گېرمانىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى خىتاينى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزدى» دەپ جاكارلىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2021-06-25
Share
گېرمانىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى خىتاينى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزدى» دەپ جاكارلىدى گېرمانىيە پارلامېنتىدا يىغىن ئېچىلىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2021-يىلى 25-ئىيۇن، بېرلىن.
REUTERS

گېرمانىيە پارلامېنتىنىڭ تور سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان «گېرمانىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانىي ياردەم كومىتېتىنىڭ شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى توغرىسىدىكى باياناتى» غا ئاساسلانغاندا، گېرمانىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانىي ياردەم كومىتېتى گېرمانىيەدە ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرۇۋاتقان خىرىستىيان دېموكراتلار پارتىيەسى، خىرىستىيان سوتسىيال پارتىيەسى، سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسى، ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسى ۋە يېشىللار پارتىيەسىنىڭ ئورتاق ئاۋاز قوشۇشى بىلەن خىتاينى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزدى» دەپ جاكارلىغان.

بۇ ئورتاق بايانات گېرمانىيە پارلامېنتىدىكى ئاساسلىق پارتىيەلەرنىڭ ئاۋاز قوشۇشى بىلەن ئۇيغۇرلار ۋە جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى توغرىسىدا پارلامېنتتىن چىققان تۇنجى ئاشكارا ئىنكاس ھەمدە پارلامېنتنىڭ دەسلەپكى قارارى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. گېرمانىيەدە جەمئىي 7 پارتىيە بىرلەشمە ھاكىمىيەتكە قاتنىشىۋاتقان بولۇپ، مەزكۇر باياناتنى يۇقىرىقى 5 چوڭ پارتىيە قوللىغان، سولچىللار پارتىيەسى قارشى تۇرغان، «گېرمانىيە ئۈچۈن تاللاش پارتىيەسى» ئاۋاز بېرىشتىن ۋاز كەچكەن.

باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاينىڭ شىنجاڭ ئاپتونۇم رايونىدا خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى 1 مىليوندىن ئارتۇق تۈركىي ئاز سانلىق مىللەتلەرنى، بولۇپمۇ مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنى دۆلەتنىڭ مەخسۇس قۇرۇلغان لاگېرلىرىغا ‹قايتا تەربىيىلەش› ئۈچۈن قامىۋالغان. كۆپلىگەن شاھىدلارنىڭ گۇۋاھلىقى، نۇرغۇنلىغان مۇخبىرلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئىزدىنىشلىرى بۇ لاگېرلاردا داۋاملىق تەن جازاسى، جىنسىي تاجاۋۇزچىلىق، روھىي تېررورلۇقنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى. ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي تۇتۇپ تۇرۇپ سىستېمىلىق ھالدا كوممۇنىستىك دۆلەت ئىدېئولوگىيەسىنى ئۈزلۈكسىز سىڭدۈرۈش ئارقىلىق ئۇلارنى ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قالدۇرۇپلا قالماي، بەلكى ئۇلارنى مەدەنىيەت كىملىكىدىنمۇ زورلۇق بىلەن ئايرىپ تاشلىغان. شىنجاڭدىكى بۇ ئېتنىك مىللەتنىڭ تەۋەلىرى كوللېكتىپ ھالدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغان، ئاياللار بالا چۈشۈرۈشكە مەجبۇرلانغان، تۇغۇت چەكلەش ئوپىراتسىيەسىگە قىستالغان.»

باياناتتا خىتاينىڭ مەقسەتلىك ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى ئازايتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى، ئۇزۇن يىللىق پىلان نۇقتىسىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتلىق ئىستىقبالىنىڭ تەھدىتكە دۇچ كېلىۋاتقانلىقى، خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىنى «تېررورىزىمغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن» دەپ پەردازلاپ، ساختا تەشۋىقاتلارنى قانات يايدۇرۇۋاتقانلىقى، خىتاينىڭ ئۆزى ئىمزا قويغان ئەھدىنامىلەرگە خىلاپلىق قىلىۋاتقانلىقى ۋە گېرمانىيە بىلەن بۇ ھەقتە تىنىچ سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلگەنلىكى ئەسكەرتىلىپ، شىنجاڭدا يۈز بېرىۋاتقان ئېغىر دەرىجىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدە خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە ئۇنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى بارلىقى بايان قىلىنغان.

باياناتتا گېرمانىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانىي ياردەم كومىتېتىنىڭ 5-ئاينىڭ 17-كۈنى خەلقئارا قانۇنچىلار، مۇتەخەسسىسلەر ۋە خىتايشۇناسلارنى تەكلىپ قىلىپ گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۇيۇشتۇرغانلىقى، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ باھالىرىغا بىنائەن مەزكۇر كومىتېتنىڭ يەكۈن چىقىرىپ «شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە دىنىي ئاز سانلىقلار ئاممىسى ئۈستىدىن يۈرگۈزۈلىۋاتقان ئېغىر دەرىجىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى قىلمىشلىرىنى ‹ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت› دەپ بېكىتىشنى قارار قىلغان» لىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

گېرمانىيە پارلامېنتىدىن كېچىكىپ بولسىمۇ بۇنداق بىر ئاۋازنىڭ چىقىشى گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى كۆپ خۇرسەن قىلغان. د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، ئالدى بىلەن گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈلىۋاتقان خىتاي زۇلۇمىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ تونۇشى ئۈچۈن ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى. ئۇ سۆزىدە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت› دەپ ئاتاشنىڭ كۇپايە قىلمايدىغانلىقىنى، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ چوقۇم «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ تونۇشى لازىملىقىنى تەكىتلىدى.

د ئۇ ق بېرلىن ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى غەيۇر قۇربان ئەپەندىمۇ بۇ خۇسۇستا ئىپادە بىلدۈرۈپ، مەزكۇر قارارنىڭ زور بىر ئىجابىي قەدەم بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.

گېرمانىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانىي ياردەم كومىتېتى باياناتىدا يەنە ب د ت نىڭ «شىنجاڭ رايونى» غا مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئەۋەتىشى لازىملىقىنى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايغا قارىتا جازا تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىشىنىڭ زۆرۈرلىكىنىمۇ تەكىتلىگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت