ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىكىنىڭ نامزاتى ئىنتېرپولنىڭ يېڭى نۆۋەتلىك رەئىسى بولۇپ سايلانغان

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2021.11.26
ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىكىنىڭ نامزاتى ئىنتېرپولنىڭ يېڭى نۆۋەتلىك رەئىسى بولۇپ سايلانغان ئىنتېرپولنىڭ يېڭى نۆۋەتلىك رەئىسلىكىگە سايلانغان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باش مۇپەتتىشى ئەخمەت ناسسار ئەل-رەئىسى ئىنتېرپول ئومۇمىي يىغىنىدا سۆزلىمەكتە. 2021-يىلى 25-نويابىر، ئىستانبۇل، تۈركىيە.
Photo: RFA

بۈگۈن، يەنى 25-نويابىر كۈنى ئىنتېرپول-خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتىنىڭ سايلىمى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن.

سايلام نەتىجىسى بۈگۈن ئىنتېرپولنىڭ رەسمىي تور بېتىدە ۋە تىۋېتتېر ھېسابىدا ئېلان قىلىنغان. مەلۇم بولۇشىچە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئىچكىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باش مۇپەتتىشى ئەخمەت ناسسار ئەل-رەئىسى ئىنتېرپولنىڭ يېڭى نۆۋەتلىك رەئىسلىكىگە سايلانغان.

ئەخمەت ناسسار ئەل-رەئىسى بۇنىڭدىن كېيىنكى تۆت يىل جەريانىدا ئىنتېرپولنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىكەن. ئەل-رەئىسى ئىنتېرپول-خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتىغا رەئىس بولۇپ سايلانغان تۈنجى ئەرەب نامزات ھېسابلىنىدىكەن.

BBC تۈركچە ئاخباراتىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، ئىنتېرپول سايلىمىدا ئەل-رەئىسى 68.9 پرسەنت ئاۋاز بىلەن رەئىس بولۇپ سايلانغان.

ئىنتېرپولنىڭ رەسمى تاراتقۇسىدا بىلدۈرۈشىچە، ئىنتېرپولغا رەئىس بولۇپ سايلانغان ئەخمەت ناسسار ئەل-رەئىسى مەزكۇر يىغىندا سۆز قىلىپ: «ئىنتېرپول-خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتىغا رەئىس بولۇش مەن ئۈچۈن شەرەپلىك بىر ۋەزىپە، مەن كىشىلەر ۋە جەمئىيەتلەر ئۈچۈن تېخىمۇ بىخەتەر دۇنيا بەرپا قىلىش ئۈچۈن تىرىشمەن،» دېگەن.

89-نۆۋەتلىك ئىنتېرپولنىڭ قۇرۇلتايىدا مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ باش كاتىپى يۈرگېن ستوك سۆز قىلغان ۋە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاپ بەرگەن. بىر مۇخبىر ئۇنىڭدىن: «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى تۇتۇش ئۈچۈن ئىنتېرپولدا ‹قىزىل تاشلىق تۇتۇش بۇيرۇقى› چىقىرىشقا ئورۇنغانلىقى توغرىسىدا ئەيبلەشلەش مەۋجۇت، سىز بۇ ھەقتە نېمە دەيسىز؟» دەپ سورىغاندا، ئۇ مۇنداق جاۋاب بەرگەن: «سىزگىمۇ مەلۇم بولغىنىدەك، مېنىڭ بۇ تەشكىلاتقا ئالاقىدار تەجرىبەم بار، مەن 2005-يىلى خىزمەتكە كىردىم، بەش يىل تېخنىكا كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولدۇم، كېيىن باش كاتىپ بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىدىم، بىزنىڭ بۇ تەشكىلاتنىڭ سىياسىي بىر تەشكىلات ئەمەسلىكىنى تەكىتلەيمەن. ئەلۋەتتە، تەشكىلاتقا ئەزا ھەر بىر دۆلەتنىڭ قايسى جىنايەتچىنى قانداق تۇتۇش توغرىسىدا ئوخشىمىغان يوللىرى ۋە ئۇسۇللىرى مەۋجۇت، خەلقئارا ساقچى-تەشكىلاتى ئىنتېرپولنىڭ ئۆزىگە خاس بەلگىلىرىمىلىرى بار. ئىنتېرپول ناھايىتى چەكلىك ھوقۇق دائىرىسى ئىچىدە ئىشلەيدۇ. بىز ئۇزۇن زاماندىن بۇيان سىياسىي ۋە ھەربىي مەسىلىگە ئارىلاشماي كەلدۇق. بىزنىڭ ھوقۇقىمىزمۇ چەكلىك. بىزنىڭ يەنە بىر مەسئۇلىيىتىمىز بار بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىدىن يىراق تۇرۇش. بىزگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مىللىي مەسىلىلىرى توغرىلىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بارمايمىز ۋە ئەيىبلىمەيمىز. بۇ بىز يىراق تۇرۇشىمىز كېرەك بولغان بىر ساھە. ئەمما بىزنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش مەسىلىسىدە كۈچلۈك بەلگىلىمىلىرىمىز ۋە كېلىشىمىمىز بار. ئەگەر ئەزا دۆلەتلەر ئىنتېرپول قانىلىنى ئىشىلتىشنى قارار قىلسا، ئۇلار چوقۇم بىزنىڭ تۈزۈم ۋە ئۆلچەملىرىمىزگە ئەمەل قىلىشى كېرەك، ئەگەر ‹قىزىل تاشلىق تۇتۇش بۇيرۇقى› دا سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈش ئاساس قىلىنغان بولسا، بىز ھېچ بىر شەكىلدە ھەرىكەتكە ئۆتمەيمىز.»

تۈرك ئادۋوكات گۈلدەن سۆنمەز خانىمنىڭ قارىشىچە، مەيلى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ نامزاتى بولسۇن، مەيلى خىتاينىڭ نامزاتى بولسۇن، ھەر ئىككىسىنىڭ ئىسكەنجە ۋە قىيىن-قىستاق بىلەن تونۇلغان شەخسلەر ئىكەن. ئۇ ئۆزىنىڭ ھەر ئىككى نامزاتنىڭ ئىنتېرپولغا رەئىس بولۇپ سايلىشىنىغا قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «ئۇلارنىڭ قايىسى بىرى رەئىس بولۇپ سايلىنىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۆلۈم جازاسى، قىيناش ۋە ناچار مۇئامىلىلەر تۈگىمەيدۇ.»

ئىنتېرپول، يەنى خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتىغا خىتاي نامزاتنىڭ رەئىس بولۇپ سايلىنالمىغانلىقىنىڭ سەۋەبى نېمە؟ خىتاي نامزاتى رەئىسلىككە سايلانمىغانلىقى ئۈچۈن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەندىشىلىرى يوقايدۇ دېيىشكە بولامدۇ؟ بىز بۇ توغرىلىق دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم بىلەن خەلقئارا شەرقىي تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخاننى زىيارەت قىلدۇق.

دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم خىتاي نامزاتىنىڭ ئىنتېرپولغا رەئىس بولۇپ سايلىنالماسلىقىنىڭ سەۋەبلىرى توغرىسىدا توختالدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي نامزاتىنىڭ سايلىنالماسلىقىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزىۋاتقان زۇلۇم سىياسىتىنىڭ خەلقئارادا ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئەيىبلىنىۋاتقانلىقى، تىبەت ۋە خوڭكوڭلۇقلارغا قارشى ئېلىپ بارغان سىياسىتىنىڭ ۋەھشىيلىكى تۈپەيلىدىن خىتاينىڭ خەلقئارادا ئوبرازىنى يوقاتقانلىقى ئىكەن.

دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم، خىتاينىڭ جاھانگىر بىر دۆلەتكە ئايلىنىش ئۈچۈن G20 ۋە ئىنتېرپول دېگەنگە ئوخشاش خەلقئارالىق تەشكىلات ۋە ئورگانلارغا سىڭىپ كىرىشكە ئورنىۋاتقانلىقىنى، ئۆزىگە مۇخالىپ ھەر قانداق كۈچلەرنى يوقىتىش ئۈچۈن خەلقئارالىق تەشكىلاتلاردىن پايدىلىنىشقا ئورنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ بۇ ھەقتە ھوشيار بولۇش كېرەكلىكىنى، خىتاينىڭ خەلقئارالىق تەشكىلاتلارغا ئەزا بولۇپ كېرىشىگە ھەر زامان قارشى تۇرۇپ ھەرىكەت قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلدى.

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، گەرچە ئۇيغۇرلار خىتاي نامزاتىنىڭ ئىنتېرپولغا رەئىس بولۇپ سايلانمىغانلىقىدىن مەمنۇن بولغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ بۇنىڭدىن كېيىن خىتاي ئىنتېرپولدىن پايدىللىنىپ شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرىگە ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا ھېچ ئىش قىلالمايدۇ دېگەن مەنانى بەرمەيدۇ، دېدى. ئۇ يەنە خىتاينىڭ ئىقىتىسادىي كۈچىگە تايىنىپ بەزى دۆلەتلەرگە پۇل بېرىش ئارقىلىق ب د ت گە ئوخشاش خەلقئارالىق تەشكىلاتلاردا ئۆزىنىڭ تەسىرىنى ئاشۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ئاخىرىدا بۇنىڭغا قارىتا ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدىن كېلىشىچە تەدبىر ئېلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.