«ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى مۇنبەر» قۇرۇلغان

مۇخبىرىمىز جۈمە
2021.01.03
«ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى مۇنبەر» قۇرۇلغان مالايسىيا ئىسلام تەشكىلاتلىرى مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ پرېزىدېنتى موھد ئ‍ازمى ئ‍ابدۇل ھامىد.
Social Media

مالايسىيادىكى بىر نەچچە ئىسلامىي تەشكىلات ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، مەخسۇس ئۇيغۇر دەۋاسىغا ياردەم بېرىدىغان بىر مۇنبەر قۇرغانلىقىنى جاكارلىغان.

تەيۋەندىن چىقىدىغان «بوغۇز ۋاقتى گېزىتى» نىڭ 1-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، «ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى ئۇيغۇر مۇنبىرى» ناملىق بۇ مۇنبەرنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى «خىتاينىڭ باستۇرۇشغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ قىيىنچىلىقىغا دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈش» ئىكەن.

ئوچۇق خەتتە مۇنداق دېيىلگەن: «گەرچە خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ ناھەق مۇئامىلىگە ئۇچرىغانلىقىنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، بىزنىڭ مەيدانىمىز دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە سۈكۈتتە تۇرمايدىغانلىقىنى نامايان قىلىدۇ.»

ئۇلار يەنە مەزكۇر مۇنبەر ئارقىلىق ئۇيغۇر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ كەچمىشلىرىنى ئاشكارىلايدىكەن.

ئوچۇق خەتتە، مۇسۇلمان ئەللىرى ۋە دۇنيا جامائىتى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ھەل قىلىش مەيدانىدا چىڭ تۇرۇشقا ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانىي قەدىر قىممىتىنى خىتايدىن كېلىدىغان ئىقتىسادىي نەپلەرگە تېگىشمەسلىككە چاقىرىلغان.

ئوچۇق خەت مالايسىيا ئىسلام تەشكىلاتلىرى مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ پرېزىدېنتى موھد ئ‍ازمى ئ‍ابدۇل ھامىد ۋە ئاسىيا ئۆلىمالار مەجلىسىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇل غېنى سامسۇدىن قاتارلىقلارنىڭ ئىمزاسىدا ئېلان قىلىنغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.