گېرمانىيەدە «جازا لاگېرلىرىدا ئۆلۈم» ناملىق يىغىن ئۆتكۈزۈلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2019-05-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
دۇق رەئىسى دولقۇن ئەيسا گېرمانىيەنىڭ كارلسرۇخې شەھىرىدە ئۇيغۇر دىياردىكى جازا لاگېرلىرى ھەققىدە دوكلات بەردى. 2019-يىلى 23-ماي. كارلسرۇخې، گېرمانىيە.
دۇق رەئىسى دولقۇن ئەيسا گېرمانىيەنىڭ كارلسرۇخې شەھىرىدە ئۇيغۇر دىياردىكى جازا لاگېرلىرى ھەققىدە دوكلات بەردى. 2019-يىلى 23-ماي. كارلسرۇخې، گېرمانىيە.
RFA/Ekrem

تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتى كارلسرۇخې شۆبىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 23-ماي كۈنى گېرمانىيەنىڭ كارلسرۇخې شەھىرىدە «جازا لاگېرلىرىدا ئۆلۈم» ناملىق يىغىن ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا كارلسرۇخې ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلاردىن كەلگەن ئۇيغۇرلاردىن سىرت، يەنە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى، گېرمانىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزالىرى، ھەر ساھە ئىلىم ئادەملىرى، سىياسىي زاتلار ھەمدە ئۇيغۇرلارغا قىزىققۇچى يەرلىك ئاۋام بولۇپ، كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى يىغىندا دوكلات تەقدىم قىلىشقا تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، ئۇ شەرقىي تۈركىستاننىڭ جۇغراپىيىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك مەنبەسى، ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادىتى، تارىختا قۇرغان دۆلەتلىرى، خىتاينىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغان دەۋرلىرى ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە قىسقا توختىلىپ ئۆتكەندىن كېيىن، جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.

د ئۇ ق رەئىسىنىڭ جازا لاگېرلىرى توغرىسىدىكى 1 سائەتتىن ھالقىغان بايانلىرى يىغىن ئەھلىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتتى. ئۇ سۆزىدە زىيالىيلار، دىنىي زاتلار، سەنئەتكارلار، تەتقىقاتچىلار، بايلار، كارخانىچىلار، قىسقىسى ئۇيغۇردىن ئىبارەت بۇ مىللەتنىڭ بارلىق سەرخىللىرىنىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامالغانلىقى، بىر قىسىملىرىنىڭ لاگېرلاردا ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى، مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ئېغىر قىيىن-قىستاققا ئېلىنىۋاتقانلىقى، مېڭىسى يۇيۇلىۋاتقانلىقى، خىتايلىشىشقا مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقى، سانى 3 مىليوندىن ئارتۇق پەرەز قىلىنىۋاتقان تۇتقۇندىكى بۇ خەلقنىڭ بۈگۈن ھەتتا «خىتايچە ئۇسسۇل ئويناشنى خالىمايمەن، چوشقا گۆشى يېمەيمەن، خىتايغا خوتۇن بولمايمەن» دىيەلمەيدىغان دەرىجىدە ھوقۇقسىز، چارىسىز ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى پاكىتلىرى بىلەن ئېكراندا كۆرسىتىپ تۇرۇپ بايان قىلدى.

ئۇنىڭ نۇتىقىدىن كېيىن سوئال-جاۋاپ باشلاندى. يىغىن ئەھلى شەرقىي تۈركىستانغا، ئۇيغۇر مىللىتىگە، جازا لاگېرلىرىغا ئائىت ھەر تۈرلۈك سوئاللارنى سورىدى. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى تەپسىلىي جاۋاب بەردى. بىر نەپەر گېرمان كىشى ئارىدا سۆز ئېلىپ، ئۆزىنىڭ قەشقەرلىك بىر كېلىنى بارلىقىنى، ئوغلىنىڭ بۇ قىز بىلەن 2012-يىلى توي قىلغانلىقىنى، ئەمما 2017-يىلىدىن كېيىن جازا لاگېرلىرى بەرپا بولۇپ ئۆزگەرگەن قاباھەتلىك ۋەزىيەت تۈپەيلى ئۇلارنىڭ قەشقەرگە قايتا بارالمىغانلىقىنى ھېكايە قىلىپ بەردى.

يىغىن خاتىمىسىدە رىياسەتچىلەر خەلققە، تەشكىلاتلىرىغا ۋاكالىتەن د ئۇ ق رەئىسىنىڭ ئالايىتەن ۋاقىت ئاجرىتىپ بۇ يەردىكى يۈزلەرچە كىشىگە خىتاينىڭ مۇستەبىت سىياسىتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئېچىنىشلىق ۋەزىيىتى ھەققىدە چۈشەنچە بەرگەنلىكىگە رەھمەتلىرىنى بىلدۈردى. كىشىلەر گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى بىلەن تەشەككۈرلىرىنى ئىزھار قىلىشقان بولدى.

بۇ پائالىيەتكە گېرمانىيەدىكى جامائەت ئەربابلىرىدىن ئابلىمىت تۇرسۇن ۋە ئابدۇسالام ئەپەندىلەر د ئۇ ق رەئىسىگە ھەمراھ بولۇپ ئالايىتەن ميۇنخېن شەھىرىدىن كېلىپ قاتناشقان بولۇپ، ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندى بۇ يىغىننىڭ ناھايىتى تەسىرلىك، جەلپ قىلارلىق ئۆتكەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئابدۇسالام ئەپەندىمۇ ئوخشاش قاراشنى بىلدۈردى.

كارلسرۇخې شەھىرىدە ياشاۋاتقان د ئۇ ق تەتقىقات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئەنۋەر ئەخمەت ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا بۇ يەردىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىن ئۈچۈن بىرقانچە ئاي ئالدىن تەييارلىق قىلغانلىقىنى، يىغىننىڭ ئۆزلىرى كۈتكەندىن بەكرەك نەتىجىلىك بولغانلىقىنى تەكىتلىدى. 

يىغىنغا يەنە كارلسرۇخې ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى شەھەرلەردىن كەلگەن تۈرك تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرىمۇ قاتناشقان بولۇپ، ئۇلار يىغىن ئاخىرلاشقاندا د ئۇ ق رەئىسىنى ئۆز تەشكىلاتلىرىغا كېلىپ دوكلات تەقدىم قىلىشقا تەكلىپ قىلىشتى ۋە خاتىرە سۈرەتلەرگە چۈشۈشتى. كارلسرۇخې شەھىرىدىكى ئاخبارات قاناللىرى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنى ئايرىم زىيارەتلەر قىلدى. بۇ شەھەردىكى ئۇيغۇر مەشرەپ ئەھلى كەچتە د ئۇ ق ۋەكىللىرى ئۈچۈن ئىپتار سورۇنى ھازىرلاپ، ئىپتاردىن كېيىن تۈن نىسبىگىچە سۆھبەتلەر ئېلىپ باردى. 

24-ماي كۈنى د ئۇ ق ۋەكىللەر ئۆمىكى «ياۋروپا تۈرك كونفېدىراتسىيونى» تەشكىلاتىنىڭ كارلسرۇخې شەھىرىدىكى تارماق ئورگىنىنى تەكلىپكە بىنائەن زىيارەت قىلىپ شەرقىي تۈركىستان ۋە جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى توغرىسىدا بىر سائەت سۆھبەت ئېلىپ باردى. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ رەئىسى نەجەف كاراجا ئەپەندى پۈتۈن دۇنياغا تارالغان 400 دىن ئارتۇق تۈرك فېدىراتسىيونى تارماق تەشكىلاتلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ ھىمايىچىسى ۋە ئاكتىپ قوللىغۇچىسى ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت