گوللاندىيەدىكى ئارنېم شەھىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى سەۋەبىدىن ۋۇخەن بىلەن بولغان «قوشكېزەك دوستلۇقى» نى بىكار قىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە بۇ تۇيۇقسىز قارار 7-ئاينىڭ 21-كۈنى ئارنېم شەھەرلىك كېڭەش ئەزالىرى شەھەر باشلىقىنىڭ ۋۇخەن بىلەن بولغان دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى داۋام قىلىش تەكلىپىنى مۇتلەق كۆپ سانلىق ئاۋاز بىلەن رەت قىلغاندىن كېيىن چىقىرىلغان.
«ھىندىستان ۋاقتى گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بېلەت تاشلاش جەريانىدا سىياسىي پارتىيەلەر: «بىز خىتايدا كەڭ كۆلەمدە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى يۈز بېرىۋاتقانلىقىغا، ئۇيغۇرلار ۋە خىتايدىكى باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەھۋالىنىڭ كۈندىن-كۈنگە ناچارلىشىۋاتقانلىقىغا ئىشىنىمىز. بۇ ئەھۋال ئاستىدا خىتاي بىلەن بولغان شەھەر ئالاقىسىنى ساقلاپ قېلىش ئەخلاقسىزلىق» دېگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئارنېم شەھىرى بىلەن ۋۇخەن شەھىرى ئارىسىدىكى «قوشماق شەھەر» كېلىشىمى 1999-يىلى ھاسىل قىلىنغانىكەن.
گوللاندىيە ئارنېم شەھىرىنىڭ خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرى بىلەن بولغان قوشكېزەك دوستلۇقى گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ كېلىۋاتقانىدى. ئۇلار بۇنىڭغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزگەن ۋە شۇنداقلا گوللاندىيە پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشۈشكە.
گوللاندىيە «ئومروپ خەۋەرلەر تورى» دا كۆرسىتىشىچە، گوللاندىيە «خىرون لىنكس» تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى تۇلاي گېمىچى ئەپەندىم بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېگەن: «بۇ نامايىشلارنى ماڭا پايدىسى بولدى. مەن ئاللىبۇرۇن ئۇيغۇرلار توغرىسىدا چىقارغان رەسىملەرنى كۆرگەن ۋە ئۇ يەردە يۈز بەرگەن دەھشەتلىك جىنايەتلەر توغرىسىدىكى ماقالىلەرنى ئوقۇغانىدىم. بىز ئارنېم شەھىرىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى بۇنداق باستۇرۇشىغا يول قويماسلىقى ئۈچۈن، بۇ دوستلۇققا قاتناشماسلىقنى قارار قىلدۇق».
بىز تۇلاي گېمىچى ئەپەندىم بىلەن ئالاقىلىشىش ئۈچۈن تىرىشقان بولساقمۇ، جاۋاب كەلمىدى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان گوللاندىيەدە تۇرۇشلۇق سىياسىي پائالىيەتچى ئاسىيە ئۇيغۇر خانىم گوللاندىيە ئارنېم شەھىرىنىڭ خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرى بىلەن بولغان دوستلۇقنى ئۈزۈشىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ ياكى خىتايغا زەربە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
نۆۋەتتە گوللاندىيەنىڭ بېرىدا شەھىرى بىلەن دەنبوش شەھەرلىرىمۇ خىتاينىڭ باشقا شەھەرلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈشكە بەل باغلىغان بولۇپ بۇنىڭدىن بۇ سەپكە قوشۇلىدىغانلارنىڭ كېڭىيىش ئېھتىماللىقى بار ئىكەن.
ئاسىيە ئۇيغۇر خانىم يەنە شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ بۇ قارارنى چىقىرىشىغا سەۋەب بولغان ئامىللار ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتتى.
يېقىندىن بۇيان گوللاندىيەدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا دائىر دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ كۆپلەپ ئوتتۇرىغا چىقىشى بىلەن گوللاندىيە خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە بولغان تونۇشى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
گوللاندىيە پارلامېنتى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش ھەرىكىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ ئېتىراپ قىلغانىدى.