د ئۇ ق «شەرقىي تۈركىستاننىڭ 2020-يىللىق كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى» ناملىق دوكلاتىنى ئېلان قىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2021.05.21
د ئۇ ق «شەرقىي تۈركىستاننىڭ 2020-يىللىق كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى» ناملىق دوكلاتىنى ئېلان قىلدى د ئۇ ق نىڭ 2020-يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنىڭ مۇقاۋىسى. 2021-يىلى ماي.
RFA/Ekrem

د ئۇ ق نىڭ 2020-يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىدا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» نىڭ دەلىل-ئىسپاتلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

10-ماي د ئۇ ق تور ئارقىلىق «د ئۇ ق نىڭ 2020-يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى» نى ئېلان قىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن ئىدى. مەزكۇر دوكلات 19-ماي كۈنى د ئۇ ق نىڭ تەشۋىقات ۋاستىلىرىدا رەسمىي ئېلان قىلىندى.

«شەرقىي تۈركىستاننىڭ 2020-يىللىق كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى» دەپ نام بېرىلگەن 40 بەتلىك بۇ دوكلاتتا 2017-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە بولغان 4 يىل مابەينىدە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بارغان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» لىرىنىڭ دەلىل-ئىسپاتلىرى تۈرلۈك تېمىلار ئاستىدا ئەتراپلىق يورۇتۇپ بېرىلگەن ئىدى.

دوكلاتنىڭ مۇقەددىمىسىدە مۇنداق دېيىلگەن: «مەزكۇر دوكلات خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرنى ئاساس قىلغان تۈركىي مىللەتلەرگە يۈرگۈزگەن غايەت زور جىنايەتلىرى توغرىسىدا چۇڭقۇر مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستاندا ۋە مۇھاجىرەتتىكى ھاياتىدا يولۇققان ئەڭ جىددىي تېمىلار ئانالىز قىلىنىدۇ. بىزنىڭ بۇ دوكلاتنى ئېلان قىلىشىمىزدىكى مەقسەت، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى يەنە بىر قېتىم خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن بارغانسېرى يۇقىرى چەكتە يولغا قويۇۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە تارتىشتۇر. بۇ دوكلات خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلمىشلىرىنى پاكىتلار ئارقىلىق خۇلاسىلاپ كۆرسىتىپ بېرىدۇ.»

دوكلات 2020-يىلى ئامېرىكا، بۇ يىل كانادا، ئەنگىلىيە ۋە گوللاندىيە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش قىلمىشلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، يەنە گېرمانىيە، بېلگىيە، ئىتالىيە، فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر پارلامېنتلىرىدا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» نى ئېتىراپ قىلىش-قىلماسلىق مەسىلىسىدە تالاش-تارتىشلار ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە ئېلان قىلىنغان ئىدى. مەلۇم بولغىنىدەك، 20-ماي كۈنى لىتۋا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا سېلىۋاتقان زۇلۇمىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلغان 5-دۆلەت بولۇپ قالدى.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى «شەرقىي تۈركىستاننىڭ 2020-يىللىق كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى» ناملىق دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىشى مۇناسىۋىتى بىلەن بۈگۈن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، مەزكۇر دوكلاتنىڭ مەزمۇنى ۋە ئالاھىدىلىكى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى. دوكلاتنى ھازىرلاش ئىشلىرىغا ھەسسە قاتقان د ئۇ ق نىڭ پروگرامما يېتەكچىسى زۇمرەتئايمۇ دوكلاتتىن ئورۇن ئالغان مەزمۇنلار توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

د ئۇ ق مەزكۇر دوكلاتىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش قىلمىشلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ كەسكىن بېكىتكەن بولۇپ، د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ بىلدۈرىشىچە، بۇ دوكلات ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە ھەرقايسى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتلىرىغا، خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىغا ھەم مۇناسىۋەتلىك ئاممىۋى تەشكىلاتلارغا ئەۋەتىلىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.