كورونا ۋىرۇسى ميۇنخېن شەھىرىدە ۋەھىمە پەيدا قىلماقتا

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2020-03-04
Share
germaniye-myunxen-germany-munich-virus.jpg نەپەسلىنىش ماسكىسى تاقىۋالغان بىر ئايال گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېندىكى ئاساسلىق ۋوگزالىدىكى ياۋرو پويىزىنىڭ ئالدىدا كېتىۋاتقان كۆرۈنۈشى. 2020-يىلى 24-فېۋرال، ميۇنخېن.
AP

كورونا ۋىرۇسىنىڭ گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ۋەھىمە تۇغدۇرۇپ، ئىستېمال بۇيۇملىرى دۇكانلىرىدا جىددىيچىلىك پەيدا قىلغانلىقى ئايان بولدى.

3-مارت كەچتە ميۇنخېندىكى بىر دوستۇم دىققىتىمنى چېكىش ئۈچۈن بولسا كېرەك «خىتاي ۋىرۇسى ئىشىكىڭىزنى چەككەندە ئاندىن ئويغىنامسىز؟» ناملىق قىسقا بىر يازمىنى ۋاتسئاپ ئارقىلىق ماڭا يوللاپ قويۇپتۇ. ئىگىسى ھەم كىمگە قارىتىپ يېزىلغانلىقى نامەلۇم بولغان بۇ يازمىدا شۇنداق دېيىلگەن: «دوستۇم، قارىسام ئېرىڭىز ۋە ئىككى ئوماق پەرزەنتىڭىز بىلەن باشقا شەھەردە ساياھەت قىلىپ يۈرۈپسىز. رەسىملىرىڭىزنى تورلارغا چىقىرىۋېتىپسىز. ميۇنخېندا بولۇۋاتقان ئىشلاردىن راستلا خەۋىرىڭىز يوقمۇ ياكى مەن ئېرىشكەن ئۇچۇرلار مۇبالىغىمۇ؟ ھازىر خىتاي ۋىرۇسىنىڭ باۋارىيە شتاتىغا تارقىلىش سۈرىتىنىڭ تېز ئېشىشى بىلەن كىشىلەر ئەندىشىگە چۈشكىلى تۇرۇپتۇ. ميۇنخېندىكى يېمەكلىك دۇكانلىرى قۇرۇقدىلىپ قېلىپتۇ. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئادەمنى قورقۇتىدىغان ھەر خىل خەۋەرلەر، سۈرەتلەر ئۇچۇپ يۈرىدۇ. مەنچە، دەرھال ميۇنخېنغا قايتىپ ئاز-تولا كېلەچەكنىڭ تەييارلىقىنى قىلىپ قويسىڭىز بولارمىكىن؟ ياكى خىتاي ۋىرۇسى ئىشىكىڭىزنى چەككەندە ئاندىن ئويغىنامسىز؟»

تۈنۈگۈن بۇ ئۇچۇرغا ئانچە ئېرەنشىپ كەتمىگەن بولساممۇ، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بۈگۈن 4-مارت تارقالغان سۈرەت، ۋىدېيو ۋە خەۋەرلەرنى كۆرۈپ جىددىيلەشتىم. كىشىلەر ميۇنخېندىكى سودا دۇكانلىرى ئالدىدا ئۇزۇن ئۆچىرەتتە تۇرۇۋاتقان، تۈرلۈك يېمەك-ئىچمەكلەرنى تالىشىپ سېتىۋېلىۋاتقان كۆرۈنۈشلەر تورلارنى قاپلىغان ئىدى. «ھەرقانچە بولسا، ميۇنخېندا بۇ قەدەر ئىشلار بولۇپ كەتمىگەندۇ؟» دەپ ئويلايتتىم.

ئۆيدە ئۇن قالمىغان بولغاچ ھەم ئۇن سېتىۋېلىش ھەم بولۇۋاتقان ئىشلارنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ كېلىش ئۈچۈن سىرتقا چىقتىم. كوچىلاردا ئادەم شالاڭ ئىدى. ئالدى بىلەن ئۆيىمىزگە يېقىن بولغان «نورما» دېگەن چوڭ دۇكانغا كىردىم. ئادەتتە ئۇنلار دۆۋە-دۆۋە تۇرىدىغان جاي قۇپقۇرۇق ئىدى. تونۇش دۇكان ئىگىسىدىن «ئۇن ئالاتتىم، بىر خالتىمۇ قالماپتۇ. نېمە ئىش بولدى؟» دەپ سورىدىم. «نېمە ئىش بولغىنىنى مەنمۇ بىلمىدىم. 4 كۈندىن بۇيان خېرىدارلار ئۇن، ياغ، گۈرۈچ، گۆش، تەييارچۆپ. . . ئىشقىلىپ يەيدىغان، ئىچىدىغانلىكى نەرسىلەرنى بۇلاپ-تالاپ سېتىۋېلىپ بارىدىغۇ!» دەپ جاۋاب بەردى ئۇ. «كورونا ۋىرۇسى بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ؟» دەپ قايتا سورىدىم. «مەنچە شۇنداق، ئە بۇنچە ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوقتى. گېرمانىيەدە يېتەرلىك دەرىجىدە زاپاس يېمەكلىك بار. ھەر ھالدا، خىتايدىكىدەك ئاچارچىلىق يۈز بەرمەيدۇ، دەپ ئويلايمەن،» دېدى دۇكاندار.

«لىدىل» ناملىق يەنە بىر دۇكانغا باردىم. ئوخشاشلا ئۇن، ياغ، قالمىغان ئىدى. «ئالدى» دېگەن دۇكانغا كىرسەم ئىستېمال بۇيۇملىرى تىزىلىدىغان ئىشكاپلار قۇرۇقدىلىپ قېلىپتۇ. تۆتىنچى، بەشىنچى، دۇكانلاردىمۇ ئوخشاش ئەھۋالغا يولۇقتۇم. قۇرۇقدىلىپ قالغان ئىشكاپلارنى رەسىمگە تارتىۋېلىپ، ئۆيگە قايتىپ كېلىپلا كومپيۇتېرنى ئاچتىم-دە، گوگۇلغا «چوروناۋىرۇس مۈنچەن» دېگەن سۆزنى كىرگۈزدۈم. يۈزلەرچە ئۇچۇرلار كۆز ئالدىمدا پەيدا بولدى. ميۇنخېندا بولۇۋاتقان ئەھۋاللارنى كۆزىتىشكە باشلىدىم.

ئۇچۇرلاردا بايان قىلىنىشىچە، ھازىر دۇنيادىكى 68 دۆلەت ئۆزلىرىدە كورونا ۋىرۇسى بارلىقىنى ئېلان قىلغان. ياۋروپادا ئىتالىيەدىن باشقا شىۋېتسارىيە، ئاۋىسترىيە، فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانىدىمۇ ئېشىش بولغان. گېرمانىيەدە كورونا ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى بىرقانچە كۈن ئىچىدىلا تېز كۆپىيىپ، 3-مارت كۈنى 188 كىشىگە يەتكەن. بىز ياشاۋاتقان باۋارىيە تەۋەسىدە بۇ ۋىرۇستىن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى ئەسلىدىكى 14 كىشىدىن بىردىنلا 27 كىشىگە ئۆرلىگەن. مۇشۇ ئالدىمىزدىكى يەكشەنبە كۈنىلا ميۇنخېن شەھىرىدە يەنە 2 نەپەر يۇقۇمدار بايقالغان. ميۇنخېندىكى BMW ماشىنا زاۋۇتىدىن بىر نەپەر يۇقۇمدار بايقالغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن بىر سېختا ئىشلەيدىغان 150 كىشى دوختۇرخانىغا 2 ھەپتىلىك تەكشۈرۈشكە ئېلىپ كېتىلگەن ۋە پۈتۈن سېخ دېزىنفېكسىيە قىلىنغان. باۋارىيەگە قوشنا بولغان بادەن-ۋۈرتېمبېرگ شتاتىدىكى يۇقۇمدارلارنىڭ سانى 28 كىشى بولغان. بۇلاردىن سىرت، گېرمانىيەنىڭ فارنكفۇرت، كۆلن، بونن، مۆنچېنگلادباك، دۈسبۇرگ قاتارلىق شەھەرلىرىدىمۇ ئوخشىمىغان نىسبەتتە يۇقۇمدارلار بايقالغان. بۇ يۇقۇمدارلارنىڭ بەزىلىرى ئىلگىرى ۋۇخەندىن بىۋاسىتە يۇقتۇرۇپ كەلگەنلەر بولسا، بەزىلىرى ئىتالىيە، ئىران قاتارلىق دۆلەتلەردىن ساياھەت جەريانىدا يۇقتۇرۇپ كەلگەنلەر ئىكەن.

ئۇچۇرلاردا يەنە تىلغا ئېلىنىشىچە، ميۇنخېندا شەھەرنىڭ مەركىزى پويىز ئىستانسىسى، ئايروپىلان ئىستانسىسى ۋە مۇھىم قاتناش تۈگۈنلىرىگە خىتايچە ۋە گېرمانچە قىلىپ «خىتايدىن كەلگەن بارلىق يولۇچىلار، ميۇنخېن سەھىيە ئىشخانىسى سىزدىن دەرھال ئىشخانىمىزغا كېلىپ كورونا ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىش ئەھۋالىڭىزنى تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەلەپ قىلىدۇ» دەپ يېزىلغان ئېلانلار چاپلىۋېتىلىپتۇ. دورىخانىلاردىكى ماسكىلار، دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى سېتىلىپ بوپتۇ. نۇرغۇنلىغان ئىستېمال بۇيۇملىرى دۇكانلىرىدىكى يېمەكلىكلەر تۈگەپتۇ. زاكاز ئارقىلىق مال يەتكۈزۈپ بېرىدىغان شىركەتلەر مۇخبىرلارغا ئامبارلىرىدا يېتەرلىك دەرىجىدە يېمەكلىك قالمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپتۇ.

خەۋەرلەردە ئەسكەرتىلىشىچە، ميۇنخېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ماشىنا يەرمەنكىسى ۋە بىرقانچە مىليون كىشى قاتنىشىدىغان خەلقئارالىق چوڭ كۆرگەزمىلەر بىكار قىلىنىپتۇ. يەنە خەلق كۆپ قاتنىشىدىغان چوڭ لېكسىيەلەر ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپلا قالماي، ھەر خىل يىغىلىشلار توختىتىلىپتۇ ھەمدە بىر قىسىم مەكتەپلەر ئوقۇشتىن توختاپتۇ. گەرچە بۇ ھەقتە ھۆكۈمەت دائىرىلىرى خەلقنى ساراسىمىگە سالماسلىق ئۈچۈن ئوچۇق-ئاشكارا جىددىي چاقىرىقلار ئېلان قىلمىغان بولسىمۇ، مەتبۇئاتلاردىكى كورونا ۋىرۇسىغا ئائىت ئۈزۈلمەي ئېلان قىلىنىۋاتقان ئۇچۇرلارنى كۆرگەن خەلق بولۇۋاتقان ھادىسىلەردىن ساراسىمىگە چۈشۈپ ئوزۇق-تۈلۈك يىغىۋېلىشقا كىرىشكەن ئىكەن. ميۇنخېندىكى ئىستېمال بۇيۇملىرى دۇكانلىرىدىكى جىددىيچىلىكنىڭ سەۋەبىنى مانا ئەمدى چۈشەنگەندەك بولدۇم.

