د ئۇ ق تۈركىيە رەھبەرلىرى ۋە پارلامېنت ئەزالىرىنى «جىنايەتچىلەرنى ئۆزئارا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى» نى ماقۇللىماسلىققا چاقىرماقتا

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2021.01.05
د ئۇ ق تۈركىيە رەھبەرلىرى ۋە پارلامېنت ئەزالىرىنى «جىنايەتچىلەرنى ئۆزئارا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى» نى ماقۇللىماسلىققا چاقىرماقتا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئۆتكۈزگەن «ئۆزگىرىۋاتقان دۇنيا ۋە شەرقىي تۈركىستان» تېمىسىدىكى سىن ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا سۆزلىمەكتە. 2020-يىلى ماي.
RFA/Erkin Tarim

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تۈركىيە رەھبەرلىرى، ھەرقايسى پارتىيەلەرنىڭ رەئىسلىرى ۋە تۈركىيە پارلامېنتى تاشقى ئىشلار كومىتېتى بىلەن ئەدلىيە كومىتېتى مەسئۇللىرى ھەم ئەزالىرىغا خەت ئەۋەتىپ، ئۇلارنى خىتاي بىلەن تۈركىيە ئارىسىدىكى «جىنايەتچىلەرنى ئۆزئارا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى» نى ماقۇللىماسلىققا چاقىرماقتا.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ نامى بىلەن ئەۋەتىلگەن ۋە ئەۋەتىلىۋاتقان خەتتە مۇنۇلار يېزىلغان: «مەزكۇر كېلىشىمنىڭ 26-دېكابىر كۈنى خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تەرىپىدىن ماقۇللانغانلىقى، تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تايىپ ئەردوغان قول قويغان نۇسخىسىنىڭ تۈركىيە پارلامېنتىدا ئىكەنلىكى تۈركىيەدە ۋاقىتلىق تۇرۇش رۇخسىتى بىلەن ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار، شۇنداقلا پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئەندىشە پەيدا قىلدى. تۈركىيە بۇ كېلىشىمنى فېتو ۋە پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرىنى نىشان قىلىپ تۈزگەن بولۇشى مۇمكىن. لېكىن، خىتاينىڭ مەقسىتى تېررورلۇقنى باھانە قىلىپ تۇرۇپ، بىگۇناھ، مەزلۇم ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈمىدى بولغان تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى بۇزۇش، دۇنيا دۆلەتلىرىنىڭ نەزىرىدە تۈركىيەنىڭ ئابرۇيىنى چۈشۈرۈشتىن ئىبارەت. خىتاينىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنىڭ كېيىنكى يىللاردا ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئايلانغانلىقىنى نەزەردە تۇتساق، كېلىشىم تۈركىيە پارلامېنتىدا ماقۇللانسا، شەرقىي تۈركىستاندا تېخىمۇ زور ئىنسانلىققا قارشى جىنايەتنىڭ سادىر بولىدىغانلىقى ئېنىق».

تۈركىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدا تۈزۈلگەن «جىنايەتچىلەرنى ئۆزئارا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى» نىڭ 2017-يىلى ئىككى دۆلەت مىنىستىرلىرى ئارىسىدا ئىمزالانغانلىقى، 2019-يىلى تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تايىپ ئەردوغان قول قويغان بولسىمۇ، ئەمما تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتمىگەنلىكى، مەزكۇر كېلىشىمنىڭ 26-دېكابىر كۈنى خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تەرىپىدىن ماقۇللانغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتى 27-دېكابىر كۈنى جىددىي يىغىن چاقىرىپ، بۇ كېلىشىمنىڭ تۈركىيە پارلامېنتىدا ماقۇللۇقتىن ئۆتۈشىنى توسۇش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىش ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان ۋە ئەردوغان قاتارلىق تۈركىيە رەھبەرلىرى، پارلامېنت كومىتېتلىرى، ئەزالىرى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئەربابلارغا خەت ئەۋەتىشنى بېكىتكەنىدى.

د ئۇ ق نىڭ خېتىدە، خىتاينىڭ 71 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتى، بولۇپمۇ كېيىنكى 4 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان مۇئامىلىلەر قىسقىچە بايان قىلىنغاندىن كېيىن يەنە مۇنۇلار يېزىلغان: «بىز خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلار بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ‹زالىملارغا قارشى مەزلۇملارنىڭ يېنىدا تۇرىمىز› دېگەن شوئار بىلەن تاشقى سىياسەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تۈركىيە دۆلىتى ۋە رەھبەرلىرىنىڭ، خىتاينىڭ ھىيلە-نەيرەڭلىرىگە ئىشىنىپ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىدىن يۈز ئۆرىمەيدىغانلىقىغا، مەزلۇم شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ پەريادىغا قۇلاق سالىدىغانلىقىغا، شۇنداقلا خىتاينىڭ 20 مىليون ئۇيغۇرنى جىنايەتچى ئېلان قىلىش قارا نىيىتىگە يول قويمايدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. بىز تۈركىيە پارلامېنتىنى بۇ كېلىشىمنى ماقۇللىماسلىققا، تۈركىيە دۆلىتىنى ئېزىلىۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يېنىدا تۇرۇشقا چاقىرىمىز».

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 27-دېكابىر كۈنى ئارقا-ئارقىدىن د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى يىغىنى بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنلىرىنى چاقىرىپ، تۈركىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدا تۈزۈلگەن «جىنايەتچىلەرنى ئۆزئارا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى» نى تۈركىيە پارلامېنتىدا ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزمەسلىك ئۈچۈن بەزى ئىشلارنى قىلىشنى قارار قىلغانلىقى، مەكتۇپ ئەۋەتىش پائالىيىتىنىڭ ھازىرغىچە داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇنداقتا بۇ مەكتۇپلار «جىنايەتچىلەرنى ئۆزئارا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى» نىڭ تۈركىيە پارلامېنتىدا ماقۇللۇقتىن ئۆتۈشىنى توسۇشتا رول ئوينىيالىشى مۇمكىنمۇ؟

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ مەكتۇپلىرىنىڭ ئىجابىي رول ئوينىشى مۇمكىنلىكىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ سابىق رەئىسى ھامۇتخان گۆكتۈرك ئەپەندى تۈرك خەلقىنىڭ ئۇيغۇرلارغا زور ھېسداشلىق قىلىدىغانلىقىنى، ئەگەر تۈركىيەدە جامائەت پىكرى توپلىسا، بۇ خىل كۈچلۈك جامائەت پىكىرلىرى ئارقىلىق بۇنى توسۇشقا تەسىر كۆرسەتكىلى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مەسئۇللىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار ھازىرغىچە 13 پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىرى، 50 پارلامېنت ئەزاسى ۋە تۈركىيەنىڭ 15 دۆلەتتىكى ئەلچىسىگە خەت ئەۋەتىپ بولغان. بۇ پائالىيەت ھازىرمۇ ئاكتىپ داۋاملاشماقتىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.