ميۇنخېندىكى ئۇيغۇرلار روزى ھېيت نامىزىنى بىرگە ئوقۇدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2020.05.25
myunxen-namaz.jpg ميۇنخېندىكى ئۇيغۇرلار ھەر يىلقىغا ئوخشىمايدىغان شەكىلدە بۇ يىلقى روزا ھېيت نامىزىنى مەلۇم باغچىدا ئوقۇدى. 2020-يىلى 24-ماي، گېرمانىيە.
RFA/Erkin Tarim

ھەر يىلقىغا ئوخشىمايدىغان شەكىلدە، ميۇنخېندىكى ئۇيغۇرلار بۇ يىلقى روزى ھېيت نامىزىنى 24-ماي كۈنى بىر باغچىدا ئوقۇدى. ئۇلار نامازدىن كېيىن، بىر-بىرى بىلەن ئارىلىق قويۇپ تۇرۇپ سالام بېرىشىپ ھېيتلاشتى، قازا قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ قەبرىسىنى يوقلاپ ئۇلارنىڭ ۋە شېھىتلارنىڭ روھىغا دۇئا قىلىشتى.

كورونا ۋىرۇسى خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدە پەيدا بولغاندىن كېيىنكى 6 ئىچىدە 184 دۆلەتكە يامراپ 350 مىڭ ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولۇپ، 5 يېرىم مىليون ئىنسانغا يۇققان بۈگۈنكى كۈندە دۇنيانىڭ نۇرغۇن دۆلەتلىرىدە ئىبادەتخانىلار تاقىلىپ ئادەملەر ئۆيلىرىدىن چىقالماي ياشاشقا مەجبۇر بولماقتا. بۇنداق بىر پەيتتە مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ھېيتلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدىغان روزى ھېيت يېتىپ كەلدى. 24-ماي كۈنى دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلار ھېيت نامىزىنى ئۆيىدە ئوقۇپ، ئىبادەتلىرىنى بەجا كەلتۈرەلمىگەن بولسىمۇ، گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار ھېيت نامىزىنى جامائەت بولۇپ ئوقۇپ، قازا قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ قەبرىسىنى يوقلىغان. ئۇلار ئۆزئارا ھېيتلىشالمىغان بولسىمۇ تېخنولوگىيە ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ سىن كۆرۈنۈشلەرنى تارتىپ دوست-بۇرادەرلىرىگە ئەۋەتىپ خۇشاللىقلىرىنى ئورتاقلاشقان. بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مەركىزى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە تۇرۇشلۇق دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئالدى بىلەن ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ھېيتىنى تەبرىكلىگەندىن كېيىن گېرمانىيەنىڭ كورونا ۋىرۇسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىدىن پايدىلىنىپ، 3 ئايدىن بۇيان دىدار كۆرۈشەلمىگەن ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ بىر يەرگە جەم بولۇپ ھېيت نامىزى ئوقۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولغانلىقىنى بايان قىلدى.

گېرمانىيە كورونا ۋىرۇسىغا قارشى كۈرەشتە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان دۆلەتلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. گېرمانىيە ياۋروپادا كورونا ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغانلار سانى كۆپ بولسىمۇ، ھاياتىدىن ئايرىلىپ قالغانلارنىڭ سانى ئەڭ ئاز دۆلەتلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى رەئىسى ئەسقەرجان ئەپەندى ئۈچ ئايدىن بۇيان گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزئارا كۆرۈشەلمەي ئۆيلىرىدە تۇرۇشقا مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقىنى، روزى ھېيتنىڭ ئۆزئارا دىدار كۆرۈشۈش شۇنداقلا دىنىي ئىبادىتىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن مۇھىم بىر ھېيت ئىكەنلىكىنى، شۇڭا مۇناسىۋەتلىك ئىدارىگە ئىلتىماس قىلىپ بىر باغچىدا ھېيت نامىزى ئوقۇش ئۈچۈن رۇخسەت ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەسقەرجان ئەپەندى گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئۇيغۇر جامائىتى ئىككىگە بۆلۈنۈپ ھېيت نامىزى ئوقۇپ، ئوڭ قوللىرىنى كۆكسىگە قويۇپ ئۇزاقتىن ئۆزئارا سالاملىشىپ ھېيتلىشىپ تارقىلىپ كەتكەنلىكىنى، بۇرۇنقىغا ئوخشاش ئۆزئارا ئۆيلەرگە بېرىپ ھېيت پەتىسى قىلالمىغان بولسىمۇ، ئەمما دىدار كۆرۈشكەنلىكى ئۈچۈن ھەممە ئۇيغۇرلارنىڭ خۇشال بولغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان تۈركىيە باشتا نۇرغۇن مۇسۇلمان دۆلەتلەردە مۇسۇلمانلار ھېيت نامىزىنى ئۆيلىرىدە ئوقۇدى. ئۇنداقتا ئىسلام دىنىدا ھېيت نامىزىنى ئۆيدە ئوقۇسا بولامدۇ؟ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دىنىي ئىشلار كومىتېتى مۇدىرى تۇرغۇنجان ئالاۋۇددىن ئەپەندى ئىسلام تارىخىدا بۇنداق ۋابانىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى، ۋابا تارقالغان مەزگىللەردە ھېيت نامىزىنى ئۆيدە ئوقۇسا بولىدىغانلىقى توغرىسىدا پەتىۋالار بېرىلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى رەئىسى ئەسقەرجان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە گېرمانىيەدە 180 مىڭ 320 كىشى كورونا ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىن 161 مىڭ 875 كىشى ساقايغان، ئۆلگەنلەرنىڭ سانى بولسا 8300 كىشى بولۇپ ئۇيغۇرلاردىن يۇقۇملانغان بىرمۇ كىشى يوق ئىكەن. ئەسقەر جان ئەپەندى نوپۇسىغا سېلىشتۇرغاندا ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنىڭ ئاز ئىكەنلىكىنى، گېرمانىيە ياۋروپادا كورونا ۋىرۇسىغا قارشى كۈرەشتە ئۆرنەك بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.