د ئۇ ق جەنۋە نامايىشى ۋە «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ 10 يىللىقىنى خاتىرىلەش چاقىرىقى ئېلان قىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2019-06-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى جەنۋە نامايىشى ۋە «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ 10 يىللىقىنى خاتىرىلەش چاقىرىقى ئېلان قىلدى. 2019-يىلى 17-ئىيۇن.
د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى جەنۋە نامايىشى ۋە «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ 10 يىللىقىنى خاتىرىلەش چاقىرىقى ئېلان قىلدى. 2019-يىلى 17-ئىيۇن.
Social Media

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 17-ئىيۇن كۈنى چاقىرىق ئېلان قىلىپ، ياۋروپادىكى ئۇيغۇرلارنى ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى باش شتابى ئالدىدا 24-ئىيۇن كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان كەڭ كۆلەملىك نامايىشقا ئىشتىراك قىلىشقا دەۋەت قىلدى ھەمدە 7-ئاينىڭ 5-كۈنى پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارغا «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ 10 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن زور كۆلەملىك نامايىش ياكى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈشنى تەشەببۇس قىلدى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھاكىمىيىتى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىدە دۇنيانىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن 24-ئىيۇن كۈنى جەنۋەدىكى ب د ت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان 41-نۆۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ يىغىنىدا ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىيازنى سۆزلەتمەكچى بولغان بولۇپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ بۇ ساختىكارلىقىغا قارشى ئۆز نارازىلىقلىرىنى ئىپادە قىلىشى زۆرۈر ئىكەن.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سۆزىدە يەنە، ئەركىن تۇنىيازنىڭ ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن ب د ت دا سۆزگە چىقىپ خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى سىياسىتىنى ئاقلىشىنىڭ دۇنيا جامائىتىنى قايمۇقتۇرىدىغانلىقىنى ھەمدە خەلقئارادا يامان تەسىرلەر پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ قېتىمقى نۇتقىدا 2009-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ 10 يىللىقىنى پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلاردىن داغدۇغىلىق خاتىرىلەشنى تەلەپ قىلغان. ئۇ سۆزىدە، 16-ئىيۇن خوڭكوڭدا 2 مىليون خەلقنىڭ كوچىغا چىقىپ خىتاي ھاكىمىيىتىگە بولغان نارازىلىق ئىرادىلىرىنى جاكارلىغانلىقىنى، مىليونلىغان خەلقى خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدا ئازاب چېكىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ خوڭكوڭلۇقلارغا قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ جاسارەت كۆرسىتىشى لازىملىقىنى بايان قىلغان. 

د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، د ئۇ ق رەئىسىنىڭ جىددىي چاقىرىقىنىڭ دەۋرنىڭ تەقەززاسى ئىكەنلىكىنى، بۇ چاقىرىققا پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋاز قوشۇشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت