قاشتېشى سودىگىرى ئەلى خوراز (ئابدۇللا) نىڭ جەمەتى ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلىرىدىن 52 كىشىنىڭ قاماقتا ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2019.12.23
eli-xoraz-abdulla.jpg قاشتېشى سودىگىرى ئېلى ئابدۇللا (ئېلى خوراز). 2000-يىللىرى، ئۈرۈمچى.
Photo: RFA

رادىيومىز قولغا چۈشۈرگەن خوتەنگە ئائىت بىر سوت ھۆكۈمنامىسىدە قاشتېشى سودىگىرى ئېلى ئابدۇللا بىلەن بىرلىكتە ئۇنىڭ 3 قېرىندىشى ۋە بىر قېينىئىنىسىنىڭمۇ 20 يىللىقتىن كېسىلگەنلىكى قەيت قىلىنغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا ئەلى ئابدۇللانىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن بىرلىكتە شىركىتىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنى قاتقاندا جەمئىي 48 كىشىنىڭ كېسىلگەنلىكى ۋە 4 كىشىنىڭ لاگېردا ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتى.

بۇنىڭدىن يەتتە ئاي ئىلگىرى سابىق مەھبۇس مەمەتتۇرسۇن ئوسماننى زىيارەت قىلغان ۋاقتىمىزدا ئۇ ئۆزىنىڭ گۇمادىكى قاماقخانىدىن خوتەن ۋىلايەتلىك دۆلەت خەۋپسىزلىكى قاماقخانىسىغا يۆتكەلگەنلىكى ۋە ئۆزىنىڭ بۇ قاماقخانىدا ئىلگىرى ئەلى ئابدۇللانىڭ دېلوسىغا چېتىشلىق كىشىلەرنىڭ ياتقانلىقىدىن خەۋەر تاپقانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى.

قولىمىزغا چۈشكەن سوت ھۆكۈمنامىسىدىمۇ ئەلى ئابدۇللانىڭ مۇددەتسىز كېسىلگىنىدىن باشقا ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىدىن‏ مەمتىمىن ئابدۇللا ۋە ئىبراھىم ئابدۇللانىڭ 20 يىللىقتىن كېسىلگەنلىكى ۋە بىر مىليون 150 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلغانلىقى، قېينىئىنىسى ئابلىز ئىسلامنىڭمۇ 20 يىللىق كېسىلگەنلىكى قەيت قىلىنغان.

تور ئارخىپلىرىدىن ساقلانغان مەزكۇر شىركەت ھەققىدىكى بىر تونۇشتۇرۇشتا ئەلى ئابدۇللانىڭ ئىنىسى مەمتىمىن ئابدۇللانىڭ شىركەتنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان. خوتەندىكى بەزى ئالاقىدار خادىملار ئەلى ئابدۇللانىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ تەقدىرى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بەرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلمىدى.

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشى «شىنجاڭ قاشتېشى ئۆي-مۈلۈك شىركىتى» نىڭ ئۈرۈمچى ۋە خوتەندە بولۇپ، 500 دىن ئارتۇق كىشىنى ئىش بىلەن تەمىنلىگەنلىكى، بۇلاردىن كۆپىنچىسىنىڭ يۇرۇڭقاش دەرياسى بويىدا قاش تېشى كولاش بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقى، ئەلى ئابدۇللانىڭ تۇتۇلۇشى بىلەن ئۇنىڭغا يېقىندىن ھەمكارلاشقان ئىش-خىزمەتچىلىرىنىڭمۇ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى مەلۇم قىلغان ئىدى.

مەزكۇر شىركەت ھەققىدىكى تونۇشتۇرۇشتا بۇ شىركەتنىڭ ئۆي-زېمىن سودىسىدىن باشقا يەنە قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، ياغاچ ماتېرىياللار، خىمىيە-سانائەت مەھسۇلاتلىرى، بەش خىل مېتال، ئېلېكتر سايمانلىرى، يېزا-ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ۋە توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق 23 ساھەدە سودا ۋە مۇلازىمەت قىلىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا-سانائەت باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ بىر خادىمى مەزكۇر شىركەت خىزمەتچىلىرىنىڭ تەقدىرى ھەققىدە گەپ قىلىشتىن ئۆزلىرىنى تارتتى.

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئەلى ئابدۇللانىڭ ئىنىلىرىدىن ئابدۇلەھەد ئابدۇللا ۋە قېيىنئىنىلىرىدىن مەمتىمىن ئىسلامنىڭ كېسىلگەنلىكىنى مەلۇم قىلغان ئىدى. خوتەن ۋىلايىتىدىكى سوت خادىملىرىدىن بىرى ئەلى ئابدۇللانىڭ مۇددەتسىز كېسىلگەنلىكىنى تىلغا ئالدى، ئەمما قېرىنداشلىرىنىڭ قانچە يىل كېسىمىدىن خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتتى. يەنە بىر سوت خادىمى ئەلى ئابدۇللانىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن 13، شىركىتىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلىرىدىن 35 كىشىنىڭ ھەر خىل مۇددەتتە كېسىلگەنلىكى ۋە شىركەت خىزمەتچىلىرىدىن 4 نەپىرىنىڭ ئەلى ئادبۇللاغا مۇناسىۋەت جەھەتتىكى يېقىنلىقى سەۋەبىدىن نۆۋەتتە «تەربىيەلەش» تە ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى.

قولىمىزدىكى سوت ھۆكۈمىدە ئەلى ئابدۇللا ۋە قېرىنداشلىرىنىڭ قانۇنسىز كان ئاچقانلىقى قاتارلىق 4 تۈرلۈك جىنايەت بىلەن ئەيىبلەنگەن. ئەمما ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشى ئەلى ئابدۇللا ۋە قېرىنداشلىرىنىڭ تۇتۇلۇشىغا ئۇلارنىڭ زور مىقداردا پۇل تاپقانلىقى ۋە خەير-ساخاۋەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ يەنە ئەلى ئابدۇللانىڭ تەكشۈرۈلۈش جەريانىدا خەلق مەيدانىغا سالغان بىناسىدىكى مىللىي قىياپەت سەۋەبلىكمۇ سوراققا تارتىلغانلىقىنى تىلغا ئالغان ئىدى. خوتەندىكى بىر سىياسىي-قانۇن كادىرى يۇقىرىقى گەپلەرنىڭ ئاساسسىز ئەمەسلىكىنى ئىشارەتلىدى. يەنە جەمئىيەت پاراڭلىرىدا بىر خىتاي شىركىتىنىڭ خوتەندىن زېمىن سېتىۋالماقچى بولغانلىقى، دائىرىلەرنىڭ بۇ زېمىننى تالىشىپ سېتىۋېلىش ئۈچۈن بازارغا سالغانلىقى، ئەسلىدە خىتاي شىركىتى 94 مىليونغا سېتىۋالماقچى بولغان بۇ زېمىننىڭ ئەلى ئابدۇللانىڭ ئۆرلىتىپ باھا قويۇشى بىلەن 294 مىليونغا يۈكسەلگەنلىكى، شۇنىڭدىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئەلى ئابدۇللانىڭ بايلىقىنى سۈرۈشتە قىلىشقا باشلىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

«شىنجاڭ قاشتېشى ئۆي-مۈلۈك شىركىتى» گە ئائىت توردىكى ماتېرىياللاردىن ئەلى ئابدۇللانىڭ مەزكۇر شىركىتىگە 18.75% دىن ھەسسە قاتقان ئىككى شېرىكى بارلىقى، بۇلاردىن بىرى كارخانىچى تاھىرجان ئابلا، يەنە بىرى بولسا ئابلەت ئابلا ئىكەنلىكى مەلۇم. ئەمما ئۇلارنىڭ نۆۋەتتىكى تەقدىرى، يەنى ئەلى ئابدۇللا بىلەن بىرلىكتە تۇتقۇندائىكەنلىكى ياكى ئەمەسلىكى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.