ئۇيغۇر ئىشچىلارنىڭ «نايكى» ئاياغ زاۋۇتىغا مەجبۇرىي يۆتكەلگەنلىكى مەلۇم

مۇخبىرىمىز جۈمە
2020.03.01
Uyghur-Ishchilar-Nike.png «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ چېڭداۋدىكى «نايكى» زاۋۇتىغا يۆتكەپ كېلىنگەن ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى خەۋىرى. 2020-يىلى 29-فېۋرال.
Photo: RFA

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى دۇنيادىكى داڭلىق ماركا - «نايكى» ئاياغلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان بىر زاۋۇتقا يۆتكەپ كەلگەنلىكى مەلۇم.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر شىركەتنىڭ چىڭداۋ شەھىرىگە جايلاشقان تائېكۋاڭ زاۋۇتىغا ئېلىپ كېلىنگەن ئۇيغۇر ياشلار قاتتىق نازارەت ئاستىدا ئىشلەيدىكەن.

مۇخبىرنىڭ سوئالىغا قورقۇپ تۇرۇپ جاۋاب بەرگەن بىر ئۇيغۇر قىزى: «بىز تالاغا چىقىپ يۈرەلەيمىز، ئەمما يۇرتىمىزغا قايتىپ كېتەلمەيمىز» دېگەن ۋە باشقىلارنىڭ كۆرۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، دەرھال كېتىپ قالغان.

خەۋەرگە قارىغاندا، بۇ ئىشچىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك يىگىرمە ياكى ئۇنىڭدىن تۆۋەن ياشتىكى قىزلار ئىكەن.

خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، بۇ ئۇيغۇر ئىشچىلار زاۋۇت رايوندىكى كىشىلەر بىلەن ئالاقە قىلىشتىن ئەنسىرەيدىكەن، ياكى ئالاقە قىلالمايدىكەن.

مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر بىر باققال ئايال مۇنداق دېگەن: «بۇلارنىڭ بۇ يەرگە ئۆز مەيلىچە كەلمىگەنلىكىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ. ئۇلار بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىندى.»

يەنە بىر باققال: «بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ يەرگە كەلمەكتىن ئۆزگە ئىلاجى يوق. ھۆكۈمەت ئۇلارنى بۇ يەرگە ئەۋەتتى،» دېگەن.

خەۋەردە ئاۋسترالىيەدىكى ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتىنىڭ دوكلاتىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، تائېكۋاڭ زاۋۇتى ئۇيغۇرلار مەجبۇرىي ئەمگەككە ئوخشاپ كېتىدىغان خىزمەت شارائىتىدا ئىشلەيدىغان 80 چوڭ دۇنياۋى ماركىلارغا مال تەمىنلەيدىغان زاۋۇتلارنىڭ بىر ئىكەن.

گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان دوكلات ئاپتورى ۋىكي شيۇجوڭ شۇ مۇنداق دېگەن: «خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭدىكى ئاتالمىش قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرىنىڭ جازا مەدەنىيىتى ۋە ئەخلاقىنى خىتاينىڭ ھەممە يېرىگە ئېكسپورت قىلماقتا. خىتاينىڭ مەقسىتى ئۇيغۇرلارنى خىتايلاشتۇرۇش.»

ھالبۇكى «نايكى» شىركىتى ئۆزلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقى ھەمدە ئۆزلىرىگە مال تەمىنلىگۈچىلەرنىڭ ھەرقانداق شەكىلدىكى مەجبۇرلاش، تۈرمە ئەمگەكلىرى خاراكتېرلىك ئەمگەكلەردىن پايدىلىنىشتىن چەكلەنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

تائېكۋاڭ گۇرۇھىنىڭ جەنۇبىي كورېيەدىكى ئىجرائىيە مۇدىرى كىم جائې مىن چىڭداۋدىكى زاۋۇتتا 7100 ئېشىنچا بارلىقى، بۇلارنىڭ 600 نەپىرىنى ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلىدىغانلىقى، بۇلارنى ئەكېلىشتىن مەقسەت يەرلىك ئىشچى كەم بولۇش بوشلۇقىنى تولدۇرۇش ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

خەۋەردە ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتىنىڭ دوكلاتىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى 2017-يىلىدىن 2019-يىلىغىچە، 80 مىڭ ئۇيغۇرنى خىتاينىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى زاۋۇتلارغا يۆتكىگەن.

خىتاي دائىرىلىرى ئىلگىرى ئاتالمىش «ئېشىنچا ئەمەك كۈچلىرى» نامىدا ئۇيغۇر ياشلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىگەن.

خىتاينىڭ مەزكۇر سىياسىتىنى كورونا ۋىرۇسى ئېغىر ۋەھىمە پەيدا قىلغان مەزگىلدىمۇ داۋاملاشتۇرۇشى، ھەتتا بەزى ئۇيغۇر ئىشچىلارنى ۋىرۇس بىر قەدەر كەڭ تارقالغان خۇبېي ئۆلكىسىگە قوشنا رايونلارغا يۆتكىشى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.