گېرمانىيەدە نەشردىن چىقىدىغان «دۇنيا»، «كۈندىلىك گېزىت»، «مېركۇر»، «كەچلىك گېزىت»، «جەنۇبىي گېرمانىيە گېزىتى» قاتارلىق گېزىتلەرنىڭ 3-مارتتىكى باش سەھىپىلىرىنى ميۇنخېندىكى كورونا ۋىرۇسى خەلق ئىچىدە پەيدا قىلىۋاتقان ئەندىشىلەر ئىگىلىگەن ئىكەن. 4-مارت كۈنى يەنە بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلار مەتبۇئاتلارنى قاپلىغان. «كۈندىلىك گېزىت» بۈگۈن ئۆز سەھىپىسىدە «كورونا ۋىرۇسىدىن جىددىي ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى: ميۇنخېن شىركەتلىرىنىڭ پىلانلىرى كىرىزىسكە ئۇچرىدى» ناملىق خەۋەر ئېلان قىلدى.

خەۋەردە كورونا ۋىرۇسىنىڭ تېز كېڭىيىپ ميۇنخېندىكى چوڭ شىركەتلەرنىڭ تىجارىتىگە تەسىر كۆرسەتكەنلىكى، BMW ماشىنا زاۋۇتىدىكى بىر يۇقۇمدار ئىشچىنىڭ دوختۇرخانىغا، قالغان 150 ئىشچىنىڭ ئۆيىگە قايتۇرۇلغانلىقى، ميۇنخېندا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان «خەلقئارالىق قول ھۈنەر بۇيۇملىرى يەرمەنكىسى» نىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقى، «پروزىبېنسات. 1» تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ رەھبىرى ماكس كونزېنىڭ كورونا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى سەۋەبلىك بۇ قانالنىڭ 200 نەپەر ئىشچىسىنىڭ ئۆيىدە خىزمەت قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرغانلىقى قاتارلىقلار بايان قىلىندى. دېمەككى، ۋەزىيەت بىرئاز جىددىي ئىدى.

گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرى ياۋروپادىكى ئۇيغۇرلار نىسبەتەن كۆپ توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ چوڭ تەشكىلاتى بولغان د ئۇ ق قۇرۇلغان ۋە ئۇنىڭ مەركىزى جايلاشقان شەھەردۇر. بۈگۈنكى بۇ ۋەزىيەتتە «كورونا ۋىرۇسىنىڭ تەھدىتى ئەجەبا ئۇيغۇرلارغىمۇ تەسىر كۆرسەتكەنمىدۇ؟» دېگەن سوئال تۇغۇلدى. بۇ سەۋەبتىن بىرقانچە كۈندىن بۇيان ميۇنخېندا بولۇۋاتقان ئىشلار ھەمدە كورونا ۋىرۇسىنىڭ ئۇيغۇرلاردا پەيدا قىلغان تەسىرى ھەققىدە مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن بۇ شەھەردىكى بىر قانچە كىشىنى زىيارەت قىلدۇق.

مەركىزى ميۇنخېندا بولغان «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى» نىڭ رەئىسى ئەسقەرجان ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا كورونا ۋىرۇسىنىڭ ياۋروپادا ئەندىشىلەرگە سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ميۇنخېندىكى جامائەت ئەربابلىرىدىن نۇرئەھمەت قارىم بۇ شەھەردىكى كىشىلەرنىڭ ئۇزۇن ساقلىغىلى بولىدىغان يېمەكلىكلەرنى بەس-بەستە سېتىۋېلىپ كېلەچەكنىڭ تەييارلىقىنى قىلىۋاتقانلىقىنى، ئۆزىنىڭمۇ بەلگىلىك دەرىجىدە ھازىرلىق قىلغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇيغۇر زىيالىيسى ھىلالدىن ئەپەندى بولسا ئۆزىنىڭ ئانچە بەك ئەنسىرەپ كەتمىگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت