ئەنگىلىيەدىكى مۇسۇلمانلار ئۇيغۇرلارنى قوللاپ 5000 كىشىلىك نامايىش ئۆتكۈزگەن

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئۇيغۇرئاي
2021.11.13
ئەنگىلىيەدىكى مۇسۇلمانلار ئۇيغۇرلارنى قوللاپ 5000 كىشىلىك نامايىش ئۆتكۈزگەن

ئەنگىلىيەدىكى مۇسۇلمانلار ئۇيغۇرلارنى قوللاپ 5000 كىشىلىك نامايىش ئۆتكۈزگەن RFA/Uyghuray

11‏-ئاينىڭ 13‏-كۈنى ئەنگىلىيەدىكى نوپۇزلۇق مۇسۇلمان تەشكىلاتلىرىنىڭ 50 دىن ئارتۇق بىرلەشمىسى لوندوندا 5000 كىشىلىك نامايىش تەشكىللەپ، خىتاينىڭ يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى ئەيىبلىگەن. ئۇلار بۇ نامايىش ئارقىلىق دۇنيانىڭ دىققىتىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قارىتىشنى مەقسەت قىلغان.

نامايىشچىلار لوندوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى بىلەن مانچېستېردىكى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىغا يىغىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان.

بۇ قېتىملىق نامايشقا قاتناشقان مۇسۇلمان تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاساسلىقى ھەرقايسىي رايونلۇق مەسچىتلەر، مۇسۇلمان تەشكىلاتلىرى، ئوقۇغۇچىلار جەمئىيىتى، ئىلمىي ئورگانلار، تەشۋىقات گۇرۇپپىلىرى ۋە ئاخبارات سۇپىلىرىدىن تەركىب تاپقانلىقى مەلۇم.

ئىگىلىمىزچە بۇ قېتىملىق زور نامايىشقا ئەنگىلىيەدىكى ئەل-ئەنسار مەسچىتى، ئەل-مەرىفاھ فوندى جەمئىيىتى، بىراكىنېل ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى، ئەنگىلىيە مۇسۇلمانلىرىنىڭ مىراس مەركىزى، شەرقىي لوندۇن مەسچىتى ۋە لوندۇن مۇسۇلمانلار مەركىزى، گىرلىڭتون مۇسۇلمانلار پاراۋانلىق جەمئىيىتى، يىشىل يول مەسچىتى، گىرىنىۋىچ ئىسلام مەركىزى، ياۋروپا ئىسلام كېڭىشى، ئىسلام تورى، ئىسلامىي تەربىيە ئاكادېمىيەسى، ئەنگىلىيە مۇسۇلمانلار كېڭىىشى، نوربۇرىي مۇسۇلمانلار تېنىچلىق مەركىزى، لىيچېستىر مەسچىتى كوردۇبد فوندى ئىسلام مەركىزى، غەربىي لوندۇن ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى، ۋېتتون ئىسلام مەركىزى، ۋېيكومبو ئىسلام جەمئىيىتى، ياسىن ياشلار ساياھەت گۇرپىسى قاتارلىق نوپۇزلۇق مۇسۇلمان تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ قوللىغۇچىلىلىرى قاتناشقان.

نامايىش جەريانىدا «ئۇيغۇرلار ئۈچۈن دەس تۇرۇڭلار» دېگەن تېمىىدا نۇتۇقلار سۆزلەنگەن، «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك» دېگەندەك جاراڭلىق شوئارلار توۋلانغان.

نامايىش تەشكىللىگۈچىلىرى ئۇيغۇرلارنى قوللاش ئۈچۈن «21-ئەسىردىكى ئىسلام» ناملىق تور بەتتە «ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مەيدانغا چىقىمىز» ناملىق مەخسۇس چاقىرىق ھەرىكىتى باشلىغان ئىكەن. بۇ تور بەتتىكى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، نامايىشقا قاتناشقۇچىلارغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقى چۈشۈرۈلگەن مايكىلار تارقىلغان. نامايش تەشكىللىگۈچىلىرىنىڭ رادىيومىزغا يازما شەكىلدە يوللىغان بايانىتىدا كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر نامايىشقا 5 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قاتناشقان.

نامايىش تەشكىللىگۈچى ئورگانلارنىڭ بىرى بولغان «21-ئەسىردىكى ئىسلام» ناملىق تور بېتىنىڭ مۇھەررىرى دوكتور سالام باتت ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، نامايىش ھەققىدە مەلۇمات بەردى. ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان زۇلۇملارنى تېخمۇ كۆپ كىشىلەرگە ئاڭلىتىش ئۈچۈن نۆۋەتتە بۇ ھەرىكەتنى باشلىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان دەھشەتلىك زۇلۇملارنى تونۇپ يېتىشكە باشلىدى، ئەمما ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن قانداق قىلىشنى بىلەلمەيۋاتقانلارمۇ ئىنتايىن كۆپ. بۇ ئۇزۇن مۇددەتلىك سەپەرۋەرلىك ھەرىكىتى ئۈچ مەسىلىنى ھەل قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ: ئاۋامنىڭ ئاۋازىنىڭ كۈچلۈك بولىدىغانلىقىنى مىساللار ئارقىلىق كۆرسىتىپ كىشىلەرنى قوزغىتىش؛ ئۇلارنى ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى ۋە ئۇلارغا نېمە بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدە توغرا ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەش؛ ئاندىن جامائەتنى ئۈنۈملۈك ھەرىكەتكە يۈزلەندۈرۈش. بۈگۈن، يەنى شەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا ئوخشاش بۇنداق ئاممىۋىي ھەرىكەتلەر، ئۇيغۇر ۋە باشقا ئېزىلگەن مىللەتلەرنى ئەخلاقى ھەم ئىنسانىي جەھەتتىن قوللىشىمىزدا كەم ئۇچرايدىغان پۇرسەتتۇر. بۇ بىز قىلالايدىغان ئەڭ ئەقەللىي ئىش.»

مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى «ئۇيغۇر ھەركىتى» تەشكىلاتى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، ئەنگىلىيەدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ نامايىشنى قوللايدىغانلىقىنى ۋە بۇ نامايىشقا قاتنىشىدىغان بارلىق مۇسۇلمان قېرىنداشلارغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش مۇپەتتىشى، «ئۇيغۇر ھەركىتى» تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان ئابلىكىم ئىدرىس ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ نامايشىنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە پىكىر بايان قىلدى.

ئابلىكىم ئىدرىسنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ يىلنىڭ بېشىدا «ئۇيغۇر ھەركىتى» تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىرى لوندوندىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ۋە سىياسىي ئەربابلار بىلەن كۆرۈشۈپ، دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن ئەنگىلىيەدە ياشايدىغانلار ئۇيغۇرلار ھەمدە مۇسۇلمان جامائەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى رىشتىنى كۈچەيتىشتە تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن ئىكەن.

ئابلىكىم ئىدرىس ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار يەنە ئەنگىلىيەدىكى مۇسۇلمان جەمئىيەتلىرى بىلەن سۆزلىشىپ، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئىسلامغا دىنىغا ۋە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قارشى زۇلۇملىرىنىڭ تەپسىلاتلىرىنى ئاڭلاتقان ئىكەن. ئۇ بۇ كۆرۈشۈشلەردە يەنە ئەنگىلىيەدىكى مۇسۇلمان جامائەتلىرى رەھبەرلىرىنى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى ئەمەلىي ھەرىكەت قوللىنىشقا چاقىرغان ئىكەن.

ئابلىكىم ئىدىرىس ئەپەندى ئاخىرىدا ئەنگىلىيەدىكى بۇ زور نامايىشنى ۋۇجۇتقا چىقىرىش جەريانىدىكى تەپسىلاتلارنى ئاڭلىغۇچىلىرىمىز بىلەن ئورتاقلاشتى.

ئەنگىلىيەدىكى بۇ زور نامايىش 13-نويابىر لوندون ۋاقتى 12:30 دە باشلىنىپ، چۈشتىن كېيىن 3:00 كىچە داۋام قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.