گېرمانىيە باۋارىيە پارلامېنتى ئەسقەرجان ئەپەندىگە «ئاساسىي قانۇن مېدالى» بېرىشنى قارار قىلغان

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2020-10-15
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
د ئۇ ق نىڭ ياۋروپا ئىشلىرىغا مەسئۇل ۋەكىلى، ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكىنىڭ رەئىسى ئەسقەر جان ئەپەندى بىلەن باۋارىيە پارلامېنتى مۇئاۋىن رەئىسى ماركۇس رىندەرسپاچېر ئەپەندى.
د ئۇ ق نىڭ ياۋروپا ئىشلىرىغا مەسئۇل ۋەكىلى، ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكىنىڭ رەئىسى ئەسقەر جان ئەپەندى بىلەن باۋارىيە پارلامېنتى مۇئاۋىن رەئىسى ماركۇس رىندەرسپاچېر ئەپەندى.
RFA/Erkin Tarim

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياۋروپا ئىشلىرىغا مەسئۇل ۋەكىلى، ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكىنىڭ رەئىسى ئەسقەر جان ئەپەندى گېرمانىيەنىڭ باۋارىيە شتاتى پارلامېنتىنىڭ «ئاساسىي قانۇن مېدالى» غا لايىق كۆرۈلگەن. مەزكۇر مېدال 1961-يىلى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، گېرمانىيە دۆلىتىگە، خەلقىگە شۇنىڭدەك دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە قانۇن دۆلىتىگە ئوخشاش قىممەت قاراشلارنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن زور تۆھپە قوشقان كىشىلەرگە بېرىلىدىكەن.

ئەسقەرجان ئەپەندى گېرمانىيە باۋارىيە شتاتى پارلامېنتىنىڭ رەئىسى ئىلسە ئائىگنېر قول قويغان خەتنى تاپشۇرۇپ ئالغان. خەتتە مۇنۇلار يېزىلغان: «باۋارىيە شتاتىغا ۋە خەلقىگە قوشقان تۆھپىلىرىڭىز ۋە دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق، ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە قانۇن دۆلىتىگە ئوخشاش ئۇقۇملارنىڭ ئومۇملىشىشى ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ئالاھىدە كۆرەشلىرىڭىز ۋە بۇ يولدا كۆرسەتكەن خىزمەتلىرىڭىزنى باھالاپ سىزگە پارلامېنتىمىز بۇ مېدالنى بېرىشنى مۇۋاپىق كۆردى. قوبۇل قىلىدىغان-قىلمايدىغانلىقىڭىزنى بىزگە يازما ھالدا ئۇقتۇرۇشىڭىزنى ئىلتىماس قىلىمەن».

بىز بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن باۋارىيە پارلامېنتى مۇئاۋىن رەئىسى ماركۇس رىندەرسپاچېر ئەپەندى، خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ئۇلرىچ دېلىئۇس ئەپەندى ۋە «ئاساسىي قانۇن مېدالى» غا لايىق كۆرۈلگەن ئەسقەرجان ئەپەندى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

باۋارىيە پارلامېنتى مۇئاۋىن رەئىسى ماركۇس رىندەرسپاچېر ئەپەندى ئەسقەرجان ئەپەندىگە بۇ مېدالنى بېرىشتىن پەخىرلىنىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: «ئەسقەرجان ئۆت يۈرەك ئەركىنلىك كۆرەشچىسى. ئۇ، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ھەم خەلقىنىڭ دەۋاسى، ھەمدە بىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. خەلقئارا جامائەت ئۇيغۇرلارنىڭ ئېزىلىشىغا ۋە ھەق-ھوقۇقىنىڭ دەپسەندىچىلىككە ئۇچرىشىغا كۆز يۇمماسلىقى ۋە يول قويماسلىقى كېرەك. باۋارىيە پارلامېنتى پىدائىي بولۇپ، دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق كۈرىشى قىلىپ كېلىۋاتقان ئەسقەرجانغا بۇ مېدالنى بېرىشتىن پەخىرلىنىدۇ».

ئەسقەرجان ئەپەندى ئەپەندى، باۋارىيە پارلامېنتى رەئىسى يوللىغان ئۆزىگە مېدال بېرىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەتنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن ئىنتايىن خۇرسەن بولغانلىقىنى، چۈنكى بۇنىڭ باۋارىيە پارلامېنتىنىڭ خىتايغا بەرگەن سىگنالى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئەسقەرجان ئەپەندى، «سىز قىلغان قايسى خىزمەتلەر ئۈچۈن بۇ مېدال سىزگە بېرىلدى؟» دېگەن سوئالىمىزغا مۇنداق جاۋاب بەردى: «نېمە ئۈچۈن ماڭا بېرىلىپتۇ ؟دېگەن ۋاقتىدا، مەن 40 يىلدىن بۇيان گېرمانىيەدە ياشاپ كېلىۋاتىمەن. مەن ئۇنىۋېرسىتېتنى گېرمانىيەدە ئوقۇغاندىن بۇيان ھازىرغىچە گېرمانىيەدە ھۆكۈمەت كادىرى بولۇپ ئىشلەۋاتىمەن. بۇ يەردە مەن پەقەتلا ئۆز دەۋايىمىزنى، ئۆز خەلقىمىزنى تونۇشتۇرۇشلا ئەمەس، ئۆزۈم تۇرۇۋاتقان دۆلەتكىمۇ پايدام تېگىشى ئۈچۈن كۆپ ئىشلارنى قىلدىم. مەسىلەن مەن 2006-يىلىدىن 2018-يىلىغىچە باۋارىيە شتاتىدىكى كۆچمەنلەر پارلامېنتىدا مۇئاۋىن رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىدىم. بۇ پارلامېنتنىڭ ۋەزىپىسى گېرمانىيەدىكى كۆچمەنلەر بىلەن شتاتلىق ھۆكۈمەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئورنىتىش، كۆچمەنلەرنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقىنى قوغداش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. بۇ پارلامېنتنىڭ 40 ئەزاسى بار، ئۇلار كۆچمەنلەرنىڭ سايلىشى ئارقىلىق تاللىنىدۇ. بۇ ئىدارە مېنى بوسنىيەگە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئەۋەتتى. تۈركىيە توغرىسىدا لېكسىيەلەر بەردىم. مۇسۇلمان ئاتا-ئانىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىدىم، بۇ مەزگىلدە مەكتەپلەردە ئىسلام دىنى توغرىسىدا دەرس تەسىس قىلدۇردۇق. دېمەككى پەقەتلا ئۇيغۇر دەۋاسىنى ئاڭلىتىش بىلەنلا قالماي ئۆزىمىز تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەرگىمۇ ھەسسە قوشۇش ئۈچۈن قولۇمدىن كەلگەن ئىشلارنى قىلدىم».

ئەسقەرجان ئەپەندى مەزكۇر مېدالنىڭ 59 يىلدىن بۇيان يىلدا بىر قېتىم سىياسىيونلارغا، سەنئەتكارلارغا، يازغۇچىلارغا، دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇققا تۆھپە قوشقان شەخسلەرگە بېرىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئەسقەرجان ئەپەندى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىشلەپ كېلىۋاتقان خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ئۇلرىچ دېلىئۇس ئەپەندى بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئەسقەرجان ئەپەندىگە بېرىلگەن ‹ئاساسىي قانۇن مېدالى› ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ناھايىتى چوڭ شەرەپ ۋە ئۇتۇق. ئەسقەرجان ئەپەندى ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ئۆزى تۇرۇۋاتقان دۆلەتكە قانچىلىك زور تۆھپە قوشقانلىقىنىڭ ئىسپاتى. بۇ پەقەت ئەسقەرجاننىڭلا ئەمەس بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ گېرمانىيەدە باۋارىيە شتاتىدا قانچىلىك ماسلاشقانلىقى ۋە ئۆزى تۇرغان دۆلەتكە سىڭىپ، بۇ دۆلەتكە ھەسسە قوشۇش ئۈچۈن تىرىشقانلىقىنىڭ ئالامىتى. شۇنداقلا بۇ خىتايغا بېرىلگەن چوڭ بىر ئىنكاس ھېسابلىنىدۇ.»

گېرمانىيە فېدېراتسىيەسى دۆلىتى 10 شتاتتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، باۋارىيە شتاتى 15 مىليون نوپۇسقا ئىگە، ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئەڭ كۈچلۈك شتاتلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىكەن. باۋارىيە شتاتىنىڭ پارلامېنتى، ھۆكۈمىتى، باش مىنىستىرى، ئۆز ئەدلىيەسى بار بولۇپ، ئىچكى ئىشلاردا مۇستەقىل، تاشقى سىياسەتتە فېدېرال گېرمانىيەگە قارايدىكەن. باۋارىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى ئەنگە ئالدۇرۇلغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت