FBI نىڭ مۇدىرى كرىستوفىر ۋراي: خىتاينىڭ جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2020.07.08
FBI-Director-Christopher-Wray.jpg ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى كرىستوفىر ۋراي پارلامېنت بىناسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئەدلىيە كومىتېتىنىڭ يىغىنىدا گۇۋاھلىق بەرمەكتە. 2020-يىلى 5-فېۋرال، ۋاشىنگتون.
AP

7-ئىيۇل كۈنى خۇدسۇن ئىنستىتۇتى ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى(FBI) نىڭ مۇدىرى كرىستوفىر ۋراينى تەكلىپ قىلىپ، بېيجىڭنىڭ ئامېرىكاغا قايسى تەرەپلەرىدىن سۇقۇنۇپ كېرىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى ۋە بۇنىڭغا قارشى تەدبىرلەر توغرىسىدا ئالاھىدە سۆھبەت ئېلىپ باردى.

ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ مۇدىرى كرىستوفىر ۋراي خىتاينىڭ ئامېرىكا شىركەتلىرىگە سىڭىپ كىرىش ئارقىلىق، ئامېرىكانىڭ ئەقلىي-مۈلكلىرىنى ئوغىرلىغانلىقى، ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتىلىرىغا سىڭىپ كىرىپ، ساختا ئۇچۇر تارقىتىپ، كوممۇنىزم ئىدىيەسىنى كېڭەيتىۋاتقانلىقى، خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ چۆنتىكنى توملاش ئۈچۈن ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن ئامېرىكانىڭ دىققىتىنى بۇراشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىدەك مۇھىم مەزمۇنلارنى ئوتتۇرىغا قويدى.

كرىستوفىر ۋراي مۇنداق دېدى:» خىتاي ئۇزۇندىن بۇيان ئامېرىكانىڭ ئۇچۇر-تېخنىكا ۋە ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىغا تەھدىت بولۇپ كەلمەكتە. دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي گۈللىنىش ۋە تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىشقا ئۇرۇنماقتا. بۇ خىل ئىقتىسادىي كىڭەيمىچىلىك ئارقىلىق دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىغىلا تەھدىت ئېلىپ كەلمەستىن بەلكى دۆلەت بىخەتەرلىكىگىمۇ تەھدىت ئېلىپ كەلمەكتە «.

ئۇ يەنە خىتاينىڭ ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى توپلىغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:» بۇ تەھدىتكە سەل قارىغىلى بولمايدۇ. دۆلەتلىك تەپتىش مەھكىمىسى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىمۇ بىر قانچە ھەپتە ئىچىدە بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىدۇ. ئەگەر بۇ مەسىلىنى پەقەت ئىستىخبارات ساھەسىنىڭ، ھۆكۈمەتنىڭ ۋە شىركەتلەرنىڭلا مەسىلىسى دەپ ئويلىغان بولساڭلار خاتالاشقان بولىسىلەر. ئامېرىكا پۇقرالىرى ئۇلارنىڭ ئاساسلىق نىشانى بولۇپ، تارىختىكى ئەڭ كەڭ كۆلەملىك ئىقتىسادنىڭ ئېقىشى يۈز بېرىۋاتىدۇ. ئەگەر سىز ياشلار ئىشلىتىۋاتقان كۆڭۈل ئېچىش خاراكتېرىدىكى ئەپلەرنى ئىشلىتىۋاتقان بولسىڭىز سىزنىڭ بارلىق ئۇچۇرلىرىڭىزنى خىتاي ئوغرىلاپ بولدى، دېگەنلىك «.

6-ئىيۇن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پومپېيو» فوكىس خەۋەرلىرى «تورىنىڭ مۇخبىرى لاۋرا ئىنگراھامنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا خىتاينىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ئەپلىرىنى، بولۇپمۇ تىك توكنى چەكلەشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

«لۇكائۇت» شىركىتىنىڭ ئىستىخبارات ۋە خەۋپسىزلىك تەتقىقاتى دىرېكتورى كرىستوف خېبېيسېننىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە خىتايدا ئىشلەنگەن نۇرغۇن ئەپلەر ئۇچۇر ئوغىرلاشنى مەقسەت قىلغانىكەن. ئۇنىڭ دېيىشىچە›ئالتۇن بۈركۈت‹يامان غەرەزلىك ئاندىروئىد يۇمتاللىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ تور ئوچۇق ياكى ئوچۇق بولمىغان شارائىتتىمۇ تېلېفوننى كونترول قىلالايدىكەن. تېلېفوندىكى تېكىستنى كۆرۈپ ۋە تېلېفون سۆھبىتىنى ئاڭلىيالايدىكەن، تېلېفون ئىگىسى بۇنى سىزەلمەيدىكەن.

فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ مۇدىرى كرىستوفىر ۋراي مۇنداق دېدى:» بۇ يەردە خەتەردە تۇرۇۋاتقىنى پەقەت شەخسىي ئۇچۇرلارلا ئەمەس، بەلكى يەنە بىزنىڭ ساغلاملىق، سۇغۇرتا، بىخەتەرلىك سىستېمىلىرىمىز. فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى ھەر ئون سائەتتە بىر خىتايغا مۇناسىۋەتلىك دېلو تاپشۇرۇۋالىدۇ. ھازىر قولىمىزدىكى 5000 دىن ئارتۇق دېلونىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى خىتايغا مۇناسىۋەتلىك. يېقىندىن بۇيان، بولۇپمۇ كورونا ۋىرۇسى مەزگىلىدە خىتاي ئامېرىكانىڭ سەھىيە تەشكىلاتلىرى، دورا شىركەتلىرى ۋە تەتقىقات مەركەزلىرى بىلەن ھەمكارلىششىقا كۈچەۋاتىدۇ «.

كرىستوفىر ۋراي يەنە مۇنداق دېدى:» تەھدىتلەرنى بىلدۇق، ئەمدى بۇنىڭغا قارشى قانداق تەدبىر قوللىنىمىز دېگەندە، ئامېرىكالىقلار شۇ ئۈچ نۇقىتىنى ئىسىدە تۈتىشى كېرەك: بىرىنچىدىن، بىز خىتاينىڭ مەقسىتىنى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشىمىز كېرەك. خىتاي كومپارتىيەسى تېخنىكا ۋە ئىقتىساد جەھەتتە ئامېرىكادىن ئۆتۈپ كېتىشنى پىلانلاۋاتىدۇ. لېكىن قانۇنلۇق، ئادالەتلىك رىقابەت بىلەن ئەمەس بەلكى ئۆز پۇقرالىرىنىڭ ئەركىن پىكىر قىلىشنى توسۇش، باستۇرۇش، باشقىلارنىڭكىنى ئوغرىلاش ئارقىلىق يەنى ۋاسىتە تاللىماي ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ. ، ئىككىنچىدىن، ئامېرىكالىقلار شۇنى بىلىشى كېرەككى خىتايلار تېخنىكىلىق ئۈسكۈنىلەردىن پايدىلىنىپ، ياشلاردىن پايدىلىنىۋاتدۇ. پەقەت خىتاينىڭ ئىستىخبارات ئورۇنلىرىلا ئەمەس بەلكى خىتايلارنىڭ نۇرغۇنلىغان شەخسىي شىركەتلىرى ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، تەتقىقاتچىلار خىتاينىڭ ئىستىخباراتى ئۈچۈن ئىشلەيدۇ. ئۈچىنچىدىن، خىزمەت ئىزدەش ئۈچۈن تورغا چىققىنىڭلاردا خىتاينىڭ ئەپلىرى سىلەرنىڭ ئۇچۇرۇڭلارنى توپلاپ ماڭىدۇ، ۋە كېيىنكى ھۆكۈمەتنىڭ قارارلىرىدا سىلەرگە تەسىر قىلىشقا ئۇرۇنىدۇ. مەسىلەن خۇئاۋېي ئېنىقلا خەلقئارا قانۇنغا ۋە مۇشتەرىلەرنىڭ قانۇنى ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلغان، ئىزچىل تېخنىكا ئوغرىلىغان شىركەت. خىتاي خەلقئارالىق جىنايى جازا قانۇنىغا ۋە خەلقئارا تەرتىپكە خىلاپلىق قىلدى. بىز بۇنىڭغا قاراپ تۇرمايمىز. فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى ۋە باشقا ئورگانلار ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن بىرلىشىپ خىتاينىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىمىز. خەلقىمىز ئىچىدىكى پىدائىيلار بىلەن بىرلىكتە دۆلىتىمىزنىڭ كەشپىياتلىرىنى، ئىدىيىلىرىنى، ياشاش ئۇسۇلىنى قوغدايمىز «.

ھىندىستان ھۆكۈمىتىمۇ يېقىندا TikTok، Helo ۋە WeChat قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىتاينىڭ 59 ئىجتىمائىي ئالاقە ئەپلىرىنى دۆلەتنىڭ «ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە بىخەتەرلىكى» گە ئېلىپ كەلگەن تەھدىتكە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن چەكلىگەنلىكىنى ئېلان قىلغانىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.