېلىنغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى ياش ۋە ئوتتۇرا ياش بولۇپ 70 نەپەر ئۇيغۇر دىنىي زاتنى بېيجىڭدىكى مەركىزى سوتسىيالىزم ئىنستىتۇتىغا يىغىپ، ئۇلارنى خىتاي تىلى ۋە «جۇڭخۇا مەدەنىيىتى» بويىچە تۆت ئاي تەربىيەلىگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنى بىرىنچى قېتىملىق «شىنجاڭ ياش ۋە ئوتتۇرا ياش ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنى تەربىيەلەش كۇرسى» (قىسقارتىپ «شىنجاڭ دۆلەت تىلى سىنىپى») دەپ ئاتىغان. بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرغان چەتئەللەردىكى دىنىي ئۆلىمالار ۋە بىلىم ئىگىلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوقىتىش ئۈچۈن ئۆزىگە سادىق ئاتالمىش «ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار» نى يېتىشتۈرۈۋاتقانلىقىنى شۇنداقلا دىندىن يەنىمۇ ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا دىنىي زاتلارنى «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» گە مەجبۇرىي سولاپ، دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ ئالامەتلىرىنى تېپىپ چىقىپ، قاتتىق زەربە بېرىش دولقۇنىنى كۈچەيتىۋاتقان بىر مەزگىلدە يەنە ئۆزى تەربىيىلەپ چىققان ئاتالمىش «ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زات» لارغا دىنىي خىزمەتلەرنى پەقەتلا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ سىياسەتلىرىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.

كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يېقىنقى يىللاردا يۈز بەرگەن ھەرىكەتلەرنىڭ سەۋەبىنى ئۆزىنىڭ ئادالەتسىز سىياسىتىدىن كۆرمەي، بەلكى ئاتالمىش «دىنىي ئەسەبىيلىك» تىن ئىزدىگەنلىكىنى، بۇنىڭ بىلەن دىنىي ساھەگە قاراتقان بېسىمنى يەنىمۇ كۈچەيتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

نۆۋەتتە خىتاي دائىرىلىرى ئاتالمىش «ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زات» لارنى ئۇيغۇر ئېلىدا ئاچقان كۇرسلاردىن باشقا يەنە خىتاينىڭ ئۆلكىلىرىگە ئاپىرىپ تەربىيىلەۋاتقانلىقى مەلۇم. خىتاي مەركىزى خەلق رادىيوسىنىڭ ئۇيغۇرچە تورى تارقاتقان 16-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، 2017-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى مەركىزىي سوتسىيالىزم ئىنستىتۇتىدا مەخسۇس بىر كۇرس باشلانغان. خەۋەردە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن 70 نەپەر ياش ۋە ئوتتۇر ياش «ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زات» لارنىڭ 120 كۈندىن ئارتۇق ئۆگىنىشنى تاماملىغاندىن كېيىن، خىتاي تىلىدا ئاددىي ئالاقىلەرنى قىلالايدىغان سەۋىيەگە يەتتى، دەپ كۆرسىتىلگەن.

تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر دىنىي ئالىملاردىن ئىسلام قانۇنى پەنلىرى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن ئاتاۋۇللا شاھيارى بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلار دىنى ئېتىقادى تۈپەيلى يەنىمۇ زور بېسىملارغا، تەقىبلەرگە ئۇچراۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەنە بىر تەرەپتىن دىنىي ساھەدىن تاللىۋالغان بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارنى تەربىيەلەپ، ئېكسكۇرسىيە قىلدۇرۇپ ۋە بۇنى خەۋەر قىلىپ، دۇنياغا زىنىڭ دىنىي سىياسەتلىرىنى ئاقلاپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنماقتا. ئۇلارنىڭ كۇرسانتلارغا مەخسۇس خىتاي تىلىنى ئۆگىتىشى، ئۇلارنى خىتاي مەدەنىيىتى بىلەن تەربىيىلىشى، خىتاينىڭ دىندىن پايدىلىنىپ زىنىڭ ئۇيغۇرلارنى يوق قىلىش سىياسىتىنى ئەمىلىلەشتۈۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر. ئاتالمىش "دىننى خىتايچىلاشتۇرۇش" ئەمەلىيەتتە ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسىي پرىنسىپلىغا قىلىنغان بۇزغۇنچىلىقتۇر.»

بېيجىڭدىكى 4 ئايلىق بۇ كۇرس ھەققىدە خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا تارقىتىلغان خەۋەردە، ئەزەلدىن يۇرتىدىن ئايرىلىپ باقمىغان بۇ ياشلارنىڭ تۇنجى قېتىم «بۈيۈك بىرلىك» ئۇقۇمىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، بىر قېتىملىق جۇڭگونىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىن ھالقىغان جۇڭگو مەدەنىيىتىنى سىڭدۈرىدىغان ئۆگىنىش سەپىرى بولدى دېيىلگەن. كۇرسانتلار «دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش» ۋەزىپىسىنى بىرلىكتە مۇزاكىرە قىلغانلىقى، خىتاينىڭ لۇڭچۈەن ئىبادەتخانىسىنى زىيارەت قىلدۇرغانلىقىمۇ سۈرەتلەر ئارقىلىق ئىزاھلانغان. كۇرس جەريانىدا ئىنستىتۇت ئۇلارنى ۋۇشى، سۇجۇ، شاڭخەي، چۈەنجوۋ قاتارلىق تۆت شەھەرگە ئېكسكۇرسىيە ۋە ئۆگىنىشكە تەشكىللىگەن بولۇپ، بۇ ھەقتە خەۋەردە «بۇ قېتىملىق كەچۈرمىش ئۇلارنى مول ھەم چوڭقۇر مەزمۇنلۇق جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ئىچىگە ئەكىرىپ، ئىدىيە ۋە قەلبىنى يۇدى ۋە يۇقىرى كۆتۈردى، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭ كېيىنكى تۇرمۇشىدا تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك گەۋدىلەنگۈسى» دېگەن جۈملىلەر ئىشلىتىلگەن.

خەۋەردىكى قىستۇرغان سۈرەتلەردىن كۇرسانتلارنىڭ ئۆگىنىش تەسىراتلىرىنى خىتايچە يېزىشتىن باشقا، رەسىم سىزىش، لېكسىيە سۆزلەش، ۋەدە بېرىش ئارقىلىقمۇ ئىپادىلەشكە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى مەلۇم.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «تىل ئۆگىنىش ياخشى ئىش بولسىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى بوغۇپ كېلىۋاتقان، ئۇيغۇرلارنىڭ تىلىنى يوقىتىپ ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشنى مەقسەت قىلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ساھەدىكىلەرنى خىتايچە ئۆگىنىشكە مەجبۇرلىشى ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ساھەدىكىلەردىن ئۆزىنىڭ سىياسىي مەنپەئەتى ئۈچۈن پايدىلىنىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.»

تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى «دىننى جوڭگولاشتۇرۇش» تىن ئىبارەت ئۇقۇمىنى «مەنتىقسىز ئىبارە» دەپ تەنقىد قىلىپ، «ھېچقانداق بىر ھاكىمىيەتنىڭ، بولۇپمۇ خىتايدەك بىر ئاتىئېستىك ھاكىمىيەتنىڭ مۇقەددەس ئىسلام دىنىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، دەخلى-تەرۇز قىلىش ھەققى يوق. دىننى ھېچقانداق ھاكىمىيەت ئۆزگەرتەلمەيدۇ،» دېدى.

دوكتور ئاتاۋۇللا شاھيارى، خىتاي گەرچە يۇقىرىقى ئۇسۇللار بىلەن بىر قىسىم ئۆزىگە سادىق بولغان، ئاتالمىش «ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زات» لارنى يېتىشتۈرۈشكە ۋە ئۇلاردىن پايدىلىنىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ ۋاقتى كەلگەندە ھەرقانداق بىر ئۇيغۇرنى ئۆزىگە دۈشمەن سانايدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى. ئۇ ئاخىرىدا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ، بولۇپمۇ دىنىي ساھەدىكى زاتلارنىڭ بۇنىڭغا ھەر ۋاقىت ھوشيار بولۇشىنى تەۋسىيە قىلدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت