گېرمانىيە ۋە نورۋېگىيەلەردە خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2020-10-01
Share

گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى بىلەن نورۋېگىيە پايتەختى ئوسلودىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن 1-ئۆكتەبىر كۈنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار مەركەزلىشىپ ئولتۇراقلاشقان شەھەرلەردە خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ ۋە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ كوممۇنىست خىتاي تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغانلىقىنىڭ 71 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتايغا قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىشلار ئۆتكۈزۈلگەن. جۈملىدىن گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىمۇ خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش ئېلىپ بېرىلغان. نامايىش شەرقىي تۈركىستانىڭ ئىستىقلال مارشى بىلەن باشلانغان.

نامايىشقا ميۇنخېن ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى شەھەرلەردىن كەلگەن كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلار ئىشتىراك قىلغاندىن سىرت، باۋارىيە پارلامېنتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن ماركۇس رېندىباچەر ئەپەندى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، شۇنداقلا بىرقىسىم تىبەتلىكلەر، خوڭكوڭلۇقلار، تەيۋەنلىكلەر ۋە جەنۇبىي موڭغۇلىيەلىكلەرمۇ قاتناشقان.

نامايىش مۇقەددىمىسىدە د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى نۇتۇق سۆزلەپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئېغىر زۇلۇم سىياسىتىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن. باۋارىيە پارلامېنتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن ماركۇس رېندىباچەر ئەپەندى سۆزىدە ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت جەھەتلەردىن، بەلكى ئۇيغۇر بولغانلىقى سەۋەبلىكلا ئىرقىي جەھەتتىن قىرغىن قىلىنىۋاتقانلىقىنى، دۇنيانىڭ بۇ ئادالەتسىزلىككە سۈكۈت قىلماسلىقى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

«ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ئەسقەرجان ئەپەندى ئۇيغۇرچە ۋە گېرمانچە تىللاردا نۇتۇق سۆزلەپ، نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۇچراۋاتقان ئېغىر زۇلۇم توغرىسىدا ئەتراپلىق مەلۇمات بەرگەن. نامايىشقا ئىشتىراك قىلغان د ئۇ ق نىڭ رەئىس ۋەكىلى، «شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى بۇ قېتىمقى نامايىش توغرىسىدا ئۆز تەسىراتلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

1-ئۆكتەبىر كۈنى يەنە نورۋېگىيەنىڭ ئوسلو شەھىرىدىكى خىتاي باش ئەلچىخانىسى ئالدىدىمۇ نامايىش ئېلىپ بېرىلغان. نامايىشقا نورۋېگىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇر جامائىتى قاتناشقان. نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى، «ئۇيغۇر ئەدلىيەسى ئارخىپ ئامبىرى» نىڭ مەسئۇلى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ ناھايىتى جانلىق كەيپىياتتا داۋام قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.