ئەلجەزىرەنىڭ «باشمۇ-باش» پروگراممىسىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلار مەسىلىسى كەسكىن مۇنازىرە قىلىندى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019.03.15
Eljezire-Bashqa-Bash-2019.jpg ئەلجەزىرەنىڭ «باشمۇ-باش» پروگراممىسىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلار مەسىلىسى كەسكىن مۇنازىرە قىلىندى
Social Media

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، ئەلجەزىرە قانىلىنىڭ «باشمۇ-باش» ناملىق مەخسۇس پروگراممىسىنىڭ 15-مارت كۈنىدىكى سانىدا شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ھاكىممۇتلەقلىقنى كۈچەيتىشى، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى ئەگەر ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي زور كۈچكە ئايلانغان تەقدىردە دۇنيادا قانداق بىر رول ئويناشنى زىممىسىگە ئالىدىغانلىقىدىن ئىبارەت 3 ئاساسىي تېما بويىچە مۇنازىرە ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

پروگرامما رىياسەتچىسى مەھدى ھەسەن پروگراممىسىغا بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى شۇنداقلا ھەم خاۋ كاپىتال ناملىق خۇسۇسىي پايچەك شىركىتى قۇرغۇچىسى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غەيرىي رەسمىي مەسلىھەتچىسى چارلېس ليۇنى ئاساسلىق سۆزلىگۈچى سۈپىتىدە تەكلىپ قىلغان.

مەھدى ھەسەن چارلېس ليۇدىن خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئۆزىگە ئۆمۈرلۈك رەئىسلىك يولىنى ئېچىشى، خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى زومىگەر پوزىتسىيىسى ۋە زورىيىۋاتقان ھەربىي كۈچى ھەققىدە بىر قاتار كەسكىن سوئاللارنى سورىغاندىن كېيىن نۆۋەتتە دۇنيادا دىققەت قوزغاۋاتقان يەنە بىر مۇھىم مەسىلە، يەنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ چارلېس ليۇدىن «ئىقتىسادىي مەسىلىلەرگە ئۆتۈشتىن ئاۋۋال مەن يېقىنقى ئايلاردا باش تېما بولۇۋاتقان بىر ئىچكى ئەھۋالنى سورىماقچىمەن» دېدى. ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى دىئالوگ تۆۋەندىكىدەك داۋام قىلدى: 

مەھدى ھەسەن: سىزنىڭ دۆلىتىڭىز، يەنى سىز قوللايدىغان ۋە مەسلىھەت بېرىدىغان ھۆكۈمەت، ب د ت تەكشۈرگۈچىسى، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ۋە مۇستەقىل ژۇرنالىستلارنىڭ دېگىنىگە قارىغاندا بىر مىليوندىن ئوشۇق ئۇيغۇر مۇسۇلماننى قايتا تەربىيە لاگېرىغا قاماپتۇ. 

چارلېس ليۇ: بۇ خەۋەر خىتايدا مۇھىم خەۋەر بولالىغان ئەمەس. 

مەھدى ھەسەن: چۈنكى خىتايدا ئاخبارات ئەركىنلىكى بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى خەۋەر مۇھىم خەۋەر بولالمايدۇ-دە.

چارلېس ليۇ: ياق ئۇنداق ئەمەس. خىتايدا 55 مىللەت بار، ئۇيغۇر ئۇنىڭ ئاران 0.7 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ. 

مەھدى ھەسەن: بۇ دېگەنلىك 9-10 مىليون ئەتراپىدا ئۇيغۇر بار دېگەنلىك. 

چارلېس ليۇ: خىتايدا بىر مىليارد 400 مىليون ئادەمنىڭ تۇرمۇشىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، قورسىقىنى بېقىش مەسىلىسى بار. . . 

مەھدى ھەسەن: خىتايدا 1 مىليارد 400 مىليون ئادەمنى بېقىش بىلەن بىر مىليون كىشىنى لاگېرغا قاماپ قويۇش ئارىسىدا نېمە مۇناسىۋەت بار؟. دۇنيا بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتىدۇ. ئەگەر بىر مىليوندىن ئوشۇق ئەر ۋە ئايال لاگېرغا قاماپ قويۇلسا، بۇ مەسىلە سىزنىمۇ ئويلاندۇرۇشى كېرەك. 

چارلېس ليۇ: ئەلۋەتتە ئۇ راست بولسا مېنى ئويلاندۇرىدۇ. 

مەھدى ھەسەن بۇنىڭ بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندا ئالدىن ياساپ قويۇلغان ئورۇنلارغا كىشىلەرنى ئاپىرىپ زىيارەت قىلدۇرغانلىقىنى، ئەمما ئۇلارنىڭ ئەمەلىيەتنى ئەكس ئەتتۈرمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە «ئامېرىكا ۋە قازاقىستانغا لاگېردىن قېچىپ چىققان شاھىتلارنىڭ بەرگەن گۇۋاھلىقلىرىدىن قارىغاندا بۇ لاگېرلاردا تۇتقۇنلار قىيىن-قىستاققا ئۇچرىماقتا، ئاچ ۋە ئۇيقۇسىز قويۇلماقتا، كىشەنلەنمەكتە، جىنسى پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىماقتا» دېدى. بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغان چارلېس ليۇ دەرھال سۆزىنى ئۆزگەرتىپ تۆۋەندىكىلەرنى بايان قىلدى:

«ئەگەر بۇ دېيىلگەنلەر راست بولسا، ئۇ ھالدا ھەقىقەتەنمۇ يامان بوپتۇ. راستىنى ئېيتسام بۇ مەن مۇتەخەسسىسلەشكەن ساھە ئەمەس. مەن سىياسەتكە ئارىلاشمايمەن. مەن ئىقتىسادىي مەسىلىلەرگە كۆڭۈل بۆلىمەن». 

بۇ مۇنازىرە پروگراممىسىدا 3 نەپەر قوشۇمچە سۆزلىگۈچىمۇ تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ بىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاۋازى بولۇش بىلەن تونۇلىدىغان، بېيجىڭدىكى «جۇڭگو ۋە يەرشارىلىشىش مەركىزى» دەپ ئاتالغان ئورۇننىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋېكتور گاۋ ئىدى. مەھدى ھەسەن ۋېكتور گاۋدىن «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىمۇ مۇشۇنداق تەربىيە مەركىزى بارلىقىنى ئېتىراپ قىلدى. بىراق سىلەر بۇ بىر مىليون كىشىنى سولاشنى قانداق ئاقلايسىلەر؟» دەپ سورىدى. ۋېكتور گاۋ بۇنىڭغا بەرگەن جاۋابىدا ئىلگىرىمۇ مۇشۇ خىلدىكى پروگراممىلاردا قىلغان سۆزىگە ئوخشاشلا: «ئۇيغۇرلار بىزنىڭ قېرىندىشىمىز. مېنىڭ ئۇيغۇر دوستلىرىم بار. ئۇلارنىڭ كۆپى ئىنتايىن ياخشى خىتاي پۇقراسى. ئەمما ناھايىتى ئاز ساندىكىلىرى رادىكال، تېررورچى ۋە بۆلگۈنچى، ئۇلار شىنجاڭنى خىتايدىن ئايرىۋالماقچى» دېگەندەك سۆزلەرنى قىلدى. ئۇ يەنە لاگېردىكىلەرنىڭ سانى بىر مىليون ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما توغرا رەقەمنىڭ نېمىلىكىگە جاۋاب بېرەلمىدى. ئۇ يەنە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، كەچۈرۈم تەشكىلاتى ۋە لاگېرلاردىن چىققان شاھىتلار ھەممىسىنىڭ يالغان گەپ قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. 

ئارقىدىن مەھدى ھەسەن سۆزنى ۋېكتور گاۋغا ئوخشاش يەنە بىر قوشۇمچە سۆز قىلغۇچى بولغان نوتتىڭخام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ياردەمچى پروفېسسورى، ئاسىيا تەتقىقاتلىرى ئىنستىتۇتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى بويىچە مۇتەخەسسىسى ئاندىرەي فۇلداننى سۆزگە تەكلىپ قىلدى. ئاندىرەي فۇلدان سۆزىدە ۋېكتور گاۋنىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ بۇ سىياسەتلەرنى ئاقلاش ئۈچۈن يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتتى ۋە بۇ لاگېرغا قامالغانلار ئارىسىدا ناخشىچىلار ۋە داڭلىق پۇتبولچىلار بارلىقىنى، ئۇلارنىڭ تېررورچى ئەمەسلىكىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە ئىلھام توختىنىڭمۇ ئۆز مىللىتى ئۈچۈن ھەقنى سۆزلىگەنلىكى ئۈچۈنلا ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى ئېيتىپ: «بۇ كىشىلەر ۋە لاگېردىكى بىر مىليون كىشى دەرھال قويۇپ بېرىلىشى كېرەك. ھېچقانداق سەۋەب بىر مىليون كىشىنىڭ قامىلىشىنى ھەقلىق كۆرسىتەلمەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئائىلىسى بىلەن بىرگە تىنچلىق ئىچىدە ۋە قورقماي تۇرۇپ ياشاش ھوقۇقى بار» دېدى. 

بۇنىڭ بىلەن ۋېكتور گاۋ ۋە چارلېس ليۇ ھەر ئىككىلىسى بىردەك نۆۋەتتە سۈرىيەدە ئۇرۇش قىلىۋاتقان «5000 تېررورچى ئۇيغۇر بارلىقى» نى ئېيتىشتى. مەھدى ھەسەن 5000 تېررورچى بار دەپ تۇرۇپ، بىر مىليون كىشىنى لاگېرغا قاماشنى ھەقلىق دېگىلى بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە ھەربىر دۆلەتتە ھازىر سۈرىيەگە بېرىپ ئۇرۇش قىلىۋاتقانلار مەسىلىسى بارلىقىنى، بۇنىڭلىق بىلەن ئۇلارنىڭ ئۆز دۆلىتىدىكى مۇسۇلمانلارنى سولاپ قويمىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە: «فرانسىيەدە 5 قېتىم تېررورلۇق ھۇجۇمى بولدى. فىرانسىيە پۈتۈن مۇسۇلمانلارنى سولاپ قويدىمۇ؟ فىرانسىيە دۆلەتتە رادىكالىزم مەسىلىسى بارلىقىنى دەۋاتىدۇ ئەمما ئۇلار قوپۇپ مۇسۇلمانلارغا بالاڭغا مۇھەممەد دەپ ئىسىم قويساڭ بولمايدۇ، ناماز ئوقۇساڭ بولمايدۇ، روزى تۇتساڭ بولمايدۇ، ئۇزۇن ساقال قويساڭ بولمايدۇ، دېمىدى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى شۇنداق قىلىۋاتىدۇ» دېدى. ئۇ يەنە چارلېس ليۇغا قاراپ «سىز باياتىن مەن شىنجاڭغا بېرىپ باقمىغان، مەندىن ئۇ يەر توغرۇلۇق سورىماڭ دېگەن ئىدىڭىز، ئەمما يەنە قوپۇپ بۇ گەپلەرنى يالغان دەۋاتىسىز. سىز يالغانلىقىنى نەدىن بىلىسىز؟» دەپ سورىدى. 

ئارقىدىنلا ئۇ يەنە پروگراممىغا تەكلىپ قىلىنغان يەنە بىر قوشۇمچە سۆزلىگۈچى سىتىۋ چاڭنى سۆزگە تەكلىپ قىلدى. سىتىۋ چاڭ لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى ئاسىيا ۋە ئافرىقا تەتقىقاتلىرى ئىنستىتۇتىنىڭ خىتاي بۆلۈمى دىرېكتورى ۋە پروفېسسورى بولۇپ، مەھدى ھەسەن ئۇنىڭدىن يۇقىرىدىكى بۇ ئىككىيلەننىڭ ئېيتقانلىرىغا قانداق قارايدىغانلىقىنى ۋە ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە نېمە بولۇۋاتقانلىقىنى سورىدى. سىتىۋ چاڭ بۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: «خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئەزەلدىن بېرى ھەقىقەتنى مونوپول قىلىپ كەلگەنلىكىنى، تارىخنىمۇ مونوپول قىلىۋالغانلىقىنى، ئۆزلىرى ھەقىقەت دەپ ئىلگىرى سۈرگەندىن باشقا ھەرقانداق پاكىتنى يالغان دەيدىغانلىقىنى ئىپادە قىلغاندىن كېيىن بىر مىليون كىشىنىڭ لاگېرغا قامىلىشىنىڭ قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان بىر ئەھۋاللىقىنى بىلدۈردى. 

مەھدى ھەسەن پولاتتەك پاكىتلار ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى ۋە توغرا ھۆكۈم چىقىرىشنى تاماشىبىنلارنىڭ ئۆزىگە قويغانلىقىنى ئېيتىپ پروگراممىسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك قىسمىنى ئاياغلاشتۇردى. 

بۇ پروگرامما تارقىتىلغاندىن كېيىن كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەتنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر تۋىتتېر تورىدىكى ئىنكاسلىرىدا چارلېس ليۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر مىليون كىشى لاگېردا ئىكەنلىكى ۋە ئۇيغۇرلار نوپۇزىغا قارىتا «ئۇ دېگەن خىتاي نوپۇسىنىڭ ئاران 0.7 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ» دېگەن سۆزىنىڭ ئەمەلىيەتتە دەل خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ مەيدانىنى ئىپادىلەپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. پروفېسسور مايكىل كىلارك تۋىتتېردىكى سۆزىدە «چارلېس ليۇنىڭ يالغانچىلىقى ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى ئويلاندۇرىدۇ، يەنى ئۇ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى بىر پىرسەنتكە يەتمەيدۇ. شۇڭا كىمنىڭ كارى؟ دېمەكچى. مانا بۇ ئەمەلىيەتتە ھەممىنى ئىپادىلەپ بېرىدىغان بىر سۆز» دەپ باھا بەردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.