ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە «ئۇيغۇرلار: خىتايدىكى تەرەققىياتقا بەدەل بولغان زۇلۇملار» تېمىسىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019.07.16
dolqun-eysa-dolet-mejlisi.jpg ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇرلار: خىتايدىكى تەرەققىياتقا بەدەل بولغان زۇلۇملار» تېمىسىدىكى يىغىندا د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سۆزلىمەكتە. 2019-يىلى 16-ئىيۇل، ۋاشىنگتون.
RFA/Eziz

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭىدىن قەد كۆتۈرگەن ئىقتىسادىي قۇۋۋەت ساھىبى ئىكەنلىكى دۇنيادىكى كۆپ قىسىم كىشىلەرگە مەلۇم بولسىمۇ، مۇئەييەن ساندىكى خىتايشۇناسلار «بۇ خىل يۈكسىلىش ۋە تەرەققىياتنىڭ ئارقىسىغا نېمىلەرنىڭ يوشۇرۇنغانلىقى كۆپ قىسىم كىشىلەرگە ئايدىڭ ئەمەس» دەپ قاراپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. بولۇپمۇ خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى» باشلانغاندىن بۇيان بۇنىڭ مۇھىم ئۆتەر يولىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىليونلاپ لاگېرلارغا قامىلىشى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا يۇرتىنىڭ خارابلىققا يۈزلىنىشى بارغانسېرى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغاشقا باشلىدى. ئەنە شۇ خىل ئەھۋاللارنىڭ ھازىرقى يۈزلىنىشىگە قاراپ چىقىش ھەمدە ئامېرىكا ھۆكۈمەت قاتلىمىدىكى مۇناسىۋەتلىك شەخسلەرنى بۇ ھەقتە يەنە بىر قېتىم جىددىيرەك مۇئامىلىدە بولۇشقا ئاگاھلاندۇرۇش مەقسىتىدە 16-ئىيۇل كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە «ئۇيغۇرلار: خىتايدىكى تەرەققىياتقا بەدەل بولغان زۇلۇملار» تېمىسىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى.

بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ رىياسەتچىسى، ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى تۇردى غوجا ئالدى بىلەن يىغىندا سۆز قىلغۇچى شەخسلەرنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەندىن كېيىن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن ياردەمچى مىنىستىرى، «دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەمگەك ئىدارىسى» نىڭ باشلىقى سكوت بازبىينى ئېچىلىش نۇتقى سۆزلەشكە تەكلىپ قىلدى.

سكات بازبىي سۆزىدە بۈگۈننىڭ ئۆزىدىلا دىنىي ئەركىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش مىنىستىرلار يىغىنى ۋە ئۇنىڭ قوشۇمچە پائالىيەتلىرىنىڭ تەڭلا باشلانغانلىقىنى، مۇشۇ بىر قاتار جىددىي پائالىيەتلەرنىڭ مەركىزىي نۇقتىسىدىكى تېمىلارنىڭ بىرى خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇقنى ئاياق-ئاستى قىلىش سىياسەتلىرى ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ ئۆتتى. بولۇپمۇ خىتاينىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن گۈللىنىشىگە ئەگىشىپ، مىللىي ۋە دىنىي ساھەلەردىكى پەرقلىق ھادىسىنى «تەھدىت» دەپ قاراشقا يۈزلەنگەنلىكىنى، شۇ سەۋەبتىن «دىننى خىتايچىلاشتۇرۇش» دېگەندەك تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن شوئارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاي تەۋەسىدە، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار دىيارىدا دىنىي ئېتىقادنى «سىياسىيلاشتۇرۇش» قا زور كۈچ سەرپ قىلىۋاتقانلىقىنى، مۇشۇ سەۋەبتىن مىليونلارچە كىشىنىڭ لاگېرلارغا قامالغانلىقىنى، پۈتكۈل ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ ئىسمى-جىسمىغا لايىق «ساقچى دۆلىتى» گە ئايلىنىپ بولغانلىقىنى بايان قىلىپ، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەلەرنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ئېغىر بىر ھالغا كېلىپ قالغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار دىيارىدا ئىجرا قىلىۋاتقان نازارەت سىستېمىسى ھەققىدە «كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» خىتاي بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى سوفى رىچاردسون مەخسۇس توختىلىپ ئۆتتى. ئۇ ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنسانلار تۇرمۇشىنى تېخىمۇ گۈزەللىككە ۋە قۇلايلىققا ئىگە قىلىشنى نىشان قىلغان، تەرەققىياتنىڭ بەلگىلىرى بولغان يۇقىرى پەن-تېخنىكا ۋاسىتىلىرىنى ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم سېلىش ۋە قىيناش ۋاسىتىسىگە ئايلاندۇرۇۋالغانلىقىنى، ئەمدىلىكتە بولسا بۇ تېخنىكىلارنى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنى پاراكەندە قىلىشقا قەدەر قوللىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە كۆپلىگەن جانلىق مىساللارنى بايان قىلىش ئارقىلىق، يىغىن ئەھلىگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «تەرەققىيات مەنزىرىسى» ئارقىغا يوشۇرۇنغان زۇلمەتلىك ھادىسىلەرنىڭ بىرىنى تەسۋىرلەپ بەردى.

بۇ قېتىمقى يىغىنغا ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان مېھمانلارنىڭ بىرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى (د ئۇ ق) نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئىدى. ئۇمۇ ئۆز نۆۋىتىدە سۆز ئېلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتىكى «تەرەققىيات نامىدا ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش» ھەرىكىتىنىڭ تاسادىپىي ئوتتۇرىغا چىقىپ قالغان ھادىسە ئەمەسلىكىنى، بۇنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنىنى ئىشغال قىلىۋالغان ۋاقىتلاردىن باشلاپلا ئىجرا بولۇشقا باشلىغانلىقىنى، پەقەت ئۇنىڭ ئوخشىمىغان مەزگىللەردە ئوخشىمىغان ناملاردا داۋام قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ ئۇنىڭ ماھىيىتىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتتى. بولۇپمۇ 2000-يىللارغىچە تاشقى دۇنياغا ھېچقاچان تېررورلۇق ھەققىدە سۆز قىلىپ باقمىغان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «11-سېنتەبىر ۋەقەسى» گە ئوخشاش دۇنياۋى ۋەقەلەردىن مەككارلارچە پايدىلىنىپ بىردىنلا «تېررورىزمنىڭ قۇربانلىرى» غا ئايلىنىۋالغانلىقى، بۇنىڭ بىلەن ھازىرقى كۈندە پۈتكۈل ئۇيغۇرلارنى «تېررورچى» دەپ قاراشقا ئۆتكەنلىكىنى، يالغۇز مۇشۇنىڭ بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن ھازىر چەتئەللەرگە قول سوزۇپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ياۋروپا ئىتتىپاقى قاتارلىق دۇنياۋى تەشكىلاتلارنى مونوپول قىلىشقا، ئۇيغۇرلارنىڭ دېموكراتىك ئەللەردىكى قانۇنلۇق ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرىگە توسقۇنلۇق قىلىشقا يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ كېلىپ: «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۆزى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تېررورلۇق تەشكىلاتىدۇر. ھازىرغا قەدەر بۇ پارتىيە نەچچە ئون مىليونلاپ كىشىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىگە سەۋەب بولغان ئەمەسمۇ؟» دېدى.

يىغىننىڭ مېھمانلىرىدىن «كىشىلىك ھوقۇق بىرىنچى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى مايك برېن نۇقتىلىق قىلىپ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە سۇنىدىغان تەكلىپلەر ھەققىدە سۆز قىلدى. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇشنىڭ باش ئىجراچىسى بولغان چېن چۈەنگوغا «يەر شارى ماگنېتىسكى قانۇنى» بويىچە جازا بېرىش، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان مىليونلاپ لاگېرغا قامىلىشتەك پاجىئەنى يالغۇز ئۇيغۇرلارغا كېلىۋاتقان زۇلۇم، دەپلا قاراپ قالماستىن بۇنى يەنە پۈتكۈل ئىنسانىيەت دۇچ كېلىۋاتقان بىر ئورتاق پاجىئە، دەپ قاراش لازىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ قىزى جەۋھەرمۇ بۇ قېتىمقى يىغىندا دادىسىنىڭ ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرگەن ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق ئېغىر زۇلۇمغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ بەردى. بولۇپمۇ «دادامنىڭ بىردىن-بىر گۇناھى قەلەم ئارقىلىق ئۆز خىيالىنى قەغەزگە يازغانلىقى» دېيىش ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا قايسى دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى جانلىق تەسۋىرلەپ بەردى.

يىغىن ئاخىرىدا بىز بۇ قېتىمقى يىغىننى ئورتاق تەشكىللەشكە مەسئۇل بولغان «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباسنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ نېمە ئۈچۈن مۇشۇ ۋاقىتتا بۇ يىغىننى ئېچىش قارار قىلىنغانلىقى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بەردى.

د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسامۇ ئايرىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ لاگېرلار مەسىلىسىنى چۆرىدىگەن پائالىيەتلىرىنىڭ بىر مۇھىم نەتىجىسى سۈپىتىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باشتا تېنىۋالغان لاگېرلارنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ داۋاملىق ئۆز تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىگە ھەمدەمدە بولۇشى لازىملىقىنى، «خىتاي لاگېرلارنى تاقايدىكەن» دېگەندەك رەڭۋازلىقلارغا ئالدىنىپ قالماسلىق كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئاخىرىدا مەخسۇس سوئال-جاۋاب باسقۇچى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئۇيغۇرلار ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى ھەققىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان سوئاللارغا مېھمانلار بىر-بىرلەپ جاۋاب بەردى. يىغىن زالىنى ئىشلىتىش ۋاقتى توشۇپ قالغانلىقتىن يەنە بىر قىسىم كىشىلەر ئۆز سوئاللىرىنى سوراشقا ئىلاجسىز قالدى.

يىغىنغا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىكى بىر قىسىم خادىملار، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە قىزىققۇچىلار، ئاخبارات ساھەسى ۋە بىر قىسىم ئۇيغۇر جامائىتى قاتناشتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.