گېرمانىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى تىلغا ئېلىندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2020.11.11
germaniye-parlamenti-uyghur-mesilisi.jpg گېرمانىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «دىنىي ئەركىنلىكنىڭ دۇنيادىكى ۋەزىيىتى» ناملىق يىغىندىن كۆرۈنۈش. 2020-يىلى 6-نويابىر، گېرمانىيە.
RFA/Ekrem

«دىنىي ئەركىنلىكنىڭ دۇنيادىكى ۋەزىيىتى» ناملىق يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنىڭ دەپسەندىچىلىككە ئۇچراۋاتقانلىقى بايان قىلىندى.

جۈمە كۈنى گېرمانىيە پارلامېنتىدا «دىنىي ئەركىنلىكنىڭ دۇنيادىكى ۋەزىيىتى» ناملىق يىغىن ئۆتكۈزۈلدى. يىغىن 2018-2019-يىللىرى دۇنيا مىقياسىدا يۈز بەرگەن ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ تاجاۋۇزلارغا ئۇچراش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىشقا بېغىشلانغانىدى.

يىغىنغا گېرمانىيە پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى كىلاۋدىيا روت خانىم رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا ھاكىمىيەت بېشىدىكى خرىستىئان سوتسىيال پارتىيەسى ۋە خرىستىئان دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ پارلامېنتتىكى ئەزالىرىدىن ماركۇس گرۈبېل، ۋولكېر كاۋدېر، سەباستىيان بىرېھم قاتارلىقلار، سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسىدىن پروفېسسور، دوكتور لارس كاتېللۇسى، دوكتور بەربېل كوفلېر قاتارلىقلار، ئەركىن دېموكرات پارتىيەسىدىن گۇيدې يەنسېن، يېشىللار پارتىيەسىدىن كاي گېھرىڭ، سولچىللار پارتىيەسىدىن كىرىستىنې بۇخخولىز قاتارلىقلار دۇنيا مىقياسىدىكى دىنىي ئەركىنلىكنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرىسىدا نۇتۇقلار سۆزلىدى.

پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ سۆزلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە دۇنيادىكى 80 پىرسەنت ئاھالە ئوخشاش بولمىغان دىنىي ئېتىقادلارغا ئىگە ئىكەن. بىراق مەيلى خرىستىئان دىنى، مەيلى ئىسلام دىنىدا بولسۇن، دىنلارغا ئېتىقاد قىلىۋاتقان خەلقلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ ئېتىقاد ئەركىنلىكى ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە تاجاۋۇزغا ئۇچرىماقتىكەن. خرىستىئان سوتسىيال پارتىيەسى ۋە خرىستىئان دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ پارلامېنتتىكى ئەزالىرىدىن ماركۇس گرۈبېلنىڭ قارىشىچە، خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان 30 دىن ئارتۇق دۆلەتتە ئوخشاش بولمىغان دىنلارغا مەنسۇپ كىشىلەر ئوخشاش بولمىغان بېسىملارغا يولۇقماقتىكەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بولۇپمۇ خىتايدىكى بارلىق دىنلار تاجاۋۇزغا ئۇچراۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى، خرىستىئان مۇخلىسلىرى، تىبەت بۇددىستلىرى ۋە فالۈنگۇڭچىلارنىڭ ئەھۋالى ئىنتايىن خەتەرلىك ئىكەن.

سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسىدىن بولغان پروفېسسور، دوكتور لارس كاتېللۇسىنىڭ BILDۈرۈشىچە، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى بولمىغان يەردە دېموكراتىيە ئەسلا مەۋجۇت بولمايدىكەن. ئىنسانلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنىڭ بېسىمغا ئۇچرىشى دېموكراتىيىنىڭ چۆكۈشىنىڭ ياكى مەۋجۇت بولماسلىقىنىڭ مەھسۇلى ئىكەن. ئۇنىڭ BILDۈرۈشىچە، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى بارلىق دىنلارغا نىسبەتەن باراۋەرلىك ئاساسىغا ئىگە بولۇپ، ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھەم باراۋەرلىكى بولمىغان يەردە ئاساسىي ئەركىنلىك، مەدەنىيەت، سەنئەت، پىكىر ئەركىنلىكى ھەم قىممەت قارىشىغا ئورۇن بولمايدىكەن.

دىققەتنى تارتىدىغىنى، 7 پارتىيەنىڭ پارلامېنتتىكى ئەزالىرى پىكىر بايان قىلغان بۇ يىغىندا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى تەكرار-تەكرار تىلغا ئېلىندى. خرىستىئان سوتسىيال پارتىيەسى ۋە خرىستىئان دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ پارلامېنتتىكى ئەزالىرىدىن ماركۇس گرۈبېل تۇنجى بولۇپ خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىنى تەسىس قىلىپ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىدىن گۇيدې يەنسېن، سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسىدىن دوكتور بەربېل كوفلېر، يېشىللار پارتىيەسىدىن كاي گېھرىڭ قاتارلىقلارمۇ سۆزلىرىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

گۇيدې يەنسېن خانىم سۆزىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ يالغۇز دىنىي ئېتىقادى سەۋەبلىك ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر بولغانلىقى ئۈچۈنلا خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبىرى شى جىنپىڭ تەرىپىدىن مىليونلاپ جازا لاگېرلىرىغا سولىنىپ قاتتىق ئازابقا مۇپتىلا قىلىنىۋاتقانلىقى، بۇنىڭغا قارىتا گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينى تەنقىدلەپ قويۇش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، كەسكىن تەدبىر قوللىنىشىنىڭ ۋاقتى كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

«شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، د ئۇ ق نىڭ رەئىسى ۋەكىلى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدېن ئەپەندىنىڭ BILDۈرۈشىچە، ھازىر گېرمانىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن مەيلى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە، مەيلى دىنىي ئېتىقاد مەسىلىسىگە ياكى دېموكراتىيە، ئەركىنلىك مەسىلىسىگە ئائىت يىغىنلاردا بولسۇن، ھەممىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ كەلمەكتىكەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئەنۋەر ئەھمەت ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ گېرمانىيە پارلامېنتىدا ۋە مەتبۇئاتلىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلۇش سالمىقىنىڭ بارغانسېرى ئېشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.