دولقۇن ئەيسا «خالىفاكىس خەلقئارا بىخەتەرلىك مۇنبىرى» نىڭ بۇ يىللىق يىغىنىغا تەكلىپ قىلىندى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2019.11.22
Dolkun-Eysa-Kanadada-00.jpg كانادادىكى ئۇيغۇرلار «خالىفاكىس خەلقئارا بىخەتەرلىك مۇنبىرى» نىڭ بۇ يىلقى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن يېتىپ كەلگەن دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمنى قىزغىن كۈتۈۋالدى. 2019-يىلى 20 نويابىر. كانادا.
Photo: RFA

كانادا شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى تۇيغۇن ئابدۇۋەلىنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا كانادادا ئۆتكۈزۈلىدىغان «خالىفاكىس خەلقئارا بىخەتەرلىك مۇنبىرى» نىڭ بۇ يىللىق يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن 20-نويابىر كۈنى تورۇنتو شەھرىگە يېتىپ كەلگەن.

تۇيغۇن ئابدۇۋەلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دولقۇن ئەيسا 22-نويابىردىن 24-نويابىرغىچە كانادانىڭ نوۋا سكوتىيە شىتاتىنىڭ خالىفاكس شەھرىدە ئېچىلىدىغان «خالىفاكىس خەلقئارا بىخەتەرلىك مۇنبىرى» بۇ يىللىق يىغىنىغا قاتنىشىپ، ئۇيغۇرلار ھەققىدە سۆز قىلىدىكەن. دولقۇن ئەيسا بۇ يىغىندىن ئىلگىرى، يەنى 20-ۋە 21-نويابىر كۈنلىرى كانادىككى خىتايغا قارشى ئاممىۋىي تەشكىلاتلار بىلەن ئۇچراشقان ھەمدە مۇزاكىرەلەردە بولغان. 

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۇق رەئىسى دولقۇن ئەيسا رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ 20-نويابىر كۈنى كاناداغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن بىر قاتار پائالىيەتلەرگە قاتناشقانلىقىنى، بۈگۈن، يەنى 22-نويابىر كۈنى كانادانىڭ نوۋا سكوتىيە شىتاتىنىڭ خالىفاكس شەھرىگە يېتىپ كېلىپ، ئىككى كۈن داۋاملىشىدىغان «خالىفاكىس خەلقئارا بىخەتەرلىك مۇنبىرى» يىغىنىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، 2009-يىلى كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمى بىلەن قۇرۇلغان «خالىفاكىس خەلقئارا بىخەتەرلىك مۇنبىرى» نىڭ باش شىتابى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا تەسىس قىلىنغان ئىكەن. مەزكۇر ئورگان ئامېرىكادىكى گېرمانىيە مارشال فوندىنىڭ بىر پروگراممىسى سۈپىتىدە ھەر يىلى بىر قېتىم خەلقئارالىق يىغىن ئۆتكۈزىدىكەن. 2012-يىلدىن باشلاپ، يىلدا بىر قېتىم چاقىرىلىپ كېلىۋاتقان «خالىفاكىس خەلقئارا بىخەتەرلىك مۇنبىرى» يىغىنىغا يىللاردىن بۇيان دۇنيادىكى 90 دىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ تاشقىي ئىشلار مىنىستېرلىرى ۋە ھەرقايسىي دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت مۇداپىيەسى ساھەسىدىكى يوقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ھەمدە نوپۇزلۇق سىياسىيونلار تەكلىپ قىلىنىپ كەلگەن ئىكەن. ئۇلار بۇ يىغىندا شۇ يىلى دۇنيادا يۈز بەرگەن جىددىي كىرىزىسلارنى مۇزاكىرە قىلىدىكەن.

يىغىن ھەققىدىكى ئېلان ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، كانادا تاشقىي ئىشلار مىنىستېرلىقى، كانادا دۆلەت مۇداپىيە مىنىستېرلىقى ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان «خالىفاكىس خەلقئارا بىخەتەرلىك مۇنبىرى» نىڭ 2019-يىللىق يىغىنغا ئامېرىكا، كانادا، ياۋروپا دۆلەتلىرى، ئوتتۇرا-شەرق ئەللىرى، ئاسىيا-ھىندى ئوكيان رايونىدىكى دۆلەتلەر ۋە ئافرىقادىكى بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستېرلىرى، دۆلەت مۇداپىيەسى ساھەسىدىكى يوقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى، سىياسىيونلار، خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق مۇستەقىل تاراتقۇلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلاردىن بولۇپ، 300 نەپەر ۋەكىل تەكلىپ قىلىنغان. 

دولقۇن ئەيسانىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ بۇ يىل 8-ئاي مەزگىلىدە «خالىفاكىس خەلقئارا بىخەتەرلىك مۇنبىرى» نىڭ 2019-يىللىق يىغىنىغا تەكلىپ قىلىنغان تەكلىپنامە تاپشۇرۇۋالغان. بۇ يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى 22-نويابىر كۈنى چۈشتىن كېيىن شۇ يەر ۋاقتى سائەت 3:00 تە ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، يىغىننىڭ يېرىمى ئوچۇق، يېرىمى يېپىق شەكلىدە ئېلىپ بېرىلىدىكەن. يىغىن مەزگىلىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات بېرىدىكەن. بۇ ئۇيغۇر ۋەكىللىرىنىڭ مەزكۇر يىغىنغا تۇنجى قېتىم قاتنىشىشى ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە بۇ نۆۋەتلىك «خالىفاكىس خەلقئارا بىخەتەرلىك مۇنبىرى» يىغىنغا يەنە سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتىنىڭ باشلىقى لوبساڭ سانگاي، خوڭكوڭ ۋە تەيۋەن ۋەكىللىرمۇ تەكلىپ قىلىنغان ئىكەن. دولقۇن ئەيسا بىلەن لوبساڭ سانگاي 22-نويابىر كۈنى كەچتە «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋە تىبەت ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.