ئەنگىلىيە پۇقرالىرىنىڭ خىتايغا نىسپەتەن نەپرەت تۇيغۇسى ئۆرلەپ كەتكەن

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2021.02.19
ئەنگىلىيە پۇقرالىرىنىڭ خىتايغا نىسپەتەن نەپرەت تۇيغۇسى ئۆرلەپ كەتكەن MG خىزمەتچىسى خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ MG ماتورلۇق زاۋۇتىنى زىيارەت قىلغاندا خىتاي ۋە ئەنگلىيەنىڭ دۆلەت بايرىقىنى كۆتۈرۈپ تۇرغان كۆرۈنۈشى. 2011-يىلى 26-ئىيۇن، بىرمىنغەم، ئەنگلىيە.
AP

بىرىتانىيە تاشقىي سىياسەت گورۇھى راي سىناش ئارقىلىق ئاران بەشتىن بىر قىسىم ئەنگىلىيەلىكنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ساقلاپ قېلىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىققان.

ئەنگىلىيەدىكى «بىرىتانىيە تاشقىي سىياسەت گورۇھى» مۇستەقىل تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئاقىللار ئامبىرى بولۇپ، 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 6-7-كۈنلىرى قورامىغا يەتكەن 20 مىڭ كىشى ئۈستىدىن راي سىناش ئېلىپ بارغان. 2-ئاينىڭ 16-كۈنى ئېلان قىلغان راي سىناش نەتىجىسىدىن، مۇتلەق كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ ھۆكۈمەتتىن خىتاي بىلەن بولغان مەنپەئەتلىك دائىرىدە قىسمەن مۇناسىۋەتنى ساقلاپ قېلىشنى، كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدە بولسا خىتايغا جەڭ ئېلان قىلىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقى مەلۇم بولغان.

«گېرمانىيە دولقۇنلىرى» رادىيوسىنىڭ 18-فېۋرال ئېلان قىلغان «ئەنگىلىيە خەلقىنىڭ خىتايغا بولغان سەزگۈرلىكى ئېشىپ كەتتى» ناملىق خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ راي سىناش دوكلاتى ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كۈچلۈك بىر خىرىسقا دۇچ كەلگەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدىكەن. دوكلاتتا ئەنگىلىيەلىكلەرنىڭ نۆۋەتتە خەلقئارا تەھدىتلەر، چەت ئەلنىڭ تور ھۇجۇمى، خەلقئارا تېرورىزىم، مۇھىت مەسىلىسى ۋە يات دۆلەتلەرنىڭ مۇداخىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈش بىلەن بىرگە، خىتاينىڭ باش كۆتۈرۈشىگىمۇ جىددىي كۆڭۈل بۆلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

خەلق راھىنى سىناش نەتىجىسىدىن تۆۋەندىكىلەر مەلۇم بولغان: 40 پىرسەنت ئەنگىلىيەلىك ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىنى كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى جەھەتتە خىتايغا جەڭ ئېلان قىلىشى لازىم، دەپ قارىغان. 38 پىرسەنت ئەنگىلىيەلىك ھۆكۈمەتنى مۇھىت قوغداشتىن ئىبارەت خەلقئارالىق ساھەدە خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىشى لازىم، دەپ قارىغان. 5 تىن 1 ئەنگىلىيەلىك خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى ساقلاپ قېلىپ، كىشىلەرنىڭ دىققىتىدىكى يىرگىنىچ تۇيغۇسىنى خىتايغا نامايەن قىلىشى لازىم، دەپ قارىغان.

«مەزكۇر دوكلات خىتاينىڭ ئەنگىلىيەنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە نىسبەتەن شەكىللەندۈرىۋاتقان تەھدىتلىرىنى يورۇتۇپ بېرىپلا قالماي، يەنە خىتاينىڭ ئىنتايىن قەبىھ بولغان كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنىمۇ ئاشكارىلاپ بەرگەن.» بىرىتانىيە تاشقىي سىياسەت گورۇھى بۇ راي سىناشنى ئەنگىلىيە ۋە دۇنيا مىقياسىدا ھازىرغىچە ئېلىپ بېرىلغان ئەنگىلىيە توغرىسىدىكى «ئەڭ مۇكەممەل راي سىناش» دەپ ئاتىغان.

جىنسىي پەرق جەھەتتىن ئايرىغاندا، راي سىناشقا قاتناشقان ئاياللارنىڭ 18 پىرسەنتى خىتاي بىلەن بولغان ھەرقانداق ئالاقىنى ئۈزۈشنى تەكىتلىگەن، ئەرلەرنىڭ بۇ جەھەتتىكى نىسبىتى 13 پىرسەنت بولغان. ياش قورامى يۇقىرىلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى خىتاي بىلەن بولغان ھەرقانداق ئالاقىنى ئۈزۈشنى تەشەببۇس قىلغان.

مەدەنىيەت ۋە مائارىپ سەۋىيىسى جەھەتتىن ئايرىغاندا، ئالىي مائارىپ تەربىيەسى كۆرمىگەن، ئىقتىسادىي ئاساسى ئاجىز بولغان، يىزا-بازارلاردا ياشايدىغان ھەمدە ئاقتەنلىك بولغان ئەنگىلىيەلىكلەرنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ھەرقانداق ئالاقىنى بىكار قىلىشنى قوللايدىغانلىرىنىڭ نىسپىتى قارا تەنلىكلەر ۋە خىتاي قېنىدىن بولغان ئەنگىلىيەلىكلەرگە سېلىشتۇرغاندا، 4 ھەسسىدىن ئارتۇق ساننى تەشكىل قىلغان.

ئەنگىلىيە پۇقرالىرىدا خىتايغا نىسبەتەن بۇ قەدەر كۈچلۈك نەپرەت تۇيغۇسىنىڭ شەكىللىنىشىگە سەۋەب بولغان ئاساسىي ئامىل نېمە؟

ئەنگىلىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىسى، د ئۇ ق لوندۇن ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى رەھىمە خانىم بۇ سوئالغا جاۋاپ بېرىپ، ئەنگىلىيەلىكلەرنىڭ خىتايغا نىسبەتەن نەپرەت تۇيغۇلىرىنىڭ يۈكسىلىشىگە خىتاينىڭ تىبەت مەسىلىسى، خوڭكوڭ مەسىلىسى، شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى ۋە خىتايدىن تارالغان كورانا ۋىرۇسىنىڭ ئاساسلىق مۇھىم سەۋەب بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.

بىرىتانىيە تاشقىي سىياسەت گورۇھى ئېلان قىلغان دوكلاتتا يەنە ئەنگىلىيەدىكى بەزى داڭلىق گېزىتلەرنىڭ مۇشتەرىلىرىنىڭ قاراشلىرىمۇ ئىتىبارغا ئېلىنغان. «مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ 67 پىرسەنت مۇشتەرىلىرى خەلقئارالىق رىقابەتلەردە خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىشنى قوللىغان، 42 پىرسەنتى تەتقىقات ئىشلىرىدىكى ھەمكارلىققا قوشۇلغان، خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەنگىلىيەگە كېلىپ ئوقۇشىنى قوللىغانلارنىڭ سانى 51 پىرسەنت بولغان. ئەمما خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىگە جەڭ ئېلان قىلىشنى تەشەببۇس قىلغۇچىلارنىڭ نىسبىتى 65 پىرسەنتكە يەتكەن.

«قۇياش گېزىتى» مۇخبىرلىرىنىڭ ئاران 27 پىرسەنتى خەلقئارالىق رىقابەتلەردە خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىش تەرەپدارى بولغان. 23 پىرسەنتى خىتاي بىلەن بولغان ھەرقانداق ھەمكارلىقنى بىكار قىلىشنى تەكىتلىگەن. «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» مۇشتەرىلىرىنىڭ ئاران 26 پىرسەنتى خىتايلارنىڭ ئەنگىلىيەگە كېلىپ ئوقۇشىغا قوشۇلغان. بىراق «پۇل مۇئامىلە گېزىتى» مۇشتەرىلىرىنىڭ قوشۇلغانلىرىنىڭ سانى 5 پىرسەنتكە يەتمىگەن.

دۇنيا مىقياسىدا خىتايغا نىسبەتەن سەلبىي قاراشلارنىڭ كۈچىيىشىنىڭ ئومۇمىييۈزلۈك ھادىسىگە ئايلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىسى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، كورونا ۋىرۇسى ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى سەۋەبلىك نورۋېگىيە پۇقرالىرىدىمۇ خىتايغا قارىتا ئىلگىرىكىدەك قىزغىن مۇئامىلىلەرنىڭ قالمىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.