دولقۇن ئەيسا ب د ت نىڭ يەرلىك مىللەتلەر مەسىلىسى مۇنبىرىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى
2019.05.01
ئۇ مەزكۇر مۇنبەردە مۇزاكىرە قىلىنىدىغان ئاساسلىق تېما ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بەردى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تۇپرىقى مۇستەملىكىگە ئۇچرىغان مىللەتلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقى ۋە شۇنىڭغا قارىتا ئېلىنىدىغان تەدبىرلەر مۇھىم مۇزاكىرە تېمىسى بولغان ئىكەن.
يىغىندا دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا يەرلىك مىللەتلەرنىڭ نۆۋەتتە ئۇچراۋاتقان ئىنسانىي خورلۇقلىرى، تىل ۋە مەدەنىيەت چەكلىمىلىرى، خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامالغان ئىككى مىليوندىن ئارتۇق بىگۇناھ ئىنساننىڭ چېكىۋاتقان ئازابلىرى ھەققىدە سۆز قىلغان شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەتتىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىغا جىددىي مۇئامىلە قىلىشنى ۋە جازا لاگېرلىرىنىڭ تاقىلىشى ھەققىدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىشىنى تەلەپ قىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلىتىۋاتقىنىدا ب د ت دىكى خىتاي دېپلوماتلىرى ئۇنى «تېررورچى» دېگەن نام بىلەن ئۇنىڭ سۆزلىرىگە رەددىيە بەرگەن ۋە سۆز ئەركىنلىكىگە ئاشكارا ھۇجۇم قىلغان.
زىيارەت داۋامىدا دولقۇن ئەيسا ئەپەندى مەزكۇر يىغىندا ھەرقايسى دۆلەت ۋەكىللىرىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە تېخىمۇ قىزىققانلىقىنى بىلدۈرگەچ، بۇ مۇنبەرنىڭ كەلگۈسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈشى، خەلقئارادا غۇلغۇلا قوزغىشى ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈشى قاتارلىق جەھەتلەردىن ئوينايدىغان رولىنىڭ ئىنتايىن چوڭ بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يەرلىك مىللەتلەر مەسىلىسى مۇنبىرى ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي كېڭەشنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەسلىھەتچىلەر ئورگىنى بولۇپ، 2000-يىلى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى قۇرۇلغان. مەزكۇر مۇنبەر يەرلىك مىللەتلەر مەسىلىسىگە چېتىشلىق ئىقتىساد ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات، مەدەنىيەت، مۇھىت، مائارىپ، سەھىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق قاتارلىقلارنى ئاساسلىق كېڭىشىش نىشانى قىلغان ئىكەن.