خىتاي جازا لاگېرلىرىنى ئاڭلاتقان 17 ياشلىق فېرۇزە ئەزىزنىڭ تىك-توك ھېساباتى تاقىۋېتىلگەن

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2019.11.27
Feroza-Aziz-tiktok.jpg 17 ياشلىق فېرۇزە ئەزىزنىڭ تىك-توكتا ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى ئۆزىنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىگە تونۇشتۇرۇۋاتقان كۆرۈنۈشى. 2019-يىلى 25-نويابىر.
Social Media

17 ياشلىق بىر مۇسۇلمان قىزنىڭ تىك-توك ھېساباتى ئارقىلىق 40 سېكۇنتلۇق بىر ۋىدېيولۇق كۆرۈنۈش تارقىتىپ، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئېغىر پاجىئەلەرنى ئاڭلىتىشى كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.

فېرۇزە ئەزىز ئىسىملىك بۇ قىز «قانداق قىلىپ كىرپىكىمىزنى تېخىمۇ ئۇزۇن كۆرسىتەلەيمىز» دەپ سۆز باشلاپ، گۈزەللىككە قىزىقىدىغان قىز-ئاياللارغا قانداق قىلىپ كىرپىك قايرىش ئۇسۇلىنى ئۆگىنىۋېلىشنى تەۋسىيە قىلغان. ئۇ ئارقىدىن كىرپىك قايرىغۇچنىڭ بىر ياققا قويۇپ: «تېلېفونۇڭلاردىن پايدىلىنىپ ھازىر خىتايدا نېمىلەر بولۇۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلىڭلار،» دېگەن. ئۇ كېيىنكى 40 سېكۇنتلۇق ۋىدېيودا خىتاينىڭ مىلىيونلىغان ئۇيغۇرلارنى لاگېرلارغا سولىغانلىقى، لاگېرلاردا قىز-ئاياللارغا باسقۇنچىلىق قىلىنغانلىقى، تۇتقۇنلارغا يەنە مەجبۇرىي چوشقا گۆشى يېگۈزۈش، ھاراق ئىچكۈزۈش، تەن جازاسى قوللىنىش قاتارلىق ۋەھشىيلىكلەرنىڭ ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى قىسقا ۋە مېغىزلىق ھالدا چۈشەندۈرگەن.

17 ياشلىق مۇسۇلمان قىز فېرۇزە ئەزىزنىڭ ئۆزگىچە ئۇسۇلدا تورغا تارقاتقان بۇ قىسقا ۋىدېيوسىنىڭ كۆرۈلۈش قېتىم سانى بىر يېرىم مىليوندىن، بەھرلىگۈچىلەر 500 مىڭدىن، ئىنكاس قالدۇرغۇچىلار 600 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن.

ئۇ تىك-توك ھېساباتى ئارقىلىق ئوخشاش ئۇسۇلدا 3 قىسقا ۋېدىيو تارقاتقان بولۇپ، ئىككىنچى ئۇلانما ۋىدېيوسىدا كىرپىك قايرىش ئۇسۇلىدىن سۆز باشلاپ ئارقىدىن خىتايدا نېمە ئىشلارنىڭ بولۇۋاتقانلىقى، مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە كىشىلەرنى ئىزدىنىشكە چاقىرىدۇ. ئۇ يەنە دۇنيانى ئۇيغۇرلارنىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامىلىشىغا قاراپ تۇرماسلىققا، ئۇلارغا ياردەم بېرىشكە دەۋەت قىلىدۇ. ئۇ يەنە كۆرۈرمەنلەرنىڭ مەيلى قانچە ياش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بۇنى دۇنياغا ئاڭلىتىشقا كۈچ قاتالايدىغانلىقى ھەققىدە سۆزلەيدۇ.

ئۈچىنچى ۋىدېيودا فېرۇزە: «مىليونلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ لاگېرلىرىغا قامالغانلىقى ۋە ئۇلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇملاردىن خەۋەر تاپقان بولساق، ئەمدى نېمە قىلىشىمىز كېرەك ؟ قانداق قىلغاندا ئۇلارغا ياردەم بېرەلەيمىز؟» دەيدۇ. ئۇ يەنە ئامېرىكادا سايلام بولۇش ئالدىدا خىتايدىكى مەسىلىلەرنى، يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېرلارغا قامىلىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ھەققىدە سۆز قىلىشقا، ھەرقايسى دۆلەت ۋە ھۆكۈمەتلەرنى بۇ زۇلۇملارنى توختىتىشقا كۈچ چىقىرىشقا چاقىرىق قىلىدۇ.

بۇ ۋىدېيولار مىليونلىغان كىشىلەر تەرىپىدىن چېكىلىۋاتقان بىر مەزگىلدە، يەنى 25-نويابىر فېرۇزە ئۆزىنىڭ بىر ئايدىن بۇيان قوللىنىپ كېلىۋاتقان تىك-توك ھېساباتىنىڭ تاقالغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر قالدۇرغان. تىك-توك ئەسلىدە خىتايدىكى «دوۋيىن» ناملىق ئەپنىڭ خەلقئارالىق نۇسخىسى ھېسابلىنىدىكەن.

فېزۇزەنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە گەپ قىلغان بۇ ۋىدېيوسى قويۇلغان تىك-توك ھېساباتىنىڭ تاقىۋېتىلىشى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا مۇشۇ بىر-ئىككى كۈن ئىچىدە كۈچلۈك ئىنكاس پەيدا قىلغان.

فېرۇزانىڭ BBC، ئەل-جەزىرە قاتارلىق نوپۇزلۇق ئاخباراتلارغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ تىك-توكتىكى ھېساباتى تاقالغاندىن كېيىنمۇ ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇملارنى ئاڭلاتقان ۋىدېيوسىنىڭ تۈرلۈك ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا 27-ئىيۇنغا قەدەر كۆرۈلۈش قېتىم سانى 6 مىليون 500 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن.

ئۇنىڭ جازا لاگېرلىرىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش يولىدىكى بۇ خىل ئۆزگىچە ۋە ئىجادىي ئۇسۇلى ئۇيغۇر ياشلىرىغامۇ زور ئىلھام بولغان.

تىك-توكنىڭ باياناتچىسى ئامېرىكادىكى «بازفېد» خەۋەر تورى مۇخبىرىنىڭ فېرۇزەنىڭ ھېساباتىنىڭ تاقىلىپ قېلىشى ھەققىدە سورىغان سوئالىغا جاۋاب بەرگەن. ئۇ تىك-توكنىڭ فېرۇزەنىڭ ھېساباتىنى تاقاپ قويغانلىقىنى ئىنكار قىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ھېساباتىنى تاقاپ قويۇشقا ئىلگىرى ئۇنىڭ ئوساما بىن لادىننى يۇمۇرلاشتۇرغان بىر ۋىدېيونى كۆچۈرۈپ تارقاتقانلىقىنىڭ مۇھىم سەۋەب بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

فېرۇزە ئۆزىنىڭ خىتاينىڭ باشقۇرۇشىدىكى تىك-توكتىن ئاچقان شەخسىي ھېساباتىنىڭ «ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا كەڭ تارقالغان بىر مۇزىكىلىق يۇمۇر سەۋەبىدىن تاقالغانلىقىنى كۈلكىلىك ئىش،» دېگەن. ئەمما ئۇ ئۆزىنىڭ جازا لاگېرلىرى ھەققىدىكى ۋىدېيوسىنىڭ نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ دىققىتىنى تارتقانلىقىدىن مەمنۇن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

فېرۇزەنىڭ «بۇز فېد» مۇخبىرىغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان كىرىزىسلارنى 2018-يىلدىن باشلاپ بىلگەن بولۇپ، شۇندىن بۇيان ئۇ ئەتراپتىكى كىشىلەرگە ئاڭلىتىشقا باشلىغان ئىكەن. ئەمما ئۇ كىشىلەرنىڭ بۇ مەسىلىگە ئانچە كۆڭۈل بۆلمەيۋاتقانلىقىنى بايقاپ، تېخىمۇ تارقىلىشچان ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىش ئۈستىدە ئويلانغان ئىكەن.

ئۇ ئاخباراتلارغا قىلغان سۆزىدە ناھايىتى سەمىمىي ۋە كىچىك پېئىللىق بىلەن: «مەن پەقەتلا بۇ ئارقىلىق ئۆز كۈچۈمگە تايىنىپ، ئۇيغۇرلارغا قانچىلىك ياردەم قىلالىسام، شۇنى قىلىپ كۆرەي دېدىم،» دېگەن.

ئۆزى ئۇيغۇر بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ دەردىنى دادىللىق بىلەن يېڭى ئۇسلۇب يارىتىپ ئاڭلاتقان ۋە پەۋقۇلئاددە يۇقىرى ئىنكاس قوزغىغان بۇ قىزنىڭ ھەرىكىتى ئۇيغۇرلارنى قاتتىق تەسىرلەندۈرگەن. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ياشلىرى نۆۋەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر پاجىئەلىرىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشتا تېخىمۇ ئۆزگىچە ۋە ئۈنۈملۈك ئۇسۇللىرىنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلىشقا باشلىغان.

فېرۇزەنىڭ تىك-توك ھېساباتى ھازىرمۇ تاقاقلىق بولۇپ، ئۇ باشقا خىل تاراتقۇلاردىن پايدىلىنىپ كىشىلەرنى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە داۋاملىق چاقىرماقتىكەن.

فېرۇزە بۈگۈن ئۆزىنىڭ تىۋېتتېر ھېسابىدا مۇنداق دەپ يازغان: «تىك-توك مېنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقى ۋە دۇنيانىڭ بۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلۈش لازىملىقى ھەققىدە چاقىرىق قىلغان ۋىدېيولىرىمنى چەكلىدى. بۇ خىتاينىڭ ھەقىقەتنىڭ ئاشكارىلىنىپ كېتىشىنى توسۇۋاتقانلىقىنىڭ ئىسپاتى. دېمەك، خىتاي قورقۇۋاتىدۇ.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.