د ئۇ ق رەئىسى چېخىيە پايتەختى پراگا شەھرىدە پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2021.10.12
د ئۇ ق رەئىسى چېخىيە پايتەختى پراگا شەھرىدە پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا د ئۇ ق رەئىسى چېخىيە پايتەختى پراگا شەھىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا. 2021-يىلى 12-ئۆكتەبىر.
RFA/Ekrem

«ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى ئېتىراپ قىلغان چېخىيە ھۆكۈمىتى د ئۇ ق خادىملىرىنى «مۇنبەر 2000» يىغىنىغا تەكلىپ قىلغان.

12-ئۆكتەبىر كۈنى چېخىيە پايتەختى پراگا شەھرىدىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىمىزغا قارىغاندا، «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى ئېتىراپ قىلغان چېخىيە پارلامېنتى 11-ئۆكتەبىر پايتەخت پراگا شەھرىدە باشلانغان «مۇنبەر 2000» يىغىنىغا دولقۇن ئەيسا باشلىق د ئۇ ق خادىملىرىنىمۇ تەكلىپ قىلغان.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرىشىچە، «مۇنبەر 2000» نى چېخىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۇنجى رەئىسى، مەشھۇر كىشىلىك ھوقۇق رەھبىرى ۋاسلاۋ خاۋېل قۇرغان بولۇپ، دۇنيا مىقياسىدا كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان بۇ يىغىن 25 يىلدىن بۇيان داۋام قىلىپ كەلمەكتە ئىكەن.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇ قېتىمقى يىغىندا كۆپلىگەن دۆلەت ئەربابلىرى سۆز قىلغان. يىغىن جەريانىدا مەخسۇس خىتاي زۇلۇمىغا دۇچار بولۇۋاتقان ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ نۆۋەتتىكى پاجىئەلىك ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىدىغان مۇھاكىمە مۇنبىرى تەسىس قىلىنغان. د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن، تىبەت سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنىڭ سابىق باش مىنىستېرى لوبساڭ ساڭگاي تىبەتلەرگە ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» لىرى ۋە «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى پاش قىلغان.

بۇ قېتىمقى يىغىن د ئۇ ق رەھبەرلىرىنى چېخىيە ۋە سىلوۋاكىيەنىڭ كۆپلىگەن سىياسىي ئەربابلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئاڭلىتىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىگەن. د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى يىغىن جەريانىدا «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى پارلامېنتتا ئېتىراپ قىلدۇرۇشقا زور ھەسسە قوشقان چېخىيە كېڭەش پالاتاسىنىڭ رەئىسى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭغا ئۇيغۇرلارنىڭ مىنەتدارلىقىنى بىلدۈرگەن. د ئۇ ق نىڭ پروگرامما يېتەكچىسى زۇمرەتئاي ئۇيغۇرمۇ بۇ پائالىيەتلەرگە ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، ئۇ بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئۆتكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

مەلۇم بولغىنىدەك، د ئۇ ق 7-نۆۋەتلىك ئومۇمىي ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنى چېخىيە پايتەختى پراگا شەھرىدە ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىماقتا. بۇ قۇرۇلتايغا 300 گە يېقىن ئۇيغۇر ۋەكىللەر قاتناشقاندىن سىرت، يەنە چېخىيە ۋە سىلوۋاكىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزالىرى، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزالىرى ھەم مەشھۇر سىياسىي ئەربابلار، كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى بولۇپ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈدىغان كۆپ ساندىكى غەربلىكلەرمۇ قاتنىشىدىكەن. خىتاينىڭ ھەر تۈرلۈك توسقۇنلۇقلىرىغا قارىماي، پراگادا قۇرۇلغان مەزكۇر يىغىننىڭ تەييارلىق كومىتېتى يىغىن ھازىرلىقلىرىنى جىددىي ئېلىپ بارماقتا ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.