فىرانسىيە ئۇيغۇرلارنىڭ پاناھلىق ۋە پۇقرالىق مەسىلىسى ئۈستىدە باش قاتۇرماقتا

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-05-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
فىرانسىيە پايتەختى پارىژدا شى جىنپىڭغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان بىرلەشمە نامايىشتىن كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 24-مارت.
فىرانسىيە پايتەختى پارىژدا شى جىنپىڭغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان بىرلەشمە نامايىشتىن كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 24-مارت.
RFA/Erkin Tarim

فىرانسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىر قانچە ھەپتىنىڭ ئالدىدا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەرنى يىغىنغا چاقىرىپ، فرانسىيەدىكى ئۇيغۇرلار سىياسىي پاناھلىق تەلەپ قىلىش ۋە فىرانسىيە پۇقرالىقىنى ئېلىش ئىشلىرىدا دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلارنى قانداق ھەل قىلىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان. ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يىغىندا مۇتەخەسسىسلەر فرانسىيەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا پاسپورت ئۇزارتىپ بەرمەيدىغانلىقى، شۇنىڭدەك خىتاي يەرلىك ھۆكۈمەتلىرىنىڭ چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارغا ئۇلارنىڭ باشقا دۆلەت پۇقرالىقىغا ئۆتۈشى ياكى قانۇنى بىر سالاھىيەتكە ئېرىشىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان قانۇنى ھۆججەت چىقىرىپ بەرمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، فىرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىيىنچىلىقنى مۇۋاپىق ھەل قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.

بىز ئىگىلىگەن ئۇچۇردا قەيت قىلىنىشىچە، فىرانسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى يېقىنقى 2 يىل مابەينىدە ھېچقانداق بىر ئۇيغۇرنى خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرۇپ باقمىغان. ئەمما ئۇنىڭ سىياسىي پاناھلىق تەلەپ قىلىش، فىرانسىيە پۇقرالىقىنى ئېلىش مەسىلىسىدىكى قىيىنچىلىقلارنى قانداق ھەل قىلىۋاتقانلىقىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئايدىڭلاشتۇرۇشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. فىرانسىيە ئۇيغۇرلارنى خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرۇشنى قارار قىلغان بولسا، ئۇ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇشنى توختاتقان ياۋروپادىكى 3‏-دۆلەت بولۇپ قالىدۇ.

ئۆتكەن يىلى مىسىر، پاكىستان، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى جۇمھۇرىيەتلەر ئۇيغۇرلارنى خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرۇپ بېرىۋاتقان، شۇنىڭدەك تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلار پاناھلىق ئىشلىرىدا قىيىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان مەزگىلدە ياۋروپادىكى گېرمانىيە بىلەن شىۋېتسىيە ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇشنى توختىتىپ، ئۇلارغا سىياسىي پاناھلىق بېرىشنى تېزلەتكەن. شىۋېتسىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى دانىئېل گرېنفاب، ئۇيغۇر رايونىدىكى «ئاز سانلىق مىللەتكە مەنسۇپ ھەرقانداق كىشىنىڭ شىۋېتسىيەدىكى سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماسى قوبۇل قىلىنىشقا كاپالەتلىك قىلىنىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن ئىدى.

فىرانسىيەلىك ئاتاقلىق خىتايشۇناس مارىيە خولزمان خانىمنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، فىرانسىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇشنىڭ خەتىرىنى تونۇش يېتىپ، ئۇلارنى قايتۇرماسلىقنى قارار قىلغان. ئۇ 21‏-ماي كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «فرانسىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىدىن ماڭا ئوخشاش كىشىلەرنىڭ خەۋىرى بار. چۈنكى بىز ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ئاڭلىدۇق ۋە بۇ مەسىلىنى فىرانسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چۈشەندۈردۇق. ھازىر فىرانسىيە ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىگە ناھايىتى سەزگۈر قارىماقتا. چۈنكى، بىر مىليون ياكى ئىككى مىليون كىشىنىڭ شىنجاڭدا جازا لاگېرلىرىدا ئىكەنلىكى ھەممىگە ئايان بىر پاكىت. بۇنى پۈتۈن دۇنيا بىلىدۇ. شۇڭا، فىرانسىيە ھۆكۈمىتى ھېچ بولمىسا ئۇيغۇرلارنى خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرۇشقا بولمايدىغانلىقى، قايتۇرۇلسا ناھايىتى چوڭ خەتەرگە يولۇقىدىغانلىقىنى بىلدى.»

فرانسىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدە سىياسىي پاناھلىق تىلىگەنلەر ئاز سانلىق بولۇپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى ۋەزىيەتنى ئۆزگىرىشى بىلەن قېلىپ قالغانلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدۇ. فىرانسىيەنىڭ سىياسىي پاناھلىق ۋە پۇقرالىققا قوبۇل قىلىش قانۇنى رەسمىيىتى ياۋروپادىكى باشقا دۆلەتلەرگە قۇرغاندا بىرئاز پەرقلىق بولغاچقا، بۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆكۈمەتنى ئۆز شەخسىي كەچمىشىگە دائىر يېتەرلىك قانۇنى ھۆججەتلەر بىلەن تەمىنلەپ، سىياسىي پاناھلىققا ئېرىشىشىنى ياكى فىرانسىيە پۇقرالىقىغا ئۆتۈشىنى قىيىنچىلىققا ئۇچراتقان. فرانسىيەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقاتچى، فىرانسىيە ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى دوكتور دىلنۇر رېيھاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇرۇن ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي پاناھلىق ياكى فىرانسىيە پۇقرالىقىغا ئىلتىماس قىلىش نىسبىتى ناھايىتى تۆۋەن بولۇپ، بۇ ئەھۋال يېقىنقى 2 يىلدا ئۆزگەرگەن.

دىلنۇر رېيھان 21‏-ماي كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ئاۋۇ بولغانلىقى ئۈچۈن فرانسىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئېغىر قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. قەغىزىڭىز بولمىسا ئىشلىيەلمەيسىز. فرانسىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك 30‏-35 ياشلاردا بولۇپ، ھەممىسى بولمىسىمۇ، ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك 2 دىن بالىسى بار. ھەممىسىنىڭ خىزمىتى بار، ئوقۇش پۈتتەردى، دۆلەتكە باج تۆلەيدۇ. مۇتلەق كۆپچىلىكى خىتاي ۋەتەندېشى. بۇرۇن ئۇيغۇرلارنىڭ فىرانسىيە ۋەتەنداشلىقىغا ئىلتىماس قىلىش نىسبىتى تۆۋەن ئىدى. ئەمدى ئىشىكلەر تاقىلىپ، ۋەتەنگە بېرىش مۇمكىنچىلىكى بولماي، بۇ يەردە نورمال تۇرمۇش كەچۈرۈشى قىيىن بولۇۋاتقانلىقى ئۈچۈن ۋەتەنداشلىق تەلەپ قىلىشقا توغرا كەلدى.»

ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ فىرانسىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇلاردىن پۇقرالىققا ئۆتۈشتە تەلەپ قىلىنىدىغان بەزى ھۆججەتلەرنى تەلەپ قىلماسلىققا چاقىرىپ كەلگەنلىكى، بۇ تەلەپلەرنىڭ يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا يەنە ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى بىلدۈردى. دىلنۇر رەيھان مۇنداق دەيدۇ: «ۋەتەنداشلىق تەلەپ قىلىشتا بىرگە پاسپورت توشۇش كېتىپ بارىدۇ. خىتاي كونسۇلخانىسى پاسپورتنى يېڭىلاپ بەرمەيۋاتىدۇ. ئىككىنچىسى بولسا، ۋەتەندىن ئەكېلىدىغان ئاتا-ئانا ۋە ئۆزىگە ئائىت بىر قىسىم ھۆججەتلەرنى ھەرگىز ئەكىلەلمەيدۇ. مۇشۇ ئىككى سەۋەبتىن ئۇيغۇرلار يا قەغىزىنى يېڭىلىيالمايۋاتىدۇ ياكى ۋەتەنداشلىققا ئىلتىماس قىلالمايۋاتىدۇ. فىرانسىيە ھۆكۈمىتى مانا مۇشۇ ئىككىسىنى بىكار قىلىۋېتىشى كېرەك، دەپ تەلەپ قىلغىنىم مۇشۇ ئىككى نەرسە ئىدى. يەنى ماتېرىياللارنى كەڭچىلىك بىلەن بىكار قىلىدىغان، پاسپورتى توشۇپ كەتكەن بولسىمۇ ئۇنى باھانە قىلمايدىغان. ئۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق بىر ئۇيغۇرنى چېگرادىن چىقىرىۋەتمەيدىغان».

گېرمانىيە بىلەن شىۋېتسىيەنىڭ ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇشنى توختىتىشى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن بولۇپ، ئۇلار ياۋروپادىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ گېرمانىيە بىلەن شىۋېتسىيەنى ئۈلگە قىلىشىنى تەلەپ قىلغان. مەركىزى بىريۇسسېلدىكى «خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق خىزمىتى» ناملىق تەشكىلاتنىڭ تەتقىقاتچىسى ساراھ برۇكىس، ھېچقانداق ھۆكۈمەتنىڭ «ئۇيغۇرلار ھەققىدە يېتەرلىك ئۇچۇر يوق، دېگەن سەۋەب بىلەن بۇ مەسىلىنى جىددىي مۇزاكىرە قىلماسلىققا ھېچقانداق سەۋەب قالمىدى» دېگەنىدى.

فىرانسىيەلىك خىتايشۇناس مارىيە خولزمان خانىم، ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئالاھىدە مۇئامىلە قىلىپ، ئۇيغۇرلاردىن يۇقىرىقى ماتېرىياللارنى تەلەپ قىلماسلىقى «مۈشكۈل بىر قانۇنىي» مەسىلە ئىكەنلىكىنى، لېكىن ھازىر ھۆكۈمەتنىڭ بۇنى ھەل قىلىشقا تالىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. مارىيە خولزمان مۇنداق دەيدۇ: «فىرانسىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلاردىن نېمىشقا سىياسىي پاناھلىق تىلىمەيدىغانلىقى، ئەگەر سىياسىي پاناھلىق تىلىسە بۇ مەسىلە ھەل بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ كەلدى. لېكىن ئۇيغۇرلار ‹ئەگەر بىز سىياسىي پاناھلىق تىلىسەك بۇ ئۇزۇن جەريان، ئۇنىڭغا بىر يىل ياكى ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇن ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن. بىزنىڭ فىرانسىيەدە مۇتلەق كۆپچىلىكىمىزنىڭ خىزمىتى بار. ئەگەر بىزنىڭ قانۇنلۇق قەغىزىمىز بولمىسا بىز ئىشلىيەلمەيمىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزنىڭ ئائىلىمىز بار. ئەگەر بىز سىياسىي پاناھلىق تىلىسەك بىز ئۈچۈن بەك مۇرەككەپلىشىپ كېتىدۇ›دەپ كەلدى. ھازىر فىرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىسىدىن خەۋەر تاپتى. بۇ مۈشكۈل بىر قانۇنى مەسىلە بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارغا ياردەم قىلىپ، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا تىرىشماقتا. چۈنكى، قانۇنىي نۇقتىدىن ئالغاندا سىزگە ئالاھىدە مۇئامىلە قىلىپ، بەزى ماتېرىياللارنى تەلەپ قىلماسلىقى قانۇنلۇق پاسپورتى بار سۈرىيەلىك، ئىراقلىق، مىسىرلىقدا ‹نېمىشقا ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنلۇق پاسپورتى بولمىسىمۇ بولىدۇ› دېگەن نارازىلىقنى پەيدا قىلىدۇ. ھېچبولمىسا ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىگە قارىتا بىر چۈشەنچە پەيدا بولدى.»

فىرانسىيە ھازىرغا قەدەر خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىزچىل تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلدى. ئۇلار فىرانسىيە ھۆكۈمىتىنى خىتايدىكى ئومۇمىي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىدە دادىل بولمىدى، دەپ ئەيىبلىنىپ كەلگەن. خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بۇ يىل 3‏-ئايدا فىرانسىيەنى زىيارەت قىلغاندا كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى بايانات ئېلان قىلىپ، فىرانسىيە پرېزىدېنتى ماكروننىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇشىنى تەلەپ قىلغان. لېكىن زىيارەت جەريانىدىكى ئىپادىسى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى ئۈمىدسىزلەندۈرگەنىدى.

تولۇق بەت