گېرمان ياشلىرى ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىنىپ خىتايغا قارشى نامايىش ئېلىپ باردى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2021.04.05
گېرمان ياشلىرى ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىنىپ خىتايغا قارشى نامايىش ئېلىپ باردى گېرمان ياشلىرى «ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداش بىرلەشمىسى» قۇرۇپ، خىتايغا قارشى ئېلىپ بارغان نامايىشىدىن كۆرۈنۈش. 2021-يىلى 3-ئاپرېل.
RFA/Ekrem

گېرمان ياشلىرى «ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداش بىرلەشمىسى» قۇرۇپ، خىتايغا قارشى نامايىش ئېلىپ باردى.

3-ئاپرېل گېرمانىيەنىڭ ئىنگولشىتات شەھىرىدىكى گېرمان ياشلىرى ئۆزلۈكىدىن قوزغىلىپ «ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداش بىرلەشمىسى» نى قۇرۇپ، «ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان ھاكىمىيەت بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى توختىتىڭلار!» دېگەن شوئار ئاستىدا نامايىش ئېلىپ بارغان. بۇ نامايىشنى مەركىزىي ميۇنخېن شەھىرىدە بولغان د ئۇ ق مۇ قوللىغان ۋە نامايىشتىن ئىلگىرى د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى نۇتۇق سۆزلەپ، گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى بۇ قېتىمقى نامايىشقا گېرمانلار بىلەن بىرلىكتە ئىشتىراك قىلىشقا سەپەرۋەر قىلغان.

گېرمان ياشلىرى «ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداش بىرلەشمىسى» قۇرۇپ، خىتايغا قارشى ئېلىپ بارغان نامايىشىدىن كۆرۈنۈش. 2021-يىلى 3-ئاپرېل.

نامايىشتا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى قاتتىق ئەيىبلىنىش بىلەن بىرگە، ئىنگولشىتات شەھىرىدىكى «كۇڭزى ئىنستىتۇتى» نى تاقاشمۇ تەلەپ قىلىنغان. «ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداش بىرلەشمىسى» نىڭ مە´ئۇللىرى نامايىش مەيدانىدا نۇتۇقلار سۆزلەپ، خىتاينىڭ ئىنسانىيەتسىز جىنايەتلىرىگە بولغان غەزەپلىرىنى ۋە ئۇيغۇرلارغا بولغان ھېسداشلىقلىرىنى نامايان قىلىشقان.

نامايىشقا گېرمان ياشلىرىدىن سىرت، گېرمانىيەنىڭ ئىنگولشىتات شەھىرىدىكى بەزى ھۆكۈمەت ئەربابلىرى، تۈرك تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەزالىرى ۋە گېرمانىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلار بولۇپ 200 گە يېقىن كىشى قاتناشقان. د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى نامايىش مەيدانىدا سۆزلىگەن نۇتقىدا ھەرساھە نامايىش ئىشتىراكچىلىرىغا رەھمەتلىرىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، ئۆزلۈكىدىن قوزغىلىپ بۇ نامايىشنى تەشكىللىگەن «ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداش بىرلەشمىسى» دىكى گېرمان ياشلىرىغا ئالاھىدە تەشەككۈرلىرىنى بىلدۈرگەن.

بۇ قېتىمقى نامايىشقا ئىشتىراك قىلغان مەركىزى ميۇنخېن شەھىرىدىكى «گېرمانىيە ئۇيغۇر مەدەنىيەت-مائارىپ بىرلىكى» نىڭ رەئىسى ھەلىمە خانىم بۇ خۇسۇستا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، بۇ نامايىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ خىتايغا بولغان غەزەپ-نەپرەتلىرىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

نامايىش مەيدانىنى خىتاينىڭ تۈرمىلىرىگە ياكى جازا لاگېرلىرىغا قامالغان يۈزلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سۈرەتلىرى بېسىلغان چوڭ لوزۇنكىلار، ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلار قاپلىغان. «ئىرقىي قىرغىنچىلىق توختىتالىسۇن»، «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك»، «خىتايلار ۋەتىنىمىزدىن چىقىپ كەتسۇن» دېگەندەك شوئارلار توۋلانغان. نامايىشقا ئىشتىراك قىلغان د ئۇ ق فوندىنىڭ رەئىسى ئابدۇجېلىل ئەمەت ئەپەندىمۇ بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ تەسىرلىك ئۆتكەنلىكىنى بايان قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.