خىتاينىڭ «دىبا تور ئارمىيەسى» د ئۇ ق نىڭ فەيسبوك سەھىپىسىگە ھۇجۇم قىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2019.04.11
duq-torbet-hujum.jpg خىتاينىڭ «دىبا تور ئارمىيەسى» نىڭ تور ھۇجۇمى توغرىسىدا ئېلان قىلىنغان خەۋەر.
dw.com

خىتاينىڭ ياللانما «تور ئارمىيەسى» د ئۇ ق نىڭ فەيسبوك سەھىپىسىگە ھۇجۇم قوزغاپ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ باستۇرۇش سىياسەتلىرىگە چاپان يېپىشقا ئۇرۇندى.

خىتاينىڭ «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» تەرىپىدىن «ۋەتەنپەرۋەر تور ئارمىيەسى» دەپ تەرىپلەنگەن، ئۆزلىرىنى «دىبا تور ئارمىيەسى» دەپ ئاتىۋالغان ياللانما ئىنكاسچىلار 10-ئاپرېل كۈنى كەچ سائەت 8:00 دە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ فەيسبوك سەھىپىسىگە نەچچە يۈز قېتىملار ھۇجۇم قوزغىغان.

«گېرمانىيە ئاۋازى» نىڭ 11-ئاپىرىلدىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، د ئۇ ق نىڭ فەيسبوك سەھىپىسىگە سۆز ۋە رەسىم قالدۇرۇپ ھۇجۇم قوزغىغان ياللانما ئىنكاسچىلارنىڭ سانى 2 مىڭ كىشىدىن ئاشىدىكەن. ئۇلار ھەر خىل تېمىلاردا پىكىر يېزىش ۋە سۈرەت چاپلاش ئارقىلىق خىتاينىڭ مىللىي سىياسىتىنى مەدھىيەلەشكە، غەرب ئەللىرىدىكى خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا قارشى سادالارنى پەسەيتىشكە ئۇرۇنغان. خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ ياللانما ئىنكاسچىلار تاپشۇرۇق بويىچە د ئۇ ق نى «تېررورچى تەشكىلات» قىلىپ كۆرسىتىشنى، ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرىنى بولسا «تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىدىغان ئورۇن» قىلىپ پەردازلاشنى مەقسەت قىلغان ئىكەن.

خىتاينىڭ تور ياللانمىلىرىنى ئىشقا سېلىپ د ئۇ ق غا قاراتقان بۇ ھۇجۇمى قۇرۇلتاي خادىملىرىنىڭ غەزەپنى قوزغىغان. د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىنقى 2 يىلدىن بۇيان خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ د ئۇ ق قا قاراتقان ھۇجۇملىرىنىڭ سالمىقى زور دەرىجىدە ئاشماقتىكەن.

د ئۇ ق نىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىشىشى خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلغان شۇنداقلا د ئۇ ق نىڭ خەلقئارادا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىي پائالىيەتلىرى خىتاينىڭ ئېچىشقان يارىسىنى تاتىلىغان.

د ئۇ ق مەدەنىيەت بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى، گوللاندىيەدىكى سىياسىي ئاكتىپلاردىن زەينىدىن ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى تور ھۇجۇمىنىڭ ئارقىدا بىۋاسىتە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ قولى بارلىقى ئېنىق ئىكەن.

پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي «تور ئارمىيەسى» نىڭ بۇ ھۇجۇمى ماھىيەتتە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ تېخىمۇ غالجىرلاشقانلىقى ۋە غەرب قىممەت قارىشىغا جەڭ ئېلان قىلغانلىقى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

زەينىدىن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ چەتئەلدىكى ياللانما كۈچلىرىنىڭ د ئۇ ق قا قارشى كۆرەكلىرى مەغلۇپ بولغانلىقى ئۈچۈن خىتاي ھاكىمىيىتى چۈمپەردىسىنى يىرتىپ تاشلاپ، ئۆزلىرى بىۋاسىتە ئوتتۇرىغا چىققان. باياناتچى دىلشات رىشىت د ئۇ ق نىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلاش، خىتاينىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىنى سۇندۇرۇش جەھەتلەردە ئوينىغان رولىنىڭ خىتاينى د ئۇ ق قا بىۋاسىتە ھۇجۇم قوزغاشقا مەجبۇرلىغان ئامىل ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى د ئۇ ق بىلەن يۈزمۇ-يۈز ئېلىشىش ئۈچۈن ئالدىنقى ئايلاردا د ئۇ ق قا قارشى «دۇنيا شىنجاڭلىقلار قۇرۇلتىيى» نى قۇرۇپ چىققان. ئۇنىڭ ئالدىدا بولسا د ئۇ ق نىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» غا قارشى ياۋروپا پارلامېنتىدا «خىتاي دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نى قۇرۇپ چىققان. د ئۇ ق نىڭ ياۋروپا پارلامېنتى ۋە ب د ت دىكى پائالىيەتلىرىگە زەربە بېرىش ئۈچۈن ئەزالىرى خىتايلاردىن تەركىب تاپقان ھەر خىل ناملاردىكى ئاتالمىش «كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى» ياكى «تەتقىقات مەركەزلىرى» نى سۈنئىي قۇرۇپ چىقىپ، يىغىنلاردا د ئۇ ق نىڭ پىكىرلىرىگە قارشى سۆزلەيدىغان بولغان. ئەمما خىتاينىڭ بۇ ئۇرۇنۇشلىرى د ئۇ ق نىڭ پائالىيەتلىرىنى چەكلىيەلمىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.