گېرمانىيەنىڭ 7 چوڭ شىركىتى ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن ئالاقىسى بارلىقىنى ئىنكار قىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2020-10-10
Share
volkswagen-bbc-xewer.jpg «ۋولكىسۋاگىن» ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ ئىجرائىيە باشلىقى ھېربېرت دايېس BBC ئاگېنتلىقى مۇخبىرنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرمەكتە. 2019-يىلى 15-ئاپرېل، شاڭخەي.
Social Media

گېرمانىيەدە نەشىردىن چىقىدىغان داڭلىق گېزىتلەردىن «سۈرەتلەر» گېزىتى 7-ئۆكتەبىر كۈنى «گېرمانلار خىتايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكتىن نەپكە ئېرىشمەكتە» ناملىق زور ھەجىملىك بىر ماقالە ئېلان قىلدى. ماقالىدا ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك تەتقىقات ئىنىستېتۇتىنىڭ 3-ئايدا ئېلان قىلغان دوكلاتىغا ئاساسەن گېرمانىيەدىكى دۆلەت ھالقىغان 7 چوڭ شىركەتنىڭ خىتايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈستىدە ئېلىپ بارغان ئىزدىنىشلىرىنىڭ نەتىجىسى ئېلان قىلىنغان.

ماقالىدا بايان قىلىنىشىچە، 2017-ىلىدىن 2019-يىلىغىچە خىتايغا قۇل ئىشچى سۈپىتىدە يۆتكەلگەن 80 مىڭ ئۇيغۇرنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن مەنپەئەتكە ئېرىشىۋاتقان دۇنيادىكى دۆلەت ھالقىغان 83 شىركەت ئىچىدە گېرمانىيەنىڭ 7 چوڭ شىركىتىمۇ يەر ئالغان بولۇپ، بۇلار Adidas، Puma، BMW، Volkswagen، Bosch، Simens، Daimler قاتارلىقلاردىن ئىبارەت ئىكەن. 

«سۈرەتلەر» گېزىتى بۇ 7 گېرمان شىركىتىدىن خىتايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن بولغان ئالاقىسىنىڭ زادى قايسى دەرىجىدە ئىكەنلىكى، ئىمپورت قىلىۋاتقان خام ئەشيا مەنبەلىرى ئىچىدە قۇل ئىشچى بولۇپ ئىشلىتىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار بىلەن بىۋاستە ياكى ۋاستىلىق مۇناسىۋېتىنىڭ بار-يوقلىقى توغرىسىدا يازما شەكىلدە سوئاللار سورىغان. بۇ 7 شىركەتتىن 6 نەپىرى يازما شەكىلدە جاۋاپلار بەرگەن. دائىملېر ناملىق شىركەت جاۋاپ بەرمىگەن.

تەنتەربىيە ئايىقى ۋە كېيىملىرىنى ئىشلەپ چىقىرىدىغان Adidas ناملىق داڭلىق شىركەت جاۋابىدا مۇنداق دېگەن: «Adidas ئەزەلدىن شىنجاڭدىن مەھسۇلات ئىمپورت قىلىپ باقمىدى. Adidas نىڭ خىزمەت پىرىنسىپى ھەرقانداق شەكىلدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ياكى تۈرمە ئەمگەكلىرىنى بىردەك چەكلەيدۇ. بۇ پىرىنسىپ تەمىنلەش زەنجىرىدىكى بارلىق شىركەتلەرگە قارىتا ئورتاق كۈچكە ئىگە ھەمدە قەرەللىك ھالدا تەكشۈرۈپ تۇرىلىدۇ.»

Puma گېرمانىيەنىڭ تەنتەربىيە ئايىقى ۋە كېيىملىرىنى ئىشلەپ چىقىرىدىغان دۇنياغا داڭلىق يەنە بىر شىركىتى بولۇپ، بۇ شىركەت مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: «كىشىلىك ھوقۇق، ئەمگەك ھوقۇقى ۋە مۇھىتنى قوغداش ئۆلچەملىرىگە ئەمەل قىلىش بىز ئۈچۈن ھەممىدىن مۇھىم. بىزنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىمىزدە مەجبۇرىي ئەمگەككە مۇناسىۋەتلىك ھىچقانداق ھادىسە بايقالمىدى.»

Simens گېرمانىيەنىڭ قىتئەلەر ھالقىغان زور سانائەت گورۇھى بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدە 500 مىڭدىن ئارتۇق ئىشچىسى بولغان بۇ شىركەت ئۆزلىرىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىدىكى بارلىق شىركەتلەر ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېگەن: «تەكشۈرۈشلىرىمىز نەتىجىسىدە، تەمىنلەش زەنجىرىدە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ياكى مەجبۇرىي ئەمگەككە ئالاقىدار مەسىلىلەر ئاشكارىلانمىدى.»

بۇ خۇسۇستا توختالغان د ئۇ ق نىڭ رەئىس ۋەكىلى، «شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى خىتاي بىلەن تىجارىي ئالاقىلاردا بولۇۋاتقان گېرمانىيە شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسى سەۋەبلىك بارغانسىرى كۈچلۈك بېسىملارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.

MMW باۋارىيە شىتاتىنىڭ داڭلىق ماشىنا زاۋۇتى بولۇپ، ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك تەتقىقات ئىنىستېتۇتى 3-ئايدا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا بۇ شىركەتنى «خىتايدىن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ماتېرىياللىرىنى ئىمپورت قىلدى» دەپ ئەيىپلىگەن. BMW بولسا بۇ ئەيىبلەشكە بىنائەن ئۆزلىرىنىڭ مال تەمىنلەش زەنجىرىدە ئاشكارا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. نەتىجىدە بۇ دوكلاتنىڭ خاتالىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن. ئۇلار جاۋابىدا «BMW يۇقىرى سۈرئەتلىك ئىلغار تاشيول ماتېرىياللىرىنىڭ خېرىدارى بولۇپ باقمىدى، دوكلاتنىڭ خاتالىقىنى كېسىپ ئېيتالايمىز،» دېگەن.

Volkswagen ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ باستۇرۇلۇش مەسىلىسىگە كۆز يۇمغانلىقى بىلەن ئەيىبلىنىپ كەلگەن گېرمانىيەدىكى كۆلىمى زور ماشىنا زاۋۇتى ئىدى. ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدە تارماق زاۋۇتى بار ئىدى. بۇ قېتىم ئۇلار «بىزنىڭ مەيلى خىتايدىكى Volkswagen شىركەتلىرىدە بولسۇن ياكى ئۇنىڭ باشقا جايلاردىكى تارماق ئورگانلىرىدا بولسۇن، ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىگە ئالاقىدار بىرەر مەسىلە بايقىمىدۇق ھەمدە Volkswagen ھەرقانداق شەكىلدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە قارشى تۇرىدۇ،» دەپ جاۋاپ بەرگەن.

گېرمانىيەدىكى ئۇنىۋېرسال سودا گورۇھى بولغان Bosch شىركىتى ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك تەتقىقات ئىنىستېتۇتى ئېلان قىلغان دوكلاتتا ئىسمى ئاتالغان خىتاي شىركەتلىرى بىلەن ھېچقانداق سودا ئالاقىسىدا بولۇپ باقمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

د ئۇ ق تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئەنۋەر ئەھمەت ئەپەندىمۇ بۇ خۇسۇستا قاراشلىرىنى بايان قىلىپ، بەزى گېرمان شىركەتلىرىنىڭ خىتايدىن ئاستا-ئاستا يىراقلىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

مەزكۇر گېزىت ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ فرانسىيەلىك ئەزاسى رافائېل گلۇكىسماننى زىيارەت قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ «شىركەتلەر خىتاي بىلەن بولغان ھەمكارلىقىغا خاتىمە بېرىشى كېرەك، سىياسەتچىلار ئۇيغۇرلار توغرىسىدا سۆزلىشى لازىم، خىتايدىكى جازا لاگېرلىرى تاقىلىشى كېرەك، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھەقلىرى قوغدىلىشى لازىم،» دېگەن 4 جۈملە سۆزىگە ئورۇن بەرگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت