«Disney» شىركىتى تۇرپاندا سۈرەتكە ئېلىنغان «مۇلەن» فىلىمى سەۋەبلىك زور تەنقىدكە ئۇچرىدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020.09.09
diney-mulan-karton-cartoon.jpg دىسنى فىلىم شىركىتىنىڭ «مۇلەن» فىلىمىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئىشلەنگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرۈلگەن كارتون.
RFA

دىسنى فىلىم شىركىتى ئىشلىگەن «مۇلەن» فىلىمىنىڭ بىر قىسىم كۆرۈنۈشلىرىنىڭ 2018-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدە يەنى «21-ئەسىرگە چۈشكەن داغ» دەپ ئاتىلىۋاتقان جازا لاگېرلىرى ئەڭ يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلگەن بىر مەزگىلدە سۆرەتكە ئېلىنغانلىقى زور خەلقئارالىق ئىنكاس قوزغىدى.

خىتاي تارىخىي رومانلىرىدىكى «مۇلەن» ئىسىملىك بىر ئايال قەھرىماننىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرى ئاساسىدا ئىشلەنگەن بۇ فىلىم 4-سېنتەبىر جۈمە كۈنى فىلىم قويۇلۇشقا باشلىغاندا بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەر فىلىم ئاخىرىدا دىسنى شىركىتىنىڭ فىلىم ئىشلەش جەريانىدا ھەمكارلاشقۇچى ئورۇنلار قاتارىدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەشۋىقات ئىدارىسى، تۇرپان شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ۋە تۇرپان شەھەرلىك تەشۋىقات ئىدارىسى قاتارلىق 8 ئورۇنغا رەھمىتىنى بىلدۈرگەنلىكىنى بايقىغان. نەتىجىدە بۇ فىلىمنىڭ بىر قىسىم كۆرۈنۈشلىرىنىڭ 2018-يىلى تۇرپاندا تارتىلغانلىقى ۋە بۇ فىلىم رېژىسورلىرىنىڭ 2017-يىلىلا رايوندا ئالدىن تەكشۈرۈشتە بولغانلىقى ئايدىڭلىشىپ، زور خەلقئارالىق تەنقىدكە دۇچ كەلدى.

تۇرپان، ئۇيغۇر ئېلىدە 2 مىليوندىن ئارتۇق كىشىنى تۇتقۇن قىلىپ، ئاتالمىش «قايتا تەربىيە» نامىدىكى لاگېرلارغا قاماش ھەرىكىتى ئەڭ بالدۇر باشلانغان ئورۇنلارنىڭ بىرى دەپ قارىلىدۇ. لاگېرلارنى تەتقىق قىلىۋاتقان تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنىز خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى ئېلان قىلغان خەۋەر ۋە ھۆججەتلەرگە ئاساسلانغاندا تۇرپاندا 2013-يىلىلا «قايتا تەربىيىلەش» نامىدا ھەرىكەت باشلانغانلىقىغا دائىر ئىسپاتلار بارلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ بۈگۈن رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە دىسنىينىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ سەل قاراشقا بولمايدىغان مۇھىم ۋەقەلىكىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ تولىمۇ چوڭ بىر ۋەقە. دىسنى شىركىتى ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا تۇرپاننىڭ جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىگە ۋە تەشۋىقات ئىدارىسىگە رەھمەت ئېيتقان. بۇ فىلىمنىڭ رايوندا ساقچى دۆلىتى سىستېمىسى يولغا قويۇلۇۋاتقان ۋە كەڭ كۆلەمدە جازا لاگېرلىرىغا تۇتقۇن قىلىش يۈرگۈزۈلۈۋاتقاندا سۆرەتكە ئېلىنىشى بىر ۋىجدانسىزلىق. مەن بۇنى غەرب كاپىتالىزىمىنىڭ خىتاي دۆلىتىگە مۇتلەق ھالدا بويۇن ئېگىشى، دەپ قارايمەن»

مەلۇم بولۇشىچە، مۇلەن فىلىمى ئۇيغۇر ئېلى بىلەن تۇتۇشىدىغان دۇنخۇاڭ قۇملۇقىنىڭ مىڭشاشەن قۇملۇقىدا ۋە تۇرپاندىكى تۇيۇق يېزىسى قاتارلىق يىگىرمىدەك ئورۇندا تارتىلغان بولۇپ، بۇ جەرياندا ئۇلارنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى بايقىماسلىقى، يوللاردىكى ساقچى پونكىتلىرىنى كۆرمەسلىكى ئەڭ قىسقىسى، خەلقئارادا بۇ ھەقتە يېزىلىۋاتقان خەۋەرلەرنى كۆرمەسلىكى مۇمكىن ئەمەسكەن. ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلارنىڭ ئورنىنى سۈنئىي ھەمراھ كۆرۈنۈشلىرى ئارقىلىق بېكىتىپ چىقىپ تونۇلغان كانادادىكى خىتاي ياش شاۋن جاڭ بۇ ھەقتە تىۋىتتىرغا يازغان ئىنكاسىدا مۇنداق دېگەن: «ئەگەر مۇلەن فىلىم ئىشلەش گۇرۇپپىسى تۇرپان ئايرودرومىدىن چىقىپ، G312 يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى ئارقىلىق پىچان قۇملۇقىغا بېرىپ فىلىم سۆرەتكە ئالغان بولسا، ئۇ ھالدا ئۇلار ئاز دېگەندىمۇ 7 لاگېرنى كۆرەلەيدۇ»

بىز دىسنى فىلىم شىركىتىنىڭ رەسمىي تور بېكىتىدىكى ئېلخەت ئادرېسى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى جاۋابىنى ئالماقچى بولدۇق. بىراق ئۇلاردىن ئىنكاس كەلمىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دىسنىي شىركىتى بۇ خاتالىقى ئۈچۈن ئۇيغۇر خەلقىدىن ئەپۇ سورىشى كېرەك، دەپ كۆرسەتتى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە جازا لاگېرلىرىنى يولغا قويۇپ، ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى كەڭ دائىرىدە تونۇلۇۋاتقان بىر شارائىتتا دىسنىي شىركىتىنىڭ بۇنداق بىر رىياللىقنى كۆرمەسكە سېلىشى تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق. بۇ 21-ئەسىردە يۈز بېرىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتكە شېرىك بولغانلىق، ئۇلار بۇ خاتالىقىنى تونۇشى ۋە ئۇيغۇر خەلقىدىن ئەپۇ سورىشى كېرەك»

مۇلەن فىلىمى، بۇ فىلىمنىڭ باش رول ئارتىسى يەنى «مۇلەن» رولىنى ئوينىغان ئارتىس ليۇيىفېي خوڭكوڭلۇقلارنىڭ دېموكراتىك نامايىشلىرىنى زوراۋانلارچە باستۇرغان خوڭكوڭ ساقچىلىرىنى قوللاپ سۆز قىلغانلىقى ئۈچۈن تەنقىدكە ئۇچراۋاتاتتى. بىراق، بۇ فىلىمنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت يۈز بېرىۋاتقان ئۇيغۇر ئېلىدە سۆرەتكە ئېلىنغانلىقى ئاشكارىلىنىشى بىلەن فىلىم يەنىمۇ زور غۇلغۇلا پەيدا قىلدى. ۋەقە، ۋاشىنگتون پوچتىسى، نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى، CNN تېلېۋىزىيىسى، مۇھاپىزەتچى گېزىتى، BBC قاتارلىق مۇھىم ئاخبارات ۋاستلىرى بىردەك خەۋەر قىلىندى. نۆۋەتتە تەتقىقاتچىلار، كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە نۇرغۇنلىغان تىۋىتتىر قوللانغۇچىلىرى بىردەك «مۇلەننى بويقۇت قىلايلى» خەشتەگ ھەرىكىتى ئارقىلىق دىسنى شېركىتىگە بېسىم ئىشلەتمەكتە. ئۇلار دىسنى شېركىتىنى تۇرپان ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ بۇ فىلىمدا قانداق رول ئوينىغانلىقى، ئۇلارنى نېمىلەر بىلەن تەمىنلىگەنلىكى، ئىككى تەرەپ ئارىسىدا قانداق كېلىشىملەرنىڭ تۈزۈلگەنلىكىدەك دېتاللارنى ئاشكارىلاشنى چاقىردى.

ئادرىيان زېنز رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە مۇلەن فىلىمىنىڭ دەل ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان زۇلۇم «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتىلىۋاتقان بىر مەزگىلدە بازارغا سېلىنىشى زور بىر تەلەيسىزلىك ۋە شۇنداقلا مۇۋاپىق بولمىغان بىر ھەرىكەت، دەپ تەكىتلىدى. ئۇ دىسنى شىركىتى، ھوللىيۋۇد ۋە شۇنىڭدەك باشقا شىركەتلەرگە چاقىرىق قىلىپ «غەرب جامائەتچىلىكى سىلەرنىڭ جازا لاگېرلىرىنىڭ كۆلەڭگىسى ئاستىدا پۇل تېپىشىڭلارنى قوبۇل قىلمايدۇ. بۇ قوبۇل قىلغۇسىز بىر ھەرىكەت. ئۇ بۇ شىركەتلەرنىڭ ئىناۋىتىنى يوقىتىشىغا سەۋەب بولىدۇ» دېدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.