ئامېرىكا، ئەركىن تۇنىيازغا سورۇن ھازىرلاپ بەرگەن كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنى قاتتىق ئەيىبلىدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019.06.25
erkin-tunyaz.jpg ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنياز ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 41-نۆۋەتلىك يىغىنىدا سۆز قىلماقتا. 2019-يىلى 25-ئىيۇن، جەنۋە.
webtv.un.org

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 41-نۆۋەتلىك يىغىنى 24-ئىيۇن كۈنى جەنۋەدە باشلانغانىدى. 24-ئىيۇندىن 12-ئىيۇلغىچە داۋام قىلىدىغان بۇ يىغىن دەل خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويغان لاگېرلىرى سەۋەبلىك ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە ھەرقايسى خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى خەلقئارا جامائەتنى ۋە بولۇپمۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى بۇ مەسىلىدە بىر ئىپادە بىلدۈرۈشكە جىددىي چاقىرىق قىلىۋاتقان پەيتكە توغرا كەلگەنىدى.

دىققەت قوزغايدىغىنى، كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 41-نۆۋەتلىك يىغىنىنىڭ ئىككىنچى كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنياز يىغىندا دوكلات بېرىشكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنياز ئۆزىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەندىن كېيىنكى تۇنجى جۈملىسىدىلا «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكى» نى تەكىتلىگەن. ئارقىدىن ئۇ يۇقىرىدا قىلغان سۆزىنى ئەمدى ئۇيغۇر تىلىدا تەكرارلايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، سۆزىنىڭ ئالدىنقى قىسمىنى ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىدى ۋە كېيىن خىتاي تىلىدا سۆزلەشنى داۋاملاشتۇردى.

ئۇ سۆزىنىڭ داۋامىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە تېررورلۇق ۋە رادىكاللىققا ناھايىتى ئۈنۈملۈك قارشى تۇرۇۋاتقانلىقىنى، «قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرى» ئارقىلىق «دىنىي رادىكاللىق بىلەن يۇقۇملانغان ۋە ئاددىي جىنايەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان كىشىلەرنى قۇتقۇزۇۋاتقانلىقى» نى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ، يەنە، رايوندىكى خەلقنىڭ دىنىي ھوقۇقلىرىنىڭ تولۇق كاپالەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچراۋاتقان لاگېر تۈزۈمى ۋە باشقا باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى بولسا ئۇيغۇر رايونىدىكى ئەمەلىيەتنىڭ ئېھتىياجى ئىكەنلىكىنى ۋە بۇنىڭغا تاشقىرىدىكى ھەرقانداق بىر دۆلەت ياكى ئورگاننىڭ باھا بېرىشكە ھەققى يوقلۇقىنى ئىپادە قىلدى.

ھالبۇكى، ئەركىن تۇنيازنىڭ سۆزلىرىگە كۈچلۈك رەددىيە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن كەلدى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ جەنۋەدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە باشقا خەلقئارالىق ئورگانلاردا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىكى بايانات ئېلان قىلىپ، ئەركىن تۇنىيازغا سۆز قىلىش پۇرسىتى بەرگەن ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنى قاتتىق تەنقىدلىدى. باياناتتا مۇنۇلار دېيىلگەن: «25-ئىيۇن كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنياز كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە سۆز قىلىپ، ئۆز ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى باستۇرۇشلىرىنى ئاقلىدى. ئۇنىڭ بۇ بايانلىرىغا جۈملىدىن كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئەڭ ئېغىر دەپسەندە قىلغۇچىنىڭ ۋەكىلىگە ئۆز تەشۋىقاتىنى قىلىدىغان سورۇن ھازىرلاپ بەرگەنلىك كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ئۈچۈن بىر نومۇستۇر».

باياناتتا يەنە مۇنۇلار بايان قىلىنغان: «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرگە يۈرگۈزۈۋاتقان قاتتىق بېسىم سىياسىتىگە قاتتىق دىققەت قىلماقتا. رايوندا بىر مىليوندىن ئوشۇق مۇسۇلمان مەجبۇرىي تۇتقۇن قىلىنىپ لاگېرلارغا قامالدى، ئۇلار قىيىن-قىستاققا ئېلىنماقتا، زالىملارچە، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان، ئىنسان غۇرۇرىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىدىغان مۇئامىلىگە ئۇچرىماقتا. ئۇلار يۇقىرى پەن-تېخنىكىلىق نازارەتكە ئۇچرىماقتا، ئۇلارنىڭ مىللىي ۋە دىنى كىملىكىنى ئىپادە قىلىشى چەكلەنمەكتە. بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنى مەجبۇرىي تۇتقۇن قىلىنغانلارنى دەرھال قويۇۋېتىشكە، ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە ئەڭ ئاساسىي ئەركىنلىكلىرىگە ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىمىز. . . شىنجاڭنىڭ مۇئاۋىن رەئىسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنى خىتاينىڭ بېسىم سىياسەتلىرىنى ئاقلايدىغان سورۇنغا ئايلاندۇرۇشى قوبۇل قىلغۇسىز بىر ئەھۋال. كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ئەگەر ئۆزىنىڭ قانۇنىيلىقى ۋە ئابرۇيىنى مۇھىم دەپ قارايدىكەن، ئۇ ھالدا كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىۋاتقان ھۆكۈمەتلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ ۋەكىللىرىنى ئۆز قىلمىشلىرى ئۈچۈن جازاغا تارتىشى كېرەك ئىدى».

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي بۆلۈمى باشلىقى سوفى رىچاردسون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھەقتىكى كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى. ئۇ سۆزىدە: «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەمەلدارىنىڭ بۈگۈنكى سۆزى يېڭىلىق ئەمەس، يەنى ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پاكىتنى قەتئىي رەت قىلىدىغان قۇرۇق تەشۋىقاتتىن ۋاز كەچمىگەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىپادىلەپ بەردى خالاس. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنى بۇ مەسىلىدە ئىپادە بىلدۈرمەسلىكى ئۈچۈن قاتتىق ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقى ئېنىق. ئەمما مەن ھەرقايسى دۆلەتلەر ئەمدى ئۆزلىرىنىڭ بېسىم تەرەپدارى بولمايدىغانلىقىنى نامايان قىلىدىغان ۋاقىت كەلدى، دەپ قارايمەن»، دېدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئەركىن تۇنيازنىڭ سۆزى ئەسلىدىكى كۈن تەرتىپ بويىچە، يىغىننىڭ بىرىنچى كۈنىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى باشچىلىقىدىكى ياۋروپانىڭ ھەرقايسى دۆلەتلىرىدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلار ئەھۋالنى ئۇققاندىن كېيىن نارازىلىق نامايىشى قىلغان. بۇنىڭ بىلەن نامەلۇم سەۋەبلەر بىلەن، ئەركىن تۇنياز يىغىننىڭ ئىككىنچى كۈنى دوكلات بەرگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەركىن تۇنيازنى سۆزلىتىش ئارقىلىق كۆزلىگەن مەقسەتكە يېتەلمىگەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، ئەركىن تۇنيازنىڭ يىغىن زالىغا بىرمۇنچە خىتايلارنىڭ قورشاۋىدا ئەكىرىلىشى ۋە سۆزى تۈگە-تۈگىمەي يىغىن مەيدانىدىن ئېلىپ چىقىپ كېتىلىشى ئەكسىچە دىققەت قوزغىغان.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار، يىغىننىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى كۈنلەردىكى داۋامى جەريانىدا بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرى ۋەكىللىرىنىڭ شۇنداقلا خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېپىق تەربىيە لاگېرلىرى مەسىلىسى ۋە باشقا ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىمەكتىكەن.

كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باشېلېت خانىم بولسا، يىغىننىڭ بىرىنچى كۈنىدىكى ئېچىلىش نۇتقىدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يۈز بېرىۋاتقان نۇقتىلىق زور كىشىلىك ھوقۇق ۋەقەلىرىنى تىلغا ئالغاندا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىمۇ تىلغا ئالغان ۋە ئۆزىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان ئۇچرىشىشلاردا ئۇيغۇر ئېلىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقى، شۇنداقلا ئۆزى ۋە خىزمەتداشلىرىنىڭ رايونغا توسالغۇسىز ھالدا بېرىپ زىيارەت قىلىش تەلەپلىرىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.