فىرقەت جەۋدەت: «ئاپام ۋە پۈتۈن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئاۋاز چىقىرىمەن، خىتايدىن قورقىدىغان يېرىم قالمىدى»

مۇخبىرىمىز سادا
2019-05-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئامېرىكىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيون ئەپەندى ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىدىن فىرقەت جاۋدەت ئەپەندىنى قىزغىن كۈتۈۋالدى. 2019-يىلى 26-مارت، ۋاشىنگتون.
ئامېرىكىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيون ئەپەندى ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىدىن فىرقەت جاۋدەت ئەپەندىنى قىزغىن كۈتۈۋالدى. 2019-يىلى 26-مارت، ۋاشىنگتون.
Photo: RFA

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدا ئاتالمىش «قايتا تەربىيە» لاگېرلىرىنى بەرپا قىلغاندىن بۇيان رايوندىكى مىليونلىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك مىللەتلەر بۇ خىلدىكى لاگېرنىڭ قۇربانلىرىغا ئايلانماقتا.

گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى رايوندىكى بۇ ۋەزىيەتنى ئىزچىل تاشقى دۇنيادىن يوشۇرۇپ، ئۇنى ئاتالمىش «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش»، «تېررورلۇقنىڭ ئالدىنى ئېلىش» ۋە «رايوننىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش» دەپ تەشۋىق قىلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېردىكى ئاتا-ئانىسى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ھەققىدە بەرگەن گۇۋاھلىقلىرى بۇ جايلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى دەۋاتقىنىدىن تولىمۇ پەرقلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە.

2011-يىلى 1-ئايدا ئىنى-سىڭىللىرى بىلەن ئامېرىكاغا كەلگەن، نۆۋەتتە ۋاشىنگتون شەھىرى ئەتراپىدا ياشاۋاتقان فىرقەت جەۋدەت ئۇيغۇر دىيارىدا قەپ قالغان، كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ئاپىسىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى ئامېرىكادىكى داڭلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق تاشقى دۇنياغا ئاشكارىلىدى.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن مۇخبىرىمىز سادانىڭ فىرقەت جەۋدەت بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت