«ئېتىقاد ۋەيرانچىلىقى: ئۇيغۇر مەسچىتلىرى ۋە مەقبەرىلىرىنىڭ چېقىلىشى» ناملىق يىغىندىكى پىكىرلەر (2)

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-10-31
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
«ئېتىقاد ۋەيرانچىلىقى: ئۇيغۇر مەسچىتلىرى ۋە مەقبەرىلىرىنىڭ چېقىلىشى» ماۋزۇلۇق زور ھەجىملىك دوكلاتنى جامائەتچىلىك بىلەن رەسمىي يۈز كۆرۈشتۈرۈش ئۈچۈن «دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى» تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان مۇھاكىمە يىغىنىدىن بىر كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 29-ئۆكتەبىر. ۋاشىنگتون، ئامېرىكا.
«ئېتىقاد ۋەيرانچىلىقى: ئۇيغۇر مەسچىتلىرى ۋە مەقبەرىلىرىنىڭ چېقىلىشى» ماۋزۇلۇق زور ھەجىملىك دوكلاتنى جامائەتچىلىك بىلەن رەسمىي يۈز كۆرۈشتۈرۈش ئۈچۈن «دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى» تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان مۇھاكىمە يىغىنىدىن بىر كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 29-ئۆكتەبىر. ۋاشىنگتون، ئامېرىكا.
RFA/Eziz

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى دىنىي مۇئەسسەلەرنى ۋەيران قىلىش ھەرىكىتى ۋە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ھادىسىلەر ھەققىدە ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتى مەخسۇس «ئېتىقاد ۋەيرانچىلىقى: ئۇيغۇر مەسچىتلىرى ۋە مەقبەرىلىرىنىڭ چېقىلىشى» ماۋزۇلۇق زور ھەجىملىك دوكلات تەييارلاپ چىققان ئىدى. ئەنە شۇ دوكلاتنى جامائەتچىلىك بىلەن رەسمىي يۈز كۆرۈشتۈرۈش ئۈچۈن «دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى» 29-ئۆكتەبىر كۈنى چۈشتىن بۇرۇن مەخسۇس مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى.

يىغىننىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللار تۈرلۈك فوتو سۈرەتلەر ۋە سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرى قوشۇمچە قىلىنغان ھالدا تونۇشتۇرۇپ ئۆتۈلدى. شۇنىڭدىن كېيىنكى مۇھاكىمە باسقۇچىدا يىغىن رىياسەتچىسى، «دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى» نىڭ خادىملىرىدىن برايىن جوسېف سۆز ئالدى.

برايىن سۆزىدە بۇ قېتىملىق دوكلاتتا بايان قىلىنغان ئەھۋاللار ھەمدە بۇنى ئىسپاتلىغۇچى كۆپلىگەن فوتو سۈرەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدا بولۇۋاتقان زۇلۇملارنىڭ يەنە بىر يۈزىنى دۇنيا جامائىتىگە ئاشكارا قىلغانلىقىنى، بولۇپمۇ ھازىر ئۇيغۇر جەمئىيىتى يالغۇز زور كۆلەملىك تۇتقۇن، يىغىۋېلىش لاگېرى ۋە تىل-يېزىقنى مەنئى قىلىش دېگەندەك پاجىئەلەرگىلا ئۇچراپ قالماستىن، زور ئىجتىمائىي قىممەتكە ئىگە بولغان بىناكارلىق، تارىخىي يادىكارلىق ۋە مەدەنىيەت ۋەيرانچىلىقىنىڭمۇ ئېغىر پاراكەندىچىلىكىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى ھەمدە ئەزىز مېھمانلارنى بۇ مەسىلە ھەققىدىكى مۇھاكىمىگە تەكلىپ قىلدى.

ئالدى بىلەن ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ئالىم سېيتوف سۆز ئېلىپ، مەزكۇر دوكلاتتىكى بەھرام توپلىغان ماددىي ئىسپاتلارغا ناھايىتى يۇقىرى باھا بەردى. يەنە كېلىپ ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەسچىتلەرنى ۋەيران قىلىپلا قالماستىن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاخىرەتلىك ماكانى بولغان قەبرىستانلىقلارنىمۇ بۇزۇۋاتقانلىقى، تېخىمۇ مۇھىمى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارالىق سورۇنلاردا ھەدىسىلا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى مەسچىتلەرنىڭ سانى باشقا ھەرقانداق مۇسۇلمانلار رايونىدىكىدىن كۆپ، دېيىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ دىنىي ئەركىنلىك جەھەتتە ئۇيغۇرلارغا قانچىلىك غەمگۇزارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆز-كۆز قىلىشتەك ساختىلىقىنى پاش قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى. بولۇپمۇ ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئىشلىگەن كۆپلىگەن خەۋەرلەردىن قارىغاندىمۇ چېن چۇەنگو ئۇيغۇرلار دىيارىغا كەلگەندىن بۇيان مەسچىتلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقات مەركىزىگە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى، بارلىق مەسچىتلەرگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «پارتىيەنى سۆيۈش، دۆلەتنى سۆيۈش» دېگەندەك پلاكاتلىرىنىڭ ۋە خىتاي بايراقلىرىنىڭ ئېسىلغانلىقىنى مىسال قىلىپ تۇرۇپ، خۇددى بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك ئامېرىكا سىياسىيونلىرى تەكىتلىگەندەك بۇ ئىشلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەكىتلەۋاتقان تېررورلۇققا ۋە دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى كۈرەش بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق ئىكەنلىكىنى، ئەكسىچە بۇنىڭ «ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش» شوئارىنىڭ ئىنكاسى ئىكەنلىكىنى، يەنە كېلىپ ئىسلام دۆلىتى بولمىغان خىتاينىڭ «قۇرئان كەرىم» نى قايتا تەرجىمە قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئۆز مەقسىتىگە يەتمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى، مۇشۇلاردىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەقسىتى ئۇيغۇرلاردىكى دىنىي ئېتىقادقا دائىر بارلىق مەنىۋىيەت بايلىقىنى پۈتۈنلەي يوق قىلىش ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇيغۇر مۇقاملىرى ھەققىدىكى ئىزدىنىش سەۋەبىدىن ئۇيغۇرلار دىيارىغا كۆپ قېتىم بارغان دوكتور ئەلىس ئاندېرسونمۇ شۇ قاتاردا سۆز ئالدى. ئۇ ئاۋۋال 2017-يىلى ئاپرېلدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى جەريانىدا ئىسلام تۈسىگە ئىگە بولغان 29 ئىسىمنى مەنئى قىلىش بۇيرۇقى ئېلان قىلغانلىقىنى ئەسلەپ ئۆتۈش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ شۇ ۋاقىتلاردا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي ھەرىكەتلەرگە بىۋاسىتە شاھىت بولغانلىقىنى، كۆپلىگەن ھادىسىلەرنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىكىنى بايان قىلدى. دوكتور ئەلىسنىڭ پىكرىچە، مەسچىتلەر ۋە مازارلارنىڭ ۋەيران قىلىنىشى ئۇيغۇرلاردىكى دىنىي ئېتىقاد بىلەن ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت كىملىكى ئوتتۇرىسىدىكى زىچ باغلىنىشنى ئۈزۈپ تاشلاش ئۇرۇنۇشىنىڭ ئىنكاسى. چۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى دىندىن ئايرىپ چۈشەندۈرەلمەيدۇ. گەرچە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى تەقۋادار مۇسۇلمان بولمىسىمۇ، ئىسلام دىنى ئۇيغۇر ھاياتىنىڭ ھەر بىر ھۈجەيرىسىگىچە سىڭىپ كەتكەن بولىدۇ. ئۇ ئەينى ۋاقىتتا يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە «ئىسلام دىنىنى چۈشەنمىسىڭىز ئۇيغۇر مۇقاملىرىنى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى چۈشىنىشىڭىز مۇمكىن ئەمەس» دېگەن سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈش ئارقىلىق ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇ خىل دىنىي مۇئەسسەلەرنى ۋەيران قىلىش ئارقىلىق دەل ئۇيغۇرلاردەك مەدەنىيەت كىملىكىنى يوق قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. شۇنداقلا ئۇيغۇر ماقال-تەمسىللىرىدە «كۈننى ئېتەك بىلەن ياپقىلى بولماس» دەپ ئېيتىلغاندەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشلىرىنى دۇنيادىن يوشۇرۇپ قالالمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى.

بەھرام سىنتاش بىلەن بىرلىكتە بۇ قېتىمقى دوكلاتنى تەييارلاپ چىققان «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتى» نىڭ مۇدىرى ئۆمەر قاناتمۇ ئۆز نۆۋىتىدە سۆز قىلىپ، ھازىر بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ بۇ خىلدىكى مەسچىتلەرنى چېقىش قىلمىشىنى 1970-يىللاردىكى سىياسىي بوران-چاپقۇندا كۆرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى چەكلەش قىلمىشى بىلەن سېلىشتۇرىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇ «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» ۋە ئۇنىڭ ئالدى-كەينىدىكى زامانلاردا مەسچىتلەرنى بۇ خىل كۆلەمدە چېقىش ھەرىكىتىنىڭ بولمىغانلىقىنى، بۇنىڭ پەقەت ناتسىستلار گېرمانىيەسى يەھۇدىيلارغا قاراتقان مەدەنىيەت جەھەتتە يوقىتىش تەدبىرلىرىنىڭ تەكرارلىنىشى ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ كېلىپ، «ئەگەر دۇنيا بۇ ئىشلارغا داۋاملىق سۈكۈت قىلسا بۇنىڭدىنمۇ ئېغىر پاجىئەلەر ئوتتۇرىغا چىقىدۇ» دېدى.

مۇھاكىمە باسقۇچىدىن كېيىن كۆپچىلىك تۇشمۇتۇشتىن بۇ مەسىلە ھەققىدە سوئال سورىدى. بولۇپمۇ ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرى، چېقىلغان مەسچىتلەرنىڭ ئورنى قانداق بولغانلىقى، بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنىڭ راستلىقى، شۇنىڭدەك ئىسلام ئەللىرىنىڭ بۇ خىلدىكى مەسچىتلەرنى چېقىش قىلمىشىغا بولغان ئىنكاسى قاتارلىق تېمىلار بويىچە كۆپلىگەن سوئاللار سورالدى.

يىغىن ئاخىرىدا بىز بەھرام سىنتاش بىلەن مەسچىتلەرنىڭ چېقىلىشى توغرىسىدا ئايرىم سۆزلەشتۇق. بىز ئۇنىڭدىن خىتايدىكى بىر قىسىم چېركاۋلارنىڭ چېقىلىشى بىلەن ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى مەسچىتلەرنىڭ چېقىلىشى ئوتتۇرىسىدا قانداق پەرقلەر بارلىقىنى سورىغىنىمىزدا ئۇ بۇنىڭ كۆلەم ۋە سان جەھەتتە مۇتلەق پەرقلىنىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

دوكتور ئەلىس ئاندېرسونمۇ ئايرىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، نۆۋەتتە چېقىلىۋاتقان مازارلار ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنىڭ بىر مۇھىم مەزمۇنى بولغان مۇقاملار ئورۇنلىنىدىغان «سەھنە» ئىكەنلىكىنى، بۇ مۇقاملاردا بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ «يار» ئىبارىسى ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئاللاھقا بولغان مۇھەببىتى ئىپادىلىنىدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.

بۇ قېتىمقى يىغىنغا كۆپلىگەن ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى، ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى بىر قىسىم ئىسلام ئەللىرىنىڭ ئەلچىخانا خادىملىرى، ئاخبارات ساھەسىنىڭ مۇخبىرلىرى ۋە بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار قاتناشتى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت