فرانسىيەدە «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى ئېتىراپ قىلىش بويىچە ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئۇيغۇرئاي
2021.12.17
firansiyede-uyghur-mesilisi-1.jpg

فىرانسىيە پارلامېنتىنىڭ يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىش قارار لايىھەسى» توغرىسىدا ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا، «فىرانسىيە ئۇيغۇر بىرلىكى» ۋە «ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى» ۋەكىللىرى شۇنداقلا لاگېر شاھىتلىرىدىن گۈلباھار جېلىلىۋا، گۈلباھار خاتىۋاجى. 2021-يىلى 15-دېكابىر.

firansiyede-uyghur-mesilisi-2.jpg

فىرانسىيە پارلامېنتىنىڭ يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىش قارار لايىھەسى» توغرىسىدا ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2021-يىلى 15-دېكابىر.

firansiyede-uyghur-mesilisi-3.jpg

firansiyede-uyghur-mesilisi-4.jpg

«ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» مەسىلىسى ياۋروپادىكى بىر قانچە دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنتلىرى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغاندىن كېيىن، مەزكۇر قىرغىنچىلىقىنى فراسىيەدىمۇ ئېتىراپ قىلغۇزۇش ئىشلىرىنىڭ جىددىي قانات يېيىۋاتقانلىقى مەلۇم. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن 15-دېكابىر فرانسىيە پارلامېنتىنىڭ يىغىن زالىدا «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىش قارار لايىھەسى» توغرىسىدا ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن.

بۇ يىغىنغا «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى ئېتىراپ قىلىشتا كۈچ چىقارغان ياۋروپادىكى بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا، «فرانسىيە ئۇيغۇر بىرلىكى» ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەكىللىرى، فرانسىيەدە تۇرۇشلۇق لاگېر شاھىدلىرىدىن گۈلباھار جېلىلىۋا، گۈلباھار ھېيتىۋاجى، شۇنداقلا بىر قىسىم ژۇرنالىستلار قاتناشقان.

گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنى ناھايىتى قىزغىن شەكىلدە داۋاملاشقان بولۇپ، لاگېر شاھىتلىرى ئۆزلىرىنىڭ خىتاي جازا لاگېرلىرىدا كۆرگەن-بىلگەنلىرىنى ئاڭلىتىپ، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن.

بۇ يىغىنغا يەنە ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى رافائېل گلۈكسىمان، لىتۋا پارلامېنىتىنىڭ ئەزاسى دۇۋېلى خانىم، كانادالىق پروفېسسور جون پاركېر قاتارلىقلار تور ئارقىلىق قاتناشقان ۋە سۆز قىلغان.

فرانسىيە سوتسىيال پارتىيەسىنىڭ باش ۋەكىلى ئولىۋىيى فوغ ئەپەندى، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى فىرانسىيەدە ئېتىراپ قىلغۇزۇش ھەرىكىتى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىپ كېلىۋاتقان پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ بىرىدۇر.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىنىڭ باشلىقى دىلنۇر خانىم، فرانسىيە پارلامېنتىدا «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى ئېتىراپ قىلدۇرۇشتا كەلگۈسىدىكى ئىككى ھەپتىدە فرانسىيە خەلقى ۋە فرانسىيە ياشلىرىنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە دۆلەت مەجىلىسىدىن باشقا، كانادا، ئەنگلىيە، گوللاندىيە، بېلگىيە، لتۋا، ئاۋسترىيە پارلامېنتلىرى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان باستۇرۇش ھەرىكىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلغان ئىدى.

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يۈز بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئەيىبلەشتە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇپ كېلىۋاتقان فرانسىيەنىڭ ھازىرغىچە «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى ئېتىراپ قىلىش مەسىلىسىدە بىرەر قارار چىقارماسلىقى، ھەر ساھەنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.

فرانسىيەدىكى لاگېر شاھىتى گۈلباھار ھېيتىۋاجى بۇ قېتىملىق فرانسىيە پارلامېنىتىدىكى ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا ئۆز بېشىدىن ئۈتكەن ۋەقەلەرنى سۆزلەپ، گۇۋاھلىق بەرگەن. ئۇ رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ فىرانسىيە ھۆكۈمىتىگە ئۈچ تۈرلۈك تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىگىلىشىمىزچە، «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىش قارار لايىھەسى» 20-يانۋار فرانسىيە پارلامېنتىدا ئاۋازغا قۇيۇلىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.