دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنى تەيۋەننىڭ كورونا ۋىرۇسى ھەققىدىكى ئاگاھلاندۇرۇشىغا قۇلاق سالمىغان

مۇخبىرىمىز جۈمە
2020-03-22
Share
Wuhan-virus-WHO-Tedros.jpg دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش ئەمەلدارى تېدروس ئادھانوم.
Social Media

تەيۋەن دائىرىلىرى دېكابىردىلا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنى خىتاينىڭ كورونا ۋىرۇسى مەسىلىسىدە يالغانچىلىق قىلىۋاتقانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار بۇنىڭغا قۇلاق سالمىغان.

تەيۋەنلىك دوختۇرلار خىتايدىكى خىزمەتداشلىرىدىن خىتايدا تارقالغان ۋىرۇستا دوختۇرلارنىڭمۇ يۇقۇملانغانلىقى، ۋىرۇسنىڭ ئادەمدىن-ئادەمگە يۇقىدىغانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، 31-دېكابىر بۇ ئۇچۇرلارنى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى قارمىقىدىكى خەلقئارا سەھىيە نىزامنامىسى ئورگىنى ۋە خىتاينىڭ سەھىيە تارماقلىرى بىلەن ئورتاقلاشقان.

«تەيۋەن ئىقتىساد ۋاقىت گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ھەقتە توختالغان تەيۋەننىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئۇلار يەتكۈزگەن ئۇچۇرنى باشقا دۆلەتلەر بىلەن ئورتاقلاشمىغانلىقىنى ئېيتقان.

تەيۋەن مۇئاۋىن پرېزىدېنتى چېن جيەنرېن مۇنداق دېگەن: «بۇ ۋىرۇسنىڭ ئادەمدىن-ئادەمگە يۇقىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇش كېچىكىپ ئېلان قىلىندى. نەتىجىدە خىتاي ۋە دۇنيا مىقياسىدىكى ئاگاھلاندۇرۇش دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆرسىتىش پۇرسىتى قولدىن كەتتى.»

خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، كورونا ۋىرۇسى خىتايدا جىددىي تارقىلىۋاتقان مەزگىلدە، يەنى 14-يانۋار دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بۇ ۋىرۇسىنىڭ ئادەمدىن-ئادەمگە يۇقمايدىغانلىقى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ تەشۋىقاتىنى تارقاتقان.

ۋىرۇس خىتايدا جىددىي يامراپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋىرۇس ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن كىشىلەرنى قاتتىق باستۇرۇۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى خىتاينى ماختاشنى توختاتمىغان.

ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشى خەلقئارا ئاخباراتلاردا قاتتىق تەنقىدكە ئۇچىرىغا ئىدى.

نۆۋەتتە بۇ ۋىرۇس دۇناي بويىچە 300 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى يۇقۇملاندۇرغان ۋە 13 مىڭغا يېقىن ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت