گېرمان ئوقۇغۇچىلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى توغرىسىدا دوكلات بېرىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2019-07-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى گېرمانىيەنىڭ فۈرستېنفېلدبرۇك رايونىدىكى يۇقىرى مەكتەپ (گىمنازىيۇم) نىڭ تەلىپىگە بىنائەن ئۇيغۇر تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى توغرىسىدا دوكلات بېرىلدى. 2019-يىلى 23-ئىيۇل.
د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى گېرمانىيەنىڭ فۈرستېنفېلدبرۇك رايونىدىكى يۇقىرى مەكتەپ (گىمنازىيۇم) نىڭ تەلىپىگە بىنائەن ئۇيغۇر تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى توغرىسىدا دوكلات بېرىلدى. 2019-يىلى 23-ئىيۇل.
RFA/Ekrem

گېرمان ئوقۇغۇچىلار ئۇيغۇر تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە جىددىي قىزىقىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئۈزلۈكسىز ئېلان قىلىنىۋاتقان خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى سىياسىتى توغرىسىدىكى مەلۇماتلار گېرمانىيەدىكى ھەر ساھە مەكتەپلەردە ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىگە بولغان قىزىقىشنى كۈچەيتىپ بارماقتا.

گېرمانىيەنىڭ فۈرستېنفېلدبرۇك رايونىدىكى يۇقىرى مەكتەپ (گىمنازىيۇم) نىڭ تەلىپىگە بىنائەن 23-ئىيۇل كۈنى ميۇنخېن شەھىرىدىكى «قەشقەر ئۇيغۇر رېستورانى» دا مەزكۇر مەكتەپنىڭ 12 نەپەر ئوقۇغۇچىسىغا ئۇيغۇر تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى توغرىسىدا 2 سائەت دوكلات بېرىلدى.

دوكلات بېرىشكە د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، ئۇ بىر سائەتتىن ئارتۇق ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا تەپسىلىي توختالدى ھەمدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۈرلۈك سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

«ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ مەدەنىيىتىنى ۋە مۇكەممەللىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسى نۇرنىسا خانىم رەئىس دولقۇن ئەيسانىڭ دوكلاتىدىن كېيىن ئوقۇغۇچىلارغا ئۇيغۇر ئەدەبىيات-سەنئىتى ۋە مەدەنىيىتى توغرىسىدا چۈشەنچە بەردى ھەمدە گېرمانىيەلىك ساياھەتچىلەرنىڭ 19-ئەسىردىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بارغان تۈرلۈك پائالىيەتلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ ئۆتتى.

دوكلات بېرىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن 3 نەپەر ئۇيغۇر ئۆسمۈر مېھمانلار شەرىپىگە ئۇيغۇرچە گۈزەل ئۇسۇللارنى تەقدىم قىلىپ، ئالقىش سادالىرىغا ۋە گۈلدەستىلەرگە ئېرىشتى.

بۇ سورۇنغا داخىل بولغان يۇقىرى مەكتەپنىڭ بىر قىز ئوقۇغۇچىسى «سىز نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارغا قىزىقىپ قالدىڭىز؟» دېگەن سوئالىمىزغا مۇنداق جاۋاب بەردى: «ئۇيغۇرلار يولۇقۇۋاتقان ئېغىر كرىزىس ھازىر گېرمانىيەدە كىشىلەر جىددىي كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان بىر تېما. بولۇپمۇ خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى سىياسىتى بىلەن مىليونلاپ ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىشى ھەممە كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىۋاتىدۇ. مەن ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئىزدىنىش جەريانىدا بۇ مىللەتنىڭ ئۆزگىچە جەلپ قىلارلىق تارىخى بارلىقىنى بىلدىم. بۈگۈن ميۇنخېندا چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ چوڭ تەشكىلاتىنىڭ رەئىسىنىڭ سۆزلىرى ئاڭلاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى چۈشەنچەم تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى. مەن ھازىر ئۆز-ئۆزۈمگە ‹مەن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نېمە قىلىپ بەرسەم بولىدۇ؟› دېگەن سوئالنى قويۇۋاتىمەن.»

يەنە بىر ئوغۇل ئوقۇغۇچى بۈگۈنكى بۇ يىغىندىن ئالغان تەسىراتلىرى توغرىسىدا توختالغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۈگۈن ھەقىقەتەنمۇ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا كۆپ نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم. خىتاينىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارغا قارىتا جازا لاگېرلىرى سىياسىتىنى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى ھەمدە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى يىپەك يولى پىلانى ھەققىدە سورىغان سوئاللىرىمغا رەئىس ئەپەندى قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بەردى. كاللامدىكى تۈگۈنلەر يېشىلگەندەك بولدى. ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ھەقىقەتەنمۇ قىزىقارلىق ئىكەن. ئۆتمۈشتە كۆپلىگەن دۆلەتلەرنى، ئىمپېرىيەلەرنى قۇرغان ئىكەن. ئەمما بۈگۈنكى ۋەزىيىتى بەك ئېچىنارلىقكەن. مەن بۇ جەھەتتە كۆپرەك ئىزدىنىشنى خالايمەن.»

يەنە بىر قىز ئوقۇغۇچى مۇنداق دېدى: «بۈگۈن مەن ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى، مەدەنىيىتى، تارىخى ھەققىدە قىزىقارلىق بىلىملەرگە ئىگە بولدۇم. ھەقىقەتەن قىزىقارلىقكەن. بۇ يەردە يەنە ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى بىزگە بەك چىرايلىق ئۇسۇللارنى ئويناپ بەردى. شۇنداق ئۆزگىچە ۋە جەلپ قىلارلىق. مەن دىسسېرتاتسىيە ماقالەمدە ئۇيغۇرلارنى تېما قىلىشنى ئويلىشىۋاتىمەن.»

بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان يەنە بىر ئوغۇل ئوقۇغۇچى ئۆزىگە ئانچە تونۇش بولمىغان بىر مىللەت ۋە ئۇنىڭ گۈزەل مەدەنىيىتى توغرىسىدا تۇنجى قېتىم ياخشى تەسىراتقا ئېرىشكەنلىكىنى ئىپادە قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ يەردە مەن ئۇيغۇرلارنى، ئۇيغۇر تارىخىنى، مەدەنىيىتىنى تۇنجى قېتىم بىلىش ۋە ئۇنىڭ گۈزەل ئۇسسۇللىرىنى كۆرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم. بۇلار مەندە چۇڭقۇر تەسىر قالدۇردى. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى سىياسىي ۋەزىيىتى مېنى بەكلا جەلپ قىلدى.»

بۇ پائالىيەتكە د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندىمۇ قاتناشقان ئىدى. ئۇ بۇ ھەقتە توختالغاندا گېرمانىيەدىكى ھەر ساھە مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئاڭلىتىشنىڭ د ئۇ ق نىڭ خىزمەت كۈنتەرتىپىدىكى بىر ۋەزىپە ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئۇ سۆزىدە كۆپلىگەن مەكتەپلەرنىڭ بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە بارغانسېرى قىزىقىشقا باشلىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

پائالىيەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئوقۇغۇچىلار «قەشقەر ئۇيغۇر رېستورانى» دا ئۇيغۇرچە تائاملارغا ئېغىز تەگدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت