گېرمانىيە پارلامېنت ئەزاسى گۇدە يېنسېننىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى نۇتقى تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2020.01.22
Germanye-Parlamenti-insan-heqleri-komititin-reisi-Gyde-Jensen-esqerjan.jpg گېرمانىيە پارلامېنتى ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسى گۇدە يېنسېن خانىم ئەسقەرجان ئەپەندى بىلەن نامايىشتا. 2020-يىلى 19-يانۋار، بېرلىن.
RFA/Ekrem

گېرمانىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى گۇيدې يېنسېننىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللاپ نامايىشقا قاتنىشىشى ھەرقايسى مەتبۇئاتلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

12-يانۋار ۋە 18-يانۋار گېرمانىيەنىڭ ھامبۇرگ شەھىرىدە خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى سىياسىتىگە، ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇملىرىغا قارشى زور كۆلەملىك نامايىشلار ئېلىپ بېرىلغان ئىدى. 19-يانۋار كۈنى گېرمانىيە پايتەختى بېرلىندا يەنە بىر قېتىم كۆلىمى زور بولغان بىر نامايىش ئېلىپ بېرىلغان. بۇ نامايىشنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى گېرمانىيەدىكى خوڭكوڭ، تەيۋەن، تىبەت تەشكىلاتلىرى بىرلىكتە تەشكىللىگەن. نامايىشقا بېرلىندىكى مىڭلىغان تۈركلەر ۋە بىر قىسىم يەرلىك گېرمانلارمۇ ئىشتىراك قىلدى.

بۇ نامايىشقا د ئۇ ق نىڭ تەكلىپى بىلەن گېرمانىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى، پارلامېنت «كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى كومىتېتى» نىڭ رەئىسى گۇدە يېنسېن خانىممۇ قاتناشقان بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرىغا ھەمدە خىتاينىڭ خوڭكوڭدىكى بېسىم سىياسىتىگە قارشى نۇتۇق سۆزلىگەن، تەيۋەننى قوللاشنى تەكىتلىگەن. ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار، تەيۋەنلىكلەر ۋە خوڭكوڭلۇقلارنىڭ بىرلەشمە نامايىشىنى قوللىشى ھەمدە نامايىش مەيدانىدا نۇتۇق سۆزلەپ خىتاينىڭ زۇلۇم سىياسىتىنى ئەيىبلىشى گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلغان.

گېرمانىيە پايتەختى بېرلىندا نەشردىن چىقىدىغان «كۈندىلىك خەۋەرلەر» گېزىتى دۈشەنبە كۈنى «كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسى زۇلۇم چېكىۋاتقان ئۇيغۇرلار تەرەپتە تۇردى» ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلدى. ماقالىنىڭ مۇقەددىمىسى «گېرمانىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى كومىتېتىنىڭ رەئىسى گۇدە يېنسېن ھۆكۈمەتنى خىتاينىڭ زۇلۇمىغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىشكە چاقىردى،» دېگەن سۆز بىلەن باشلانغان.

ماقالىدا گۇدە يېنسېن خانىمنىڭ 19-دېكابىر بېرلىندىكى نامايىشتا سۆزلىگەن نۇتقىدىكى «گېرمانىيە ھۆكۈمىتى 9-ئايدا لايپزىك شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ‹ياۋروپا-خىتاي ئالىي دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشى› يىغىنىدىكى كېلىشىمنىڭ غول تېمىسى ئىچىگە خىتاي زۇلۇمىغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى مۇھىمنىڭ مۇھىمى قىلىپ كىرگۈزۈشى كېرەك،» دېگەن سۆزى نەقىل ئېلىنغان.

گۇدە يېنسېن خانىم سۆزىدە يەنە «بىز گېرمانىيە فېدېرال جۇمھۇرىيىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن باشقا دۆلەتلەردىكى ئىنسانلارنىڭ ئېتىقادىنىڭ چەكلىنىشىگە، سىستېمىلىق زۇلۇمغا ئۇچرىشىغا، ئاىلە-جەمەتلىرىنىڭ بىر-بىرىدىن ئايرىۋېتىلىشلىرىگە سۈكۈت ئىچىدە قاراپ تۇرماسلىقىمىز لازىم. خىتاي يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى دەرھال تاقىشى كېرەك،» دېگەن.

د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى گۇدە يېنسېن خانىمنىڭ بېرلىندىكى نامايىشتا ئۇيغۇرلار قوللاپ نۇتۇق سۆزلىشى ۋە خىتايدىن جازا لاگېرلىرىنى دەرھال تاقاشنى تەلەپ قىلىشى توغرىسىدا ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

گۇدە يېنسېن خانىم سۆزىدە تەيۋەن مەسىلىسى ھەققىدىمۇ توختالغان بولۇپ، ئۇ گېرمانىيە ھۆكۈمىتىدىن تەيۋەننى يېتەرلىك دەرىجىدە قوللاشنى تەلەپ قىلغان ۋە تەيۋەننىڭ يېڭى پرېزىدېنتلىق سايلىمىنى تىلغا ئېلىپ، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ پرېزىدېنت سەي يىڭۋېننى رەسمىي شەكىلدە تەبرىكلىشىنى ئۈمىد قىلغان.

بېرلىندىكى نامايىشقا قاتناشقان د ئۇ ق نىڭ ياۋروپاغا مەسئۇل ۋەكىلى، ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ئەسقەرجان ئەپەندى گۇدە يېنسېن خانىمنىڭ نامايىش مەيدانىدا ئوتتۇرىغا قويغان پىكىرلىرىنىڭ گېرمانىيە پارلامېنتىنىڭ ئاۋازىغا ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

گېرمانچە نەشردىن چىقىدىغان «بۈيۈك ئەسىر» تورىمۇ دۈشەنبە كۈنى بۇ ھەقتە بىر خەۋەر ئېلان قىلدى. «خىتاي دىكتاتورىغا جازا: بېرلىندىكى ئۇيغۇرلار ۋە خوڭكوڭلۇقلارنىڭ دېموكراتىيەسىنى قوللىغۇچى» ناملىق بۇ خەۋەردە گۇدە يېنسېننىڭ ئۇيغۇرلارنى، خوڭكوڭلۇقلارنى، تەيۋەنلىكلەرنى، تىبەتلىكلەرنى قوللاپ خىتايغا زەربە بەرگەنلىكى، خىتايدىن جازا لاگېرلىرىنى دەرھال تاقاشنى تەلەپ قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ميۇنخېندىكى ئۇيغۇر جامائەت ئەربابى ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ بەكرەك دىققىتىنى تارتقان نەرسە، 12-، 18-، 19-يانۋار كۈنلىرى ھامبۇرگ ۋە بېرلىندا ئېلىپ بېرىلغان زور كۆلەملىك نامايىشلاردا نامايىشچىلار كۆتۈرۈۋالغان ۋىۋىسكىلارغا يېزىلغان شوئارلار بولغان. بۇ شوئارلارنىڭ بىرى «خىتاي ماللىرىغا بايقۇت!»، ئىككىنچىسى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق توختىتىلسۇن!»، ئۈچىنچىسى «جازا لاگېرلىرى دەرھال تاقالسۇن!» قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولغان ۋە بۇ شوئارلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاستىغا «Made in China» دېگەن خەت يېزىلغان.

گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ شوئارلارنى كۆتۈرۈپ نامايىش قىلغۇچىلار بىۋاسىتە خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلار ئەمەس، بەلكى چەتئەللەردىكى خىتاي بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىسى بولمىغان تۈركلەر، ئەرەبلەر، گېرمانلار، خوڭكوڭلۇقلار، تىبەتلەر، تەيۋەنلىكلەر ھەمدە كۆپلىگەن باشقا مىللەتلەرنىڭ گېرمانىيەدىكى پۇقرالىرى ئىكەن. غەرب ئەللىرىدىكى ھەر خىل مىللەت كىشىلىرىنىڭ خىتايغا قارشى بۇ قەدەر نەپرەتلەردە بولۇشى خىتاي دۆلىتىنىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىنى ئېغىر دەرىجىدە زىدىلەيدىكەن. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ دۇنياۋى جىددىي مەسىلىگە ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.