48 نەپەر دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى ترامپ ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر رايونىدىكى «ئىنسانلىققا قارشى جىنايەتلەر» گە قارىتا كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرۇشقا چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019.12.13
dolet-mejlisi-mektup.jpg 48 نەپەر دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى ترامپ ھۆكۈمىتىگە سۇنغان مەكتۇپنىڭ ماۋزۇسى ۋە باشلىنىشىدىكى مەزمۇن.
rubio.senate.gov

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ۋە ئاۋام پالاتاسىنىڭ 48 نەپەر جۇمھۇرىيەتچى ۋە دېموكراتچىلار پارتىيەسىدىن بولغان ئەزاسى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو، مالىيە مىنىستىرى ستېۋېن مىنۇچىن، سودا مىنىستىرى ۋىلبۇر رۇسلارغا مەكتۇپ يېزىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمانلىرىنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىشى، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشىغا كەسكىن ۋە كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرۇشىنى تەلەپ قىلغان.

مەكتۇپتا «ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا سادىر قىلىنىۋاتقان ئىنسانلىققا قارشى جىنايەتلەرگە تاقابىل تۇرۇشتا ئەركىن دۇنياغا يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك. ئەگەر ‹ھەرگىز قايتا تەكرارلانمىسۇن› دېگەن سۆزنىڭ 21‏-ئەسىردە بىر ئەھمىيىتى بولسا، بىز دەۋرىمىزدە يۈز بېرىۋاتقان ئەڭ ئېغىر تراگېدىيەگە ئىنكاس قايتۇرۇشىمىز كېرەك. ئەگەر ئامېرىكا ۋە ئامېرىكا شىركەتلىرى ھەرىكەتكە ئۆتۈشنى رەت قىلسا ياكى ھەرىكەتكە ئۆتمىسە، بۇ تارىخىمىزدىكى بىر داغ بولۇپ قالىدۇ،» دېيىلگەن.

جۇمھۇرىيەتچى كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو بىلەن دېموكراتچى ئاۋام پالاتا ئەزاسى جېيمىس مىكگوۋېرننىڭ باشچىلىقىدا يېزىلغان مەزكۇر مەكتۇپقا ماركۇ رۇبىيو، جون كورنىن، رىچارد بلۇمېنتال، مارشا بىلەكبۇرن، ئانگۇس كىڭ، تام كاتتون، سۇزان كولىنىس، مارك ۋارنېر، تىم كېيىن قاتارلىق 28 نەپەر كېڭەش پالاتا ئەزاسى، جىم مىكگوۋېرن، ئېلىئوت ئەنگېل، برەد شېرمان، كرېست سىمىس، تەد يوخۇ ئەن ۋاگنېر قاتارلىق 20 نەپەر ئاۋام پالاتا ئەزاسى ئىمزا قويغان.

مەكتۇپتا، ھۆكۈمەتنىڭ «ماگنېتىسكىى قانۇنى» نى دەرھال ئىشقا سېلىشى تەلەپ قىلىنىپ، «بىز سىزلەرنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگو شۇنداقلا خىتاينىڭ مىللەتلەر ۋە دىن سىياسىتىنى تۈزۈش، ئىجرا قىلىشتا رول ئويناۋاتقان يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارلىرىغا، جۈملىدىن خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق بىرلىكسەپ بۆلۈمى، سىياسىي-قانۇن كومىتېتى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى كومىتېتلىرىغا قارىتا ‹ماگنېتىسكىى قانۇنى› نى ئىشقا سېلىپ ئېمبارگو يۈرگۈزۈشكە چاقىرىمىز. زور مىقداردىكى دەلىللەر چېن چۈەنگونىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ ئاچقۇچلۇق پىلانلىغۇچىسى ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان بىر پەيتتە ‹يەر شارى ماگنېتىسكىي قانۇنى› نى يەنە ئىشقا سالماسلىقنى كەچۈرگىلى بولمايدۇ،» دېيىلگەن.

بۇنداق مەكتۇپ ترامپ ھۆكۈمىتى ئەمەلدارلىرىغا بۇرۇنمۇ يېزىلغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ مەكتۇپتا تۇنجى قېتىم خىتاي بىرلىكسەپ بۆلۈمى ۋە سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنغان. 12‏-دېكابىر كۈنى يېزىلغان مەزكۇر مەكتۇپ «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھىسى» كېڭەش پالاتاسىدا ئاۋازغا قويۇلۇشنى كۈتۈپ تۇرغان مەزگىلدە يېزىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.