خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ گېنى ھەققىدىكى تەتقىقات ماقالىسى شىۋېتسارىيەدە بىكار قىلىنغان

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2020-08-13
Share
gene-gin-tetqiqat.jpg خىتاي پەنلەر ئاكادېمىيىسى گېنولوگىيە ۋە تەرەققىيات بىئولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتى تەجرىبىخانىسىدا گېن تەتقىقات ئەۋرىشكىسى. 2012-يىلى 26-ئاپرېل.
Reuters

«خەلقئارا قانۇنىي تېبابەت ژۇرنىلى» خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ گېنى ھەققىدە يازغان تەتقىقات ماقالىسىنى بىكار قىلغان.

«جەنۇبىي گېرمانىيە گېزىتى» 11-ئاۋغۇست «ئۇيغۇرلارنىڭ گېنى توغرىسىدىكى ئەسەر قايتۇرۇۋېتىلدى» ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلدى. ماقالە «خىتايدا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ گېنىتىكىلىق مەلۇماتلىرى توپلانماقتا ۋە بۇ مەلۇماتلار ئۇلارغا قارشى قوللىنىلماقتا. بىر ئەسەر ئەخلاقىي ئەندىشە سەۋەبىدىن بىكار قىلىندى» دېگەن جۈملە بىلەن باشلانغان.

ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، يى يې قاتارلىق بىر بۆلۈك خىتاي «ئاپتورلار» شىۋېتسارىيەدە ئىنگلىز تىلىدا نەشردىن چىقىدىغان «خەلقئارا قانۇنىي تېبابەت ژۇرنىلى» غا ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ گېنېتىكىلىق ئالاھىدىلىكلىرىنى تەتقىق قىلىپ يازغان بىر پارچە ئەسەرنى ئەۋەتكەن. ژۇرنال تەھرىرات ھەيئىتى بۇ خىتايلاردىن ئەسەرنىڭ ئەخلاقىي تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەن-ئۆتمىگەنلىكىنى سورىغاندا، بۇ خىتايلاردىن ئىككىسى ئۆتمىگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان. بۇنىڭ بىلەن ئەسەرنى «ئەخلاقىي ئۆلچەمگە ئۇيغۇن ئەمەس» دەپ قايتۇرۇۋەتكەن ۋە بۇ خىتايلارنىڭ باشقا 24 پارچە ئەسىرىنى قايتىدىن تەكشۈرۈشكە باشلىغان. ئەمما ماقالىدە بۇ ئەسەرنىڭ تەپسىلىي مەزمۇنىدىن مەلۇمات بەرمىگەن.

ماقالىدا خىتاينىڭ گېن تەتقىقاتىنى تېبابەت ساھەسىدە پايدىلىنىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنىڭ يالغانلىقى، بۇ گېنىتىكىلىق مەلۇماتلاردىن خىتاي ئارمىيەسى، ئەدلىيە ئورگانلىرى ۋە ساقچىلىرىنىڭ كەڭ-كۇشادە پايدىلىنىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئۇيغۇرلار، قازاقلار، تىبەتلەرنىڭ گېنىتىكىلىق مەلۇماتلىرىنىڭ توپلىنىشى ۋە تەتقىق قىلىنىشىغا قارىتا بېلگىيەدىكى كاتولىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ گېن تەتقىقاتچىسى يۋەس مورېياۋ (Yves Moreau) نىڭ «خىتاينىڭ رېجىمى ئاستىدىكى بۇ خەلقلەرنىڭ گېنىتىكىلىق ئۇچۇرلىرىنىڭ توپلىنىشى ئىنتايىن خەتەرلىك ئەھۋال» دېگەن سۆزىگە ئورۇن بېرىلگەن.

ماقالىدا خىتاينىڭ گېنىتىكىلىق ئۇچۇرلارنى ئۇيغۇر قاتارلىق ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ چىرايىنى تونۇش، ھەرىكەتلىرىنى نازارەت قىلىش، باشقا مىللەتلەردىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن قوللىنىۋاتقانلىقى، ئەگەر بىر كىشىنى كۆزەتسە، ئۇنىڭغا دائىر بارلىق شەخسىي ئۇچۇرلارنى تاپقىلى بولىدىغانلىقى، ھەتتا بۇ كۆزىتىلگەن كىشىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، ئۇلارنىڭ مال-مۈلكىگە دائىر پۈتكۈل مەلۇماتلارغا ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقى، گېن تەتقىقاتىنى بۇنداق خۇسۇسىي، مىللىي غەرەزگە خىزمەت قىلدۇرۇشنىڭ ئېغىر ئەخلاقسىزلىق سانىلىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. ميۇنخېندىكى گېن تەتقىقاتچىسى تىل ئاندىلاۋەر (Till Andlauer) خىتاينىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەر ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان يامان غەرەزلىك گېن تەتقىقاتىنى ئەيىبلەپ: «ئالدى بىلەن بۇ گېنىتىكىلىق تەتقىقاتنىڭ ئەخلاق ۋە ئادالەت مەۋجۇت بولمىغان بىر جايدا ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى نەزەردە تۇتۇش لازىم،» دېگەن.

گېرمانىيەدىكى فرايبۇرگ كولىج ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئالىمى ۋېرونىكا لىپخارد (Veronika Lipphardt) ئۇيغۇر قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۈستىدىن توپلانغان گېنىتىكىلىق ئۇچۇرلارنىڭ ھېچقانداق رازىلىقسىز يىغىلغانلىقىنى، بۇ ئۇچۇرلارنىڭ ئەدلىيە ۋە ساقچى تەرەپنىڭ ئۇلارغا ھەرقانداق چاغدا خالىغانچە زەربە بېرىشى ئۈچۈن دەسمايە بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «گېنىتىكىلىق نازارەت داۋاملىق يوشۇرۇن خاتالىقلاردىن خالىي بولالمايدۇ. سىز ھېچبىر گۇناھسىز ھەم سەۋەبسىزلا زەربە بېرىش ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن» دەيدۇ.

خىتاينىڭ گېن تەتقىقاتىنى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا قورال قىلغانلىقىنى ئەيىبلىگەن ھەمدە خىتاينىڭ گېنىتىكىلىق مەلۇماتلىرىدىن پايدىلىنىشنى توختىتىش چاقىرىقىدا بولغان ميۇنخېن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ روھىي كېسەللىكلەر گېنېتىكىسى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مەسئۇلى، خەلقئارا روھىي كېسەللىكلەر گېنېتىكىسى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى توماس شۇلزې (Thomas Schulze) مۇنداق دېگەن: «خىتايدا توپلانغان ۋە ئىشلىتىلىۋاتقان گېنېتىكىلىق ئۇچۇرلارنىڭ ياۋروپانىڭ ئەخلاق ئۆلچىمىگە ئۇيغۇنلۇقىدىن گۇمانلىنىشقا بولىدۇ. گېن تەتقىقاتى ھېچقاچان ئەخلاقىي سوئالدىن ئايرىلالمايدۇ.»

ماقالىدە خىتاي گېن تەتقىقاتچىسى يى يېنىڭ خىتاي ساقچىلىرى، ئەسكەرلىرى ۋە ئەدلىيە خادىملىرى بىلەن ھەمكارلىقى بولغان بىر ئادەم ئىكەنلىكىنىڭ ئالاھىدە دىققەتنى تارتىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنىدۇ. ئۇنىڭ ماقالىسىدە ساقچىلارنىڭمۇ ئورۇن ئالغانلىقى، ئۇنىڭ پىكرىگە بىنائەن ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرنىڭ خىتاي پۇقرالىرىغا قارىغاندا تەكشۈرۈلۈش نىسبىتىنىڭ 30-40 ھەسسە يۇقىرى ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.

ماقالىنىڭ ئاخىرىدا فرايبۇرگ كولىج ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئالىمى ۋېرونىكا لىپخاردنىڭ خىتايلارنىڭ بۇنداق ماقالىلىرىنى قايتۇرۇۋېتىش بىلەنلا چەكلىنىپ قېلىشقا بولمايدىغانلىقنى، بەلكى خىتاينىڭ ساقچى دائىرىلىرى ئىشلەتكەن بولۇش ئېھتىمالىغا ئىگە گېن تەتقىقاتىغا ئائىت بارلىق مەلۇماتلىرىنى خەلقئارا ئۇچۇر ئامبىرىدىن ئۆچۈرۈۋېتىش كېرەكلىكىنى، كەسپىي ژۇرناللار بۇنداق ماقالىلەرنى تاپشۇرۇۋالغاندا، بۇ گېنېتىكىلىق تەتقىقاتلارنىڭ خەلققە قانداق ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى جىددىي نەزەردە تۇتۇشى لازىملىقىنى تەكىتلىگەنلىكى ئەسكەرتىلىدۇ.

بۇ ھەقتىكى مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، «ئۇيغۇر، قازاق، تۇڭگانلارنىڭ گېنېتىكىلىق ئالاھىدىلىكلىرى» ناملىق بۇ ئەسەرنى 7 نەپەر خىتاي «ئاپتور» لىرى بىرلىشىپ يازغان بولۇپ، 2019-يىلى «خەلقئارا قانۇنىي تېبابەت ژۇرنىلى» غا ئەۋەتكەن. بۇ 7 نەپەر خىتاي ئاپتورنىڭ گاڭ ساۋ، شۆ جۈنسۈي، چېن چېنتيەن ئاتلىق 3 نەپىرىنىڭ قاراماي شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ خادىملىرى ئىكەنلىكى كېيىن ئاشكارىلانغان. ماقالىدە يېزىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2019-يىلى ئۆكتەبىردە بۇ خىتايلارنى «كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش، خورلاش ۋە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ باستۇرۇش سىياسىتىگە شېرىك بولۇش» بىلەن ئەيىبلىگەن ئىكەن.

گېرمانىيەنىڭ كارلسرۇخې شەھىرىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئەنۋەر ئەھمەت ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا خىتاينىڭ گېن تەتقىقاتىنى ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىش ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى ئېلىپ سېتىش ئۈچۈنمۇ ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

گېرمانىيەنىڭ ستۇتگارت شەھىرىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇشۈكۈر ھاجىممۇ بۇ ھەقتە قاراشلىرىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